مېكسىكا

ئورنى Wikipedia

مېكىسىكا (رەسمى نامى: مېكسىكا بىرلەشكەن دۆلەتلىرى، مېكسىكا قوشما شىتاتلىرى؛ ئىسپانچە: Mexico، مەخىكو؛ Estados Unidos Mexicanos) ئوتتورا ئامېرىكا قىتەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. مېكسىكىنىڭ دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى. مېكسكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدۇر. مېكسىكا 1500 يىللىرى ئەتىراپىدا يېڭى دۇنيا بايقاش دولقۇنى باشلانغان مەزگىلدە ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئەۋەتكەن ئېكىسپىدىيەتچى ھېرنەندو كورتاز تەرىپدىن يەرلىك ئۇلۇسلۇنى ياكى قەبىللىلەرنى ئالداش ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بويسۇندۇرۇپ، يەرلىك خەلىقلەرنى قۇل قىلىش، ئېزىش ئارقىلىق بەرپا بولغان بىر دۆلەت. ئىسپانيە ھۈكۈمدرالىرنىڭ مېكسىكا ۋە باشقا خىسپەنىڭ رايونلارنى مۇستەملىككە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتى كاتولىك دىنىنى تارقىتىش، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش، ئىسپان تىلىنى ۋە مەدەنيىتىنى كېڭەيتىش. مېكسىكا 1810-يىلى ئىسپانىيە ئېمىپرىيەسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. شۇنداقتىمۇ، لېكىن ئەجنەبى ئۇرۇقىدىن بولغان ھۈكۈمدارلار يەرلىك خەلىقلەرنى ئاسسىلماتسىيە قىلىشنى، ئېزىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە مېكسىكىنىڭ كۆپ قىسىم نوپۇسى ئارلاش قانلىقلاردۇر.

مېكسىكا
دۆلەت بايرىقى