نىلسۇن ماندىلا

ئورنى Wikipedia

نىگىرلارنىڭ قەھرىمانى – نىلسۇن ماندىلا

نېلسۇن لولخېلا خېلا ماندىلا 1918 –يىلى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى جەنۇبى ئافرىقا ترانسىكا دىكى بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن . ئىلگىرى ئاخرى بۇلۇپ ، جەنۇبى ئافرىقا ئىنسىتىتۇتى ئەدىبىيات ئاسپىرانتلىق ۋە ۋېيتاۋ ترانسىكا ئىنسىتۇتى ئادۋۇكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن ، ئادۋۇكاتلىق قىلغان . ماندىلا كىچىكىدىنلا باشلاپ خاراكتىرى قەيسەر ، مىللى قەھرىمانلارغا چوقۇندىغان بۇلۇپ ، ئۇ ئائىلىدىكى چوڭ ئوغۇل بولغاچقا قەبىلە باشلىقىنىڭ ۋارىسلىقىغا تاللانغان . بىراق ئۇ « قەبىلە باشلىقى نامى بىلەن بىر ئىزىلىۋاتقان ئۇرۇقنى ئىدارە قىلمايمەن ، بىر جەڭچى نامى بىلەن مىللەتنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشىمەن » دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن . ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مىللەتنىڭ ئازاتلىقى يولىدا تەۋرەنمەسىتىن ماڭدى . 1944 – يىلى ئۇ جەنۇبى ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللى مەجلىسىگە قاتناشتى . 1948 –يىلى ئافرىقىلىق ياشلار بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ سىكىرتارلىقىغا سايلاندى . 1950 – يىلى ئافرىقىلىق ياشلار بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى . 1952-يىلى ئىلگىرى – كىيىن بۇلۇپ ئافرىقىلىقلار مىللى مەجلىسىنىڭ ئىجرائىيە كومىتىتى رەئىسى ، دېلەنشا ئۆلكىلىك رەئىسى ، مەملىكەتلىك مۇئاۋىن رەئىسىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى . شۇ يىلنىڭ يىل ئاخرىدا « ئادىل بولمىغان قانۇن – بۇيرۇقلارنى بايقۇت قىلىش ھەركىتى » گە رەھبەرلىك قىلىپ ، پۈتۈن نىگىرلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى ، جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرى ئىككى قېتىم ئۇنىڭ ئاممىۋى خاراكتىرلىك ھەركەت – سورۇنلارغا قاتنىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

1961 –يىلى 6 –ئايدا ماندىلا ئافرىقىلىقلار مىللى مەجلىسىنىڭ ھەربى تەشكىلاتى « مىللەت نەيزىسى » تەشكىلاتىنى قۇرۇپ ، قۇمانداقلىقنى ئۈستىگە ئالدى . 1962 –يىلى 8 –ئايدا ماندىلا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى ، شۇ ۋاقتتا ئۇ ئارانلا 43 ياش ئىدى ، جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى سياسى تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ۋە قانۇنسىز چىگرا ئاتلىغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 5 يىللىق تۇرما جازاسى بەردى . 1964 – يىلى 6 –ئايدا ئۇ يەنە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۋېتىشنى قەستلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇمۇر پەنجىرە ئىچىدىكى ئۇزاق ھاياتى باشلاندى ، ئۇ تۈرمىدە ساپمۇ – ساق 27 ياز ۋە قىشنى ئۆتكۈزدى ، ئۇ بۇرغۇنلىغان قىستاش ۋە ئازاپلاشلارغا ئۇچرىدى ، بىراق باشتىن – ئاخىر بوي ئەگمىدى . 1990 – يىلى 2 –ئاينىڭ 11 –كۈنى ، جەنۇبى ئافرىقا دائىرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ بېسىمى ئالدىدا ، ئامالسىزلىقتىن ماندىلانى شەرتسىز قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى جاكالىدى . شۇ يىلى 3 – ئايدا ماندىلا ئافرىقلىقلار مىللىى مەجلىسى ئىجرائىيە كومىتىتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ، رەئىسنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزدى . 1991 – يىلى 7 –ئايدا رەئىسلىككە سايلاندى . 1994- يىلى 4 – ئايدا ، ئافرىقىلىقلار مىللى مەجلىسى تۇنجى قېتىملىق ئېرق ئايرىلمىغان چوڭ سايلامدا غەلبىگە ئىرىشىپ ، شۇيىلى 5 – ئايدا ماندىلا جەنۇبى ئافرىقىدىكى تۇنجى نىگىر پىرىزدىنىت بۇلۇپ قالدى . 1997-يىلى 12 –ئايدا ، ماندىلا ئافرىقىلىقلار مىللى مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بەردى ، ھەم 1999 –يىلى 6- ئايدىكى پىرىزدىنت سايلىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى ، 1999 –يىلى 6 – ئايدا رەسمى تۈردە ئىستىپا بەردى .

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن « ئەركىنلىك يولى ھەرگىزمۇ تۈز بولمايدۇ » ،« كۈرەش بولسا تۇرمۇش » ، « دۇنيا ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش خىتاپنامىسى » ، ئۈزىنىڭ تەرجىمىھالى « ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول » قاتارلىقلار بار .

1991 –يىلى ب د ت دىن –مائارىپ تەشكىلاتى ماندىلاغا تىنچلىققا ئىرىشىش مۇكاپاتى بەردى . 1993 –يىلى 10 ئايدا نوبل تنچلىق مۇكاپاتى ھەيئىتى ئۇنىڭغا نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بىرىپ ، ئۇنىڭ جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىرقى كەمسىتىش سياسىتىنى بىكار قىلىش يولىدىكى تۆھپىلىرىنى تەقدىرلىدى . شۇيىلى ئۇ يەنە شۇ ۋاقتتىكى جەنۇبى ئافرىقا پىرىزدىنتى كىرىك بىلەن بىرگە ئامىرىكىنىڭ تىنچلىق ئوردىنىغا ئىرىشتى . 1998 –يىلى 9 –ئايدا ماندىلا ئامىرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئامىرىكىنىڭ « دۆلەت مەجلىسى ئالتۇن مۇكاپاتى » غا ئىرىشىپ ، ئامىرىكىدىكى مەزكۇر ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات تۈرىگە ئىرىشكەن تۇنجى ئافرىقىلىق بۇلۇپ قالدى . 2000 –يىلى 8 – ئايدا جەنۇبى قىسىم ئافرىقىلىقلار تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ « كاما » ئوردىنىغا ئىرىشىپ ، جەنۇبى ئافرىقا خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، ئەركىنلىككە ئىرىشىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرىشى ئارقىلىق ، كونا جەنۇبى ئافرىقىنىڭ يىڭى جەنۇبى ئافرىقىغا تىنچ ئۆتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ھەم جەنۇبى ئافرىقىلىقلار تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدىكى شانلىق تۆھپىلىرى تەقدىرلەندى .

1992 –يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگۇنى زىيارەت قىلدى . 5 – كۈنى بېيجىڭ ئىنسىتىتوتى ئۇنىڭغا قانۇنچىلىق پەخرى ئۇنۋانىنى بەردى . 1999 –يىلى 5 – ئايدا پىرىزدىنت ماندىلا تەكلىپ بويىچە خۇڭگۇدا زىيارەتتە بولدى . ئۇ تۇنجى رەت جۇڭگۇنى زىيارەت قىلغان جەنۇبى ئافرىقا پىرىزدىنتى .


نېلسون ماندېلا 20 - ئەسىرگە مۆھۈرىنى باسقان مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى.

ئۇ، تەن رەڭگى ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە دۇنياغا كەلدى ۋە بىر ئۆمۈر ھەممە كىشىنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھارماي - تالماي كۈرەش قىلدى.

تولۇق ئىسمى نېلسون رولىھلاھلا ماندېلا بولغان مىسلىسىز لىدەر، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسكېي رايونىدا تېمبۇ قەبىلىسى رەئىسىنىڭ ئوغلى سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدى.

كىچىك يېشىدىلا ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسىتى بىلەن دىققەت قوزغىغان ماندېلا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولدى.

ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇدى. ھۆكۈمەتكە قارشى ماقالە يازغانلىقى ۋە نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوغلاندى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارتىۋېلىندى.

ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا، تىرانسكېيدىن ئايرىلىپ تىرانسۋائالغا كەتتى. بۇ يەردە بىر مەزگىل ئالماس كانلىرىدا مۇھاپىزەتچى بولۇپ ئىشلىدى.

بۇ مەزگىلدە، يېرىم قالغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى مەكتۇپ ئارقىلىق داۋاملاشتۇردى.

1942 - يىلى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك ئادۋۇكاتى بولدى.

جوھانېسبۇرگنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىدە ئادۋۇكاتلىق قىلغان مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن ئىرقچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس مۇستەملىكىچىلىك پىلانلىرى، ماندېلانىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

1944 - يىلى يەرلىك خەلق تەرىپىدىن ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولدى.

ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىللىي پارتىيە، 1948 - يىلى ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغان چاغدا، ئەڭ كۆپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن بىرى بولدى.

شۇ يىلى ماندېلا ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپلىقىغا، 1950 - يىلى باشلىقلىقىغا سايلاندى.

ماندېلا، 1961 - يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قۇردى.

1962 - يىلى چەتئەلنىڭ «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چەتئەلگە چىقتى. ئەنگىلىيە ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئايلاندى. بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ قورال - ياراغ ۋە پۇل جەھەتتىن ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىگە قايتىشىدا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، رۇخسەتسىز چەتئەلگە چىقىپ كېلىش، خەلقنى كۈشكۈرتۈش، بۇزغۇنچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەمدە سۈيىقەست پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى ۋە 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ماندېلا، روبىن ئايلىند ئارىلىدىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقاندا، ساقچىلار 1963 - يىلى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، «مىللىي قىلىچ» تەشكىلاتىغا ئائىت بىر قاتار ھۆججەتلەر بىلەن ھەرىكەت پىلانلىرىنى قولغا كىرگۈزدى.

ماندېلا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، سوتقا تارتىلغاندىن كېيىن، «جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تاشلاش ئۈچۈن مەخپى پىلان تۈزۈش ۋە قانۇنىي ئورگانلارغا قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش» جىنايەتلىرى ن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

شۇندىن تارتىپ نېلسون ماندېلا، ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغان ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.

«دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر مەھكۇم» دەپ ئاتالغان ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشىنى پۈتكۈل دۇنيادا قانات يايدۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دۇنياۋى قەھرىمانغا ئايلانغان ماندېلا، 1990 - يىلى 11 - فېۋرال كۈنى كېيپ تاۋن تۈرمىسىدىن چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەركىنلىككە ئېرىشتى.

ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن چاغدا 71 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. پەقەت قارا تەنلىكلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ماندېلانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.

ماندېلا رەھبەرلىكىدىكى ئافرىقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى كۈرىشى، 1992 - يىلى 18 - مارت كۈنى مېۋە بېرىشكە باشلىدى؛ خەلق رايىنى سىناشتا، قارا تەنلىكلەرگە تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش نىشان قىلىنغان ۋە پىرېزىدېنت دې كىلېرك تەرىپىدىن پىلانلانغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.

دائىم، «كۈرەش مېنىڭ ھاياتىم بولۇپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە قارا تەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىمەن» دەيدىغان ماندېلا، 1994 - يىلى 10 - ماي كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولدى.

پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يېڭى بىر ئاساسىي قانۇن ھازىرلاتقان ماندېلا، قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلغان «ھەقىقەتچىلىك ۋە مۇرەسسەلىشىش كومىتېتى» نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق دۆلىتىدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ تۈكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

جەنۇبىي ئافرىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھارماي - تالماي كۈرەش قىلغان ماندېلا، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئوينىدى.

ئافرىقا خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلا، 40 يىل ئىچىدە 250 تىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەرلىك تىللىرىدىن بىرى بولغان زوسا تىلىدا «مىللەتنىڭ ئاتىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان مادىبا تەخەللۇسى بىلەن ئاتىلىدىغان ماندېلا، ھازىرقى زامان سىياسىيونلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى سۈپىتىدە تارىختىن تېگىشلىك ئورۇن ئالدى. http://www.trtuyghur.com/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=62ca2442-53ce-4a86-abb1-e00c5b262e3e

ماندىلانىڭ 9 چوڭ كىلاسسىك سۆزى

1 –نىگىرلار ۋە ئاق تەنلىكلەر قېرىنداشتەك بولسا ، جەنۇبى ئافرىقا شۇندىلا روناق تاپىدۇ . 2 – « ئاشۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ، تەنھا ۋاقتلار ئىچىدە ، مىنىڭ ئۈزۈمنىڭ خەلقىنىڭ ئرزاتلىققا ئىرىشتۇرۇش ئارزۇيۇم پۇتۈن ئىنسانلارنى جۈملىدىن ئاق تەنلىك ۋە نېگىرلارنىڭ ھەممىسىنى ئازاتلىققا ئىرىشتۈرۈش ئارزۇسىغا ئۆزگەردى » ، ماندىلار ئۇرۇش ۋە تىنچلىققا قارىتا ئۈزىگە خاس چۈشەنچىگە ئىگە .

3-« ئىكىسپالاتاتسىيە قىلغۇچىمۇ ۋە ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىنغۇچىمۇ ئوخشاشلا ئازات قىلىنىشى كىرەك . باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان ئادەم بولسا ئۆچمەنلىكنىڭ مەھبۇسى ، ئۇ يەكلەش ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ تۈمۈر قەپىسىگە بەنت قىلىنغان . »

4 - « مەن ئۈزۈمنىڭ بۇ ھاياتىنى ئافرىقا خەلقىنىڭ كۈرىشىگە ئاتىۋەتتىم ، مەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقى ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرىمەن ، شۇنداقلا نىگىرلارنىڭ مەخسۇس تۈزۈلمىسى ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىشقىمۇ قارشى تۈرىمەن . مەندە بىر دىمۇكراتىك ۋە ئەركىن جەمىيەت قۇرۇشتەك گۈزەل غايە بار ،بۇنداق جەمىيەتتە كىشىلەر ئۆز – ئارا ئىناق ، چىقىشىپ ياشاش ، باراۋەر بۇلۇش پۇرسىتى بار . مەن بۇ غايە ئۈچۈن ياشاشنى ئۈمت قىلىمەن ھەمدە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن . ئەگەر كىرەك بولسا ، مەن ئۇ غايەم ئۈچۈن ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشقىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويدۇم » 1964 –يىلى ماندىلا ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندا ، ماندىلانى سوراق قىلدىغان سوت ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىنىڭ جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ھەمدە خەلقنى ئويغىتدىغان مۇنازىرە سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى . ئۇ 4 سائەتتىن ئاشىدىغان بايانىتىنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى .

5 - « بۇ قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىدا ، بىر ئامىرىكا ۋە بۇشنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى تۇلۇق كۆردۇق ، زادى كىم ھەقىقى تۈردە دۇنياغا تەھدىت بۇلاۋاتىدۇ ؟! »--- ماندىلا ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭ ئىراقنىڭ ئاساسى ھوقۇقىغنى خالىغانچە ئاياغ – ئاستى قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى .

6 - « سىز (كىلىنتۇن ) خوشال بولمىسىڭىز ، يۇيۇنۇش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزۈڭ ! » -- ماندىلا باشقىلارنىڭ جەنۇبى ئافرىقىغا بۇيرۇقۋازلىق قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى ، 1998 –يىلى كىلىنتۇن جەنۇبى ئافرىقىنى زىيارەت قىلغاندا ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىندا ، ماندىلا ئاشكارا ھالدا جەنۇبى ئافرىقىنىڭ كۇبا ، ئىران ، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇزاققا قالماي ئىرانغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىن ئىلان قىلىپ ، يېنىدا تۇرغان كىلىنتۇننى قاتتىق بىئارام قىلغان .

7 - « مەن ئۈزۈمنىڭ رولىنى ئويناپ بولدۇم . ھازىر پەقەت تىنچ ، غەۋغاسىز تۇرمۇشنى ئۈمىت قىلىمەن . مەن ئۈزۈمنىڭ يۇرتۇمنىڭ يېزا = قىشلاقلىرىغا قايتىپ ،ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئوينايدىغان تاغ قاپتاللىرىدا سەيلە قىلغۇم بار » --- دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن ماندىلا بىر ئاددى پۇقرا بۇلۇشقا رازى .

8 – « مەن شاتلىقنى ئىپادىلەيدىغان رەڭلەر بىلەن ئۇ ئارالنى سىزغۇم بار ھەم پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن ئورتاق بەھرىلەنگۈم بار . مەن كۆپچىلىككە شۇنى دىمەكچىمەنكى ، پەقەت بىز تۇرمۇشتىكى ئىلان قىلىنغان جەڭلەرنى قۇبۇل قىلالىساق ، ئەڭ غەيرى خىياللارنىڭمۇ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى بۇلىدۇ » ماندىلا 84 يېشىدا جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى . 27 يىللىق تۇرمە ھاياتىدا ، ماندىلا ياغاچ كۈمۈرى ماي قەلەم بىلەن رەسىم سىزىپ ۋاقتنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئاستا ئاستا ئۈزىنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن . سىزىقلىرى ئاددى ، رەڭلىرى مول . ئۇ رەسسامچىلىق قەلىمى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ تۈرمە ھاياتىدىكى ھىكايىلىرىنى تەسۋىرلەشكە ئامراق ، بىراق ھەرگىزمۇ « قاراڭغۇلۇق ۋە ۋەھىمىلىك » رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلەتمەيدۇ ، بىلكى ئۇچۇق ، يەڭگىل رەڭلەرنى تاللايدۇ .بۇ ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئۇمىدۋارلىق روھى ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ .

9 - « غەم قىلماڭ ، ئۈزىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ ، خوشال بولىشىڭىز كىرەك » --- 85 ياشلىق ماندىلا يەنىلا تىتىك ، خاراكتىرى ئۇچۇق . بۇ 30 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن مويسىپىتنىڭ قەلبىدە ، ئەركىنلىكنىڭ ئۈزى بەخت . « بۇگۈندىن باشلاپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئىككى مۇھىم مەزمۇن قېتىلدى ، بىرىنجىسى گىراسا . ئىككىنجىسى بولسا مۇزامبىككا بېرىپ چوڭ راك يىيىش » --- ماندىلا موزامبىكنىڭ ئالدىنقى زۇڭتۇڭىنىڭ تۇل ئايالى بىلەن ھەمرا بۇلۇپ ئاخىرقى ئۆمۈرلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ .