پاۋلونىيە دەرىخى

ئورنى Wikipedia

پاۋلونىيە(ئاق چىنار) دەرىخى خىتايدىكى تېز ئۆسۈپ ماتېرىيال بولىدىغان مەشھۇر دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى يوغان، يوپۇرمىقى چوڭ، تۈكچىلىرى كۆپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چاڭ-توزانلارنى يېپىشتۇرۇپ ھاۋانى ساپلاشتۇرالايدۇ ھەمدە گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد، فتور گازى، ھىدروفتورىد، نىترات كىسلاتا تۇمانلىرى قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك قارشىچانلىققا ئىگە. تەبىئىي چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ دېيىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پاۋلونىيە دەرىخى

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Paulownia Sieb

خىتايچە ئىسمى :泡桐

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :ماگۇنۇلىيە سىنىپى

تۈركۈمى :چۇقا تۈركىمى

ئائىلىسى :چوقا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :پاۋلونىيە دەرىخى ئۇرۇقدېشى

تۈرى :پاۋلونىيە دەرىخى

پاۋلونىيە دەرىخى ھەققىدە[تەھرىرلەش]

پاۋلونىيە(ئاق چىنار) دەرىخى خىتايدىكى تېز ئۆسۈپ ماتېرىيال بولىدىغان مەشھۇر دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى يوغان، يوپۇرمىقى چوڭ، تۈكچىلىرى كۆپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چاڭ-توزانلارنى يېپىشتۇرۇپ ھاۋانى ساپلاشتۇرالايدۇ ھەمدە گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد، فتور گازى، ھىدروفتورىد، نىترات كىسلاتا تۇمانلىرى قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك قارشىچانلىققا ئىگە. تەبىئىي چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچ دېيىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • پاۋلونىيە دەرىخى ھەققىدە
  • تۈر ۋە تىپلىرى
  • ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە
  • ئىشلىتىش قىممىتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

تۈر ۋە تىپلىرى[تەھرىرلەش]

پاۋلونىيە دەرىخى چوقا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە، كاتالپا يوپۇرماقلىق پاۋلونىيە، تۈكلۈك پاۋلونىيە، لەن كاۋ پاۋلونىيىسى، سىچۇەن پاۋلونىيىسى قاتارلىقلار بار.

ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە[تەھرىرلەش]

ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە 27 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 2 مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئېللىپسسىمان ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك، ئاددىي يوپۇرماق، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەنكى يۈزىنى ئاق رەڭلىك يۇلتۇزسىمان تىۋىت تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە يوپۇرماقتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ. خۇش پۇراقلىق يوغان بىنەپشە گۈلى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك چىرايلىق، سېنتەبىر-ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىلىقىدا غوزا مېۋىلىرى كۆپلەپ پىشىدۇ.

ئىشلىتىش قىممىتى[تەھرىرلەش]

پاۋلونىيە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى تېز، 5 −6 يىلدىلا ماتېرىيال قىلىشقا يارايدۇ. خەلق ئىچىدە «بىر يىلدا بىرنى تىكسىڭىز، بەش يىلدا تاختاي تىلىسىز» دېگەن سۆز بار. پاۋلونىيىنىڭ ياغىچى يېنىك، يۇمشاق، ئېلاستىكلىقى ياخشى، قېيىپ قالمايدۇ، يېرىلمايدۇ، ئۆرۈش سىزىقلىرى چىرايلىق، ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدۇ، نەملىشىشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، قۇرت يېمەيدۇ، ئاسان كۆيمەيدۇ، پەنەركە ئىشلەش، ئۆي جاھازلىرى، ساندۇق تاختىلىرى ياساش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنىڭ سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. پاۋلونىيە ياغىچىنىڭ يېنىك، بوش، چۈرۈك، سىلىق بولۇشتىن ئىبارەت «تۆت ياخشى» تەرىپى بولغاچقا، چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ قېپى قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.