پىيما (ئاياق كىيمى)

ئورنى Wikipedia
ئۇيغۇرچە نامى پپىيما
تۈرى ئاياغ كىيمى
خام ماتېرىيالى قوي/ئۆچكە يۇڭى

پىيما (ئېنگلىزچە: Felt boots، ئاددى خەنچە: 毡靴 ) ئۇيغۇر لارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ھەرخىل پىيما (ئىنىيۇت ياكى ئەسكىمو ئاھالىلىرىنىڭ پىيمىسى)

پپىيما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيمى، پىيمىنى كىيىش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە قىلىپ ئىتىشكە بولىدۇ. پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغۇق قاتتىق بولىدىغان رايونلاردا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە بولىدۇ.

ياسىلىشى[تەھرىرلەش]

پپىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا ئىتىشكە بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ. ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ. پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

ھازىرقى ھالىتى[تەھرىرلەش]

تۈبۈت ئەسكەرلىرى پىيما كېيىپ قارغا ئېىتىش مەشىقىدە (تىبەت ياكى تۈبۈت ئىكىسى ئوخشاش مەندە)

ھازىر پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلغان. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات ئويېكتى قىلماقتا.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى