پېنك مۇزىكىسى

ئورنى Wikipedia


ئەڭ شاۋقۇنلۇق مۇزىكا پېنك مۇزىكىسى، 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ئەنگىلىيدە پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

ئەڭ شاۋقۇنلۇق مۇزىكا پېنك مۇزىكىسى، 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ئەنگىلىيدە پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان. پېنك مۇزىكىسى تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بىر خىل تەرتىپسىز، قوپال، ئىپتىدائىي مۇزىكا شەكلىدۇر. مۇزىكا شاۋقۇن -سۈرەن، غەزەپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن تولغان، كىشىگە كۈچلۈك زەربە قىلىدۇ، بەزىلەر بۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. پېنك ناخشىچىلىرى دائىم سەھنىدە بىر تەرەپتىن مۇزىكا چالسا، بىر تەرەپتىن سەۋدايىلارچە ۋارقىرايدۇ، ناھايىتى تەنتەك، تېرىككەك كۆرۈنىدۇ. پېنك مۇزىكانت، ناخشىچىلىرى ئەتەي يىرتىق كىيىملەرنى كىيىپ، چاچلىرىنى غەيرىي رەڭلەردە بوياپ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار ۋارقىراپ -جارقىراش، غەلىتە تۇرقى ۋە سەۋدايىلەرچە سەھنە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەمگەكچىلەر قاتلىمىدىكى ياشلار - ئۆسمۈرلەر جەمىئىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان.