پەنجىر تاغ

ئورنى Wikipedia

پەنجىر تاغ (ئىنگىلىزچە: Penjirtagh mountain) توقسۇن ناھىيەسىنىڭ كۆجەي بازىرىغا جايلاشقان، پەنجىر تاغ مول گېئولوگىيەلىك مەنزىرىسى بىلەن داڭلىق. بۇ تاغنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن بىر كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پەنجىر تاغ تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىدىكى «30 چاقىرىملىق شامال رايونى»غا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە شامال كۈچى كۈچلۈك، شامال سۈرئىتى تېز، كۈچلۈك شامالنىڭ ئۇپرىتىشى ۋە تاغدىكى يامغۇر سۈيىنىڭ ئېرىتىشى بىلەن بۇ مەنزىرە شەكىللەنگەن.

باشقا تاغلارنىڭ پەرقى[تەھرىرلەش]

پەنجىر تاغ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى جىلغىنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بويان، شىددەتلىك بوران چاپقۇن، يامغۇر - يېشىنلارنىڭ تەسىرىدە تاغ يۈزىدە ھاسىل بولغان ئاجايىپ-غارايىپ كاۋاكچىلار ۋە پەنجىرسىمان تۆشۈكچىلەرگە قاراپ مۇشۇنداق نام قويغان. تاغنىڭ چوققىلىرى خۇددى ھەرە كۆنىكىدەك ئۆتمە-تۈشۈك بولۇپ كەتكەچكە، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغان.

خىتايچە: 盘吉尔塔格山