گېئولوگىيە

ئورنى Wikipedia

گېئولوگىيە[تەھرىر]

گىرىك تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ "گېئو" دېگىنى "يەر ياكى يەرشارى"، "لوگى" دىگىنى قانونىيىتى دېگەننى بۈلدۈرىدۇ. گېئولوگىيە قاتتىق ھالەتتىكى يەر شارىنى مەركەز قىلغان پەن بولۇپ، ئۇنى تۈزىگەن تاشلانى ۋە ئۇنىڭ تەرەقىيات جەريانى تەتقىق قىلىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا يەرشارىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، قىتتەلەنىڭ ئايرىلىش ۋە ھەركەتلىنىش قانونىيىتى، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققى قىلىشى، قەدىمكى كىلىمات ۋە ئۆزگىرىش قانونىيىتى قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى زامان گېئولوگىيەسى ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇھىم رول ئوينادىغان بولۇپ مىنىرال، ھىدروكاربون نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە سۇ مەنبەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت كىشلىك تۇرمۇش ۋە جەمىيەتتە تەبىئى ئاپەتلەدىن ساقلىنىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بىرىش، خەلىققە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كىلىمات ئۇزگۇرۇش جەريانلىرىنى چۇشۇنۇشتە ئىنتايىن مۇھىم ئاچقۇشلۇق رولى بار.

تار مەنىدىكى گېئولوگىيە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخى:[تەھرىر]

گېئولوگىيە ئىلمى بولسا يەر شارىنىڭ ماددىي جەھەتتىن تەشكىللىنىشى، ئىچكى قۇرۇلۇشى، سىرتقى ئالاھىدىلىكى، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلىم سىستېمىسىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ يەر شارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بارا-بارا چوڭ بولماقتا. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا چەكلىمىلىكى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە. قانداق قىلىپ يەر شارىدىكى بايلىقلاردىن ئەڭ كەڭ تۈردە پايدىلىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتاق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.

يەر شارى، شەكىللەنگەندىن كېيىنكى تۆت مىليارد 600 مىليون يىللىق ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇرەككەپ بولغان فىزىكىلىق، خىميىلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئاستىرونومىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلىمى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرماقتا. تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىللار ئىلگىرى، يەر شارىدا ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرى بايقالغان بولۇپ، جانلىقلار گېئولوگىيىلىك تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2-3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار پەيدا بولغان. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشقان. ئۇلار قاتتىق تاشلاردىن پايدىلىنىپ قۇرال ياساپ، مېنىرال تاشلاردىن پولات، تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئايرىپ ئېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسان پائالىيىتىنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى زورايغان ۋە گېئولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چەكلىمىچىلىك رولىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەنىدى.

سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ھەر قايسى سانائەت دۆلەتلىرى رايون خاراكتېرلىك گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاۋام بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئۇچراشتۇرۇپ خەلقنىڭ بۇ ئىلىمنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەت 20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، جەمئىيەت ۋە سانائەتنىڭ تەرەققىياتى تۈرتكىسىدە، نېفىت گېئولوگىيە ئىلمى، دولقۇن گېئولوگىيىسى ۋە قۇرۇلۇش گېئولوگىيە ئىلمى قاتارلىق پەنلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەن بولۇپ شەكىللەندى. گېئولوگىيە ئىلمىدىكى تارماق پەنلەر پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شۇ پەيتتە، تارماق پەنلەر ئۆز ئارا سىڭىشىپ، فىزىكا، ماتېماتىكا، خىمىيە قاتارلىق ئاساسىي پەنلەر بىلەن يۇغۇرۇلدى ۋە يېڭى تېخنىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، بىر قاتار ئارىلىق پەنلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

يەر تەۋرەش دولقىنى تەتقىقاتى بىزگە يەر شارىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرسە، يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى تىمپىراتۇرىلىق تاغ جىنىسلىرى تەتقىقاتى يەر پوستىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن ئىشەنچلىك ماددىي ئاساسلارنى يارىتىپ بەردى. يۇقىرىدا بايان قىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇقىم يۆنىلىشتىن مۇقىم مىقدار باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى تېزلىتىپ، گېئولوگىيە ئىلمىنى ماكرو ۋە مىكرو ساھەسىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى.

گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئوبيېكتى يەر شارىدۇر. يەر شارى بولسا يەر شارى جىسمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان ئاتمۇسفىرا قاتلىمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. يەر شارى جىسمى يەنە يەر پوستى، مانتىسسا قاتلىمى ۋە يەر يادروسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۆۋەتتە گېئولوگىيە ئىلمى ئاساسلىق ھالدا يەر شارى جىسمىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى يەنى يەر پوستى بىلەن مانتىسسا قاتلىمىنىڭ ئۈستۈنكى بۆلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. يەر پوستىنىڭ ماددىي تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى شۇنداقلا قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ شۇنداقلا ئۇلار خىمىيىلىك ، بىئولوگىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ تەتقىق قىلىش ناھايىتى تەس بولغان جىسىم دەپ قارىلىدۇ. تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تەسىرلەر ۋە گېئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا ، ئۆز ئارا چەكلەش ، ئۆز ئارا تەسىرلىشىش ۋە بىر-بىرىگە ئايلىنىشتەك مۇناسىۋەت شەكلى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاسىل بولۇشى، تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانى مۇئەييەن قانۇنىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلاردىكى گېئولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، رايونلاردا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوخشاشمايدىغان مېنرال ماددىلار بولىدۇ.

گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇ زامان ۋە ماكاننى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلالايدۇ، زامانلاردىن بۇيان تەتقىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان يەر شارىنىڭ تەتقىقات خاتىرىسى دەل تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىغا يەنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە شەكىللەنگەن يەر قاتلىمىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ. ئوخشىمىغان دەۋردىكى ماگمىلارنىڭ ئۇيۇشۇشىدىن ھاسىل بولغان لاۋا جىسىملار، ھەمدە ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان جىسىملار، ئوخشىمىغان دەۋرلەردىن قېپقالغان شەكلى ئۆزگەرگەن يادىكارلىقلار ھەممىسى يەر شارىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشتىكى ئاساسلىق تايانچ قۇراللاردۇر، ئەمما ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش ۋە يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش جەريانىدا بۇ خارابىلەر بارغانسېرى ئازلاپ ھەتتا يوقاپ كەتتى، مانا بۇ گېئولوگىيىلىك تەتقىقات يولۇققان ئەڭ قىيىن مەسىلە.

ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى تەبىئىي مۇھىتتىن يەنى گېئولوگىيىلىك، گىدرولوگىيىلىك مۇھىتتىن، ئاتمۇسفىرا قاتلىمى ۋە بىئولوگىيىلىك ئامىللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئامىللار ئۇزۇن مۇددەت بىر گەۋدىلىشىش نەتىجىسىدە، ئىنسانلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان نىسبەتەن مۇقىم بولغان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خالىغان بىر ئامىلدا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بىر پۈتۈن ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئاۋۋالقىدەك ماس كېلىدىغان، پايدىلىق مۇھىت بولۇپ قالالماسلىقى مۇقەررەر.

كەلگۈسىدە، گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىپ بارىدۇ. ماكان جەھەتتە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق تاغ جىنىسلىرى تېخىمۇ تەپسىلىي كۈزىتىلىپ، ئاي، قۇياش ۋە بىر قىسىم تۇرغۇن يۇلتۇز، سەييارىلەرنىڭ گېئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنىدۇ. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق پەنلەر گېئولوگىيە ئىلمىگە يەنىمۇ سىڭىشىپ، ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاستىلەر گېئولوگىيە تەتقىقاتىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. ئومۇمەن، گېئولوگىيە ئىلمى ئاساسىي تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل گېئولوگىيىلىك جىسىملار، گېئولوگىيىلىك ھادىسىلەرنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى تونۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى يېڭى نەتىجە ۋە تېخنىكىلارنى ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىشى، شۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا پائال ماسلىشىپ، مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا يەر شارىدىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، ياشاش شارائىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى زۆر