ۋىتامىن A

ئورنى Wikipedia

ۋىتامىن A :

ۋىتامىن A بولسا سېرىق ياغسىمان بولغان مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، ۋىتامىن A تۈردىكىلەرنىڭ،كۆزنى روشەنلەشدۈرۈش،تېرىنى يۇمشۇتۇش،تېرىدىكى ماينى كېمەيتىش،تېرىنىڭئىلاستىكىلىقىنى ساقلاش،تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.ۋىتامىن A يەنە <<رودوپىن>>دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ۋىتامىن A يەنە راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا ئادەمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشئىقتىدارى تۆۋەنلەپ،ھەرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.كىچىك بالىدا ۋىتامىن A كەمچىل بولسا سۈڭىكى يۇمشاپ كېتىپ سۈڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى سۇسلاپ كېتىدۇ.چىشى ئۆز ۋاقتىدا چىقمايدۇ.بەل يامپاش سۈڭەكلىرى نورمال ئۆسمەي،بالا مايماق ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئادەتتە ۋىتامىن A بولسا سېرىق ماي،قايماق،سۈت،سەۋىزە، پالەك، ئۈزۈم،پەمىدۇر،بېلىق مېيى،تۇخۇم سېرىقى،ئۈرۈك،ئەينولا،ئاپلىسىن ،شاپتۇل، سامساق،ئۆسۈملۈك مېيى،كەرەپشە،ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى قاتارلىقلاردا مول بولىدۇ.[1]

ئىزاھاتلار[تەھرىرلەش]