ۋىكىپېدىيە

From Wikipedia

Jump to: navigation, Izdash

ئەمگەچىلەر سىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئىچكىرى ئولكىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان، سىلەرنىڭ مەسسۇلىيىتىڭلارچۇ؟ بۇ ئەمگەكچىلكەرنى تەشلكىللىگەن قەشقەردىن قايسىڭلار تەشكىللەش ،باشقۇرۇش ،ئىجرا قىلىش مەسسۇلىيىتىنى ئۇستۇڭلەرگە ئېلىپ ئورنۇڭلاردىن چۇشۇسىلەر؟ ئىچكىرىدىن خەنزۇ ئەمگەكچى كۇچلىرىنى مىليونلاپ ش ئۇ ئا ر غا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۇچلىرىنى ھەر خىل تەشۋىقات بىلەن ئىچكىرىگە يوتكەپ كېلىش سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۇچلىرىنىڭ ساپاسى توۋەن، خەنزۇچە ئۇقمايدۇ شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسپىتى ئېغىر دىگەندەك سەپسەتىلەر يەنە كىشىنى قايىل قىلالارمۇ؟ ياكى ساپاسى توۋەن خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلار تەرەقىي قىلغان خەنزۇ رايونلىرىدا ئىشلەشكە مۇئاپپىق. ئوز ئانا تىلىنىمۇ چايناپ ياخشى سوزلەلمەيدىغان ساۋاتسىز ،يېرىم ساۋاتسىز گەنسۇلۇق، سىچۇەنلىك،خېنەنلىك خەنزۇلار شىنجاڭدا ئىشلەشكە مۇئاپپىق دەپ قارامسىلەر؟ چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ خەتىرىنى سۇسلاشتۇرۇش، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ خەنزۇچىلىققا يېشىل چىراق يېقىپ بېرشىنىڭ خەتىرى مانا مەن دەپ ئىسپاتلاندىغۇ؟ ئېسىڭلارنى يىغىۋېلىڭلار! شاۋگۇەنلىك خەنزۇلا ئوزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۇچلىرىگە قاراتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقى زوراۋانلىق، ئىرقى قىرغىنلىق ئارقىلىق سىلەرگە جاۋاپ بېرىدۇ ، يەنى شۇ خاتا سىياسەت پىلانىڭلار داۋاملىشىدىغان بولسا ھاكىمدار مىللەت خەنزۇنىڭ ئارىسىدىكى ئاۋازى ئەڭ كۇچلۇك ئىچكىرىلىكلەرنىڭ يەنى خەنزۇلارنىڭ قاتتىق قارشىلىغىغا ئۇچرايدىغانلىغىڭلار ئېنىق ئىسپاتلاندى . ئۇلار ئۇيغۇرلار كەبى قويدەك يوۋاش ئەمەس . پارتىيە ،دولەتنىڭ شنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىتى توغرا ئىجرا قىلىنسا بۇ خىل ۋەقە يۇز بەرگەن بولارمىدى؟ ئاپتونومىيە قانۇنى، ئەمگەك قانۇنى،....سىلەر ئۇچۇن قەغەز ئۈستىدىكى رەڭمۇ--يە؟

ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ ۋەقەگە ھىسياتچانلىق ئىنكاستا ، ھەتتە ئۆز ئېلىش دىگەندەك خىياللاردا بولماسلىغىنى ، يامانلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۇشتىن ھەزەر ئەيلەپ ، باشتىن - ئاخىرى قانۇننى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدۇر ، ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا مەركەز ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرى بۇ ۋەقەدە پوزىتسىيىسى ئېنىق . يەنى قانۇن مىزاندۇر. قانۇنسىز ئىنكاس باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان جىنايىتىنى سېتىۋالغانلىقى ئىبارەت - خالاس . http://www.uzzar.com.cn/bbs/read.php?tid=1120 http://www.uighurbiz.net/forum/viewthread.php?tid=1710

Bashkha tillarda