24مەۋسۇم

ئورنى Wikipedia

تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۇم — قەدىمكى ئەجدادلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى ئەرتەياز (ئەتىياز، باھار)، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12- 1- ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4- ئايلار ئەتىياز پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7- ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10- ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.

دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.

ئەتىياز پەسلى:

  1. باش باھار (2- ئاينىڭ 4- ياكى 5- كۈنى)
  2. ئەگىز سۈيى (2- ئاينىڭ 19- ياكى 20- كۈنى)
  3. جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
  4. ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
  5. چوكانتال (4- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
  6. قىزىلكوس (4- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)

ياز پەسلى:

  1. باش ياز (5- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
  2. دان تۇتۇش (5- ئاينىڭ 21- ياكى 22- كۈنى)
  3. ئورما ۋاقتى (6- ئاينىڭ 6- ياكى 7- كۈنى)
  4. يازلىق كۈن-تۈن توختىشى (6- ئاينىڭ 22- ياكى 21- كۈنى)
  5. باش تومۇز (7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
  6. تومۇز (7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)

كۈز پەسلى:

  1. باش كۈز (8- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
  2. كۈزگى تېرىم (8- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
  3. ئاق شەبنەم (9- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
  4. كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى (9- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
  5. سوغۇق شەبنەم (10- ئاينىڭ 8- ياكى 9- كۈنى)
  6. قىروۋ چۈشۈكى (10- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)

قىش پەسلى:

  1. باش قىش (11- ئاينىڭ 8- ياكى 7- كۈنى)
  2. سېرىق قار (11- ئاينىڭ 23- ياكى ياكى 22- كۈنى)
  3. ئاق قار (12- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
  4. قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى (12- ئاينىڭ 22- ياكى 23- كۈنى)
  5. قارا سوغۇق (1- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
  6. قاپاقياردى (1- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)