Muweppeqiyet

ئورنى Wikipedia

مەن بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۇنىڭ قارارى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارايمەن. مەن ئىلگىرى نوتۇق سۆزلەشنى نىيەت قىلغان ۋاقىتلىرىمنى ئەسكە ئالغىنىمدا، ئېتراپ قىلىمەنكى- سەل قورقۇپ قالغانىدىم، چۈنكى مەن ئىلگىرى ئۇنداق نوتۇقلارنى سۆزلەپ باقمىغان تۇرسام. ئەمما بۇ يولغا ئاللىقاچان قەدەم ئېلىپ بولغانىدىم. بىرىنچى بولىمەن (« ! NO.1 sales» ) دەپ پونى ئېتىپ قويۇپ ئەمدى بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولماس؟ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىش بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ سىناق ئىدى. بىراق مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىشقا، شۇنداقلا بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغا شەخسكە ئايلىنىشقا بەل باغلىدىم. شۇڭا مەن ئىزچىل كاللامدا : مەن ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان 18 تۈرلۈك خىزمەتنى قىلىپ بېقىپتىمەن، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىركەتنى ، مەھسۇلاتنى، تۈزۈمنى ياخشى ئەمەس، ئېلان يېتەرلىك تەشۋىق قىلىنمىدى، مەشىق يېتەرسىز.... دىگەندەك باھانىلارنى كۆرسىتىپ كەپتىمەن، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماپتۇ. مەن بۈگۈن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەپ تۇرۇپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار يوشۇرۇن قابىلىيەتنى ئۇرغۇتۇش پىرىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋېتىپ، مۇشۇ شىركەتتە يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسام، ئۇنداقتا مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا پۇرسەت بولسۇنمۇ؟ شۇڭا مەن شۇ خىزمىتىمنى ناھايتى قەدىرلەپ ئىشلىدىم. 85 ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت مەنلا قۇبۇل قىلىنىش ئاسان ئىش دەمسىز؟ شۇ سەۋەپلىك مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىدىم. نۆۋەتتە بىز باشلىماقچى بولغان مەشىق: «قەتئىي نىيەتكە كېلىش» . ئەمەلىيەتتە كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇلار دائىم بىر ئىشنى قارا قىلىشتا تولا ھاللاردا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئۇلاردا ئاتالمىش «ئىشنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىش» كۈچى كەمچىل. بىر ئادەم ھەقىقىي يۇسۇندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيتى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. تۆۋەندە بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىشنىڭ بەش موھىم ھالقىسىنى ئۆگىنىمىز: بىرىنچى ھالقا: چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئىبارەت روھ بولۇش كېرەك. مەن يوقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك خىلمۇ-خىل ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن كېيىن، ئانتونىي.روبىن ماڭا دەرس ھەققىي 595 دوللار بولغان يەنە بىر دەرسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەندەك بىر گاداينىڭ بۇ دەرسكە قاتنىشىشىنى ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى. ئەمما بۇ ئۇستاز مەندىن:« سەن زادى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىلا ئويلامسەن ياكى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچىمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن:« مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ جاۋاپ بەردىم ھەمدە پۇل ئۆتنە ئېلىپ تۇرۇپ بۇ دەرسكە قاتناشتىم. بۇ دەرس ھەقىقەتەن مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتكىنى دەرسنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇلار دەرس جەريانىدا تەشۋىق قىلغان مەھسۇلات ئۇمۇملاشتۇرغۇچى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى بولدى. مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئويۇمچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تېز ئۇسۇلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ئىشنى قىلىشقا تىزىملاتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغىنى پەقەتلا مەن ئىدىم. شۇغىنىسى مەن بىر شەرقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 21 ياش بولغاچقا، دائىم كۆڭلۈمدە :« ئەجەپ ئىش، شۇنچە كۆپ ئاقىل-پازىللار، دانىشمەنلەر، شۇنداقلا ياشتا مەندىن چوڭلار تۇرۇپ قۇبۇل قىلىنمىدا؟ » دەپ ئويلايتىم. كېيىنچە مەن بۇ ئىشنى ئانتونىي. روبىن شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل باش دېرىكتورىدىن :« نېمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا پەقەت مىنىلا قۇبۇل قىلغان ئىدىڭ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇ: __ چۈنكى قارىماققا سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت سەنلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى قارار قىلدىڭ، باشقىلار بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قىزىققانلار ئىدى، خالاس_دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ موھىم سىرىنىڭ قەتئىي بەل باغلاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىكەنسىز جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا قەتئىي بەل باغلىشىڭىز كېرەك. ئىككىنچى ھالقا: مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردىن قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆگىنىش كېرەك. جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلاردىن (بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغانلاردىن) مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىشمىز كېرەك. چۈنكى پەقەت بىرىنچى بولالىغانلارلا سىزگە قانداق قىلىپ بىرىنچى بولۇشنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ. بىز ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭمۇ باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىمىز. سىز پەقەت ئۇلارنى يېتەرلىك چۈشەنگەندىلا، ئۇلاردىن ئۆگەنگەندىلا، ئۇلارنى ئۇسۇلى بويىچە مەسىلىلەرنى تەپەككۈر قىلىپ، ئوخشاش ھەرىكەتنى تەكرارلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز. ئۈچىنچى ھالقا: بىرىنچى بولغانلاردىنمۇ ھالقىپ كېتىشكە بەل باغلاڭ. سىز بىرىنچى بولغانلارنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى، يەنى قانداق ئىشلارنى قىلىپ، قانداق ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇلار قىلغان ئىشنى ئوخشاش قىلىپ قىلالىسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايتى ياخشى ئۇسۇل بولسىمۇ، مېنىڭچە يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىرىنچى بولغانلار پەقەت بىرلا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بىز چوقۇم ئۇنى بېسىپ چۈشۈشكە بەل باغلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئۇنى بېسىپ چۈشەلىگەندىلا، ئاندىن سىز بىرىنچى بولالايسىز. باشقىلار كۈنىگە 3 قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەندە مەن كۈنىگە 9 قېتىم سۆزلىدىم؛ باشقىلار بىر كۈندە 30 قېتىم تېلېفۇن قىلسا، مەن كۈنىگە 100 دىن ئارتۇق ناتۇنۇش كىشىگە تېلېفۇن قىلدىم. مېنىڭ ئىدىيەم: مەڭگۈ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلغىنىدىنمۇ كۆپرەك قىلىش. تۆتىنچى ھالقا: ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەك. ھېس قىلىشىمچە، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا بىر ئادەم ناھايتى تېزلا بىر قارارنى چىقىرىشقا ئامالسىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: شۇ كىشىگە نىسبەتەن زادى نېمىگە ئىرىشمەكچى بولغانلىقى تېخى كاللىسىدا ئايدىڭ ئەمەس. مەسىلەن دەيلى: مەن بۈگۈن مەلۇم دۇكانغا بېرىپ كاستيۇم-بۇرۇلكا سېتىۋالماقچى، كۆك رەڭدىكىسى بولسىمۇ، كۈل رەڭلىكى بولسىمۇ، يېشىل رەڭلىكى بولسىمۇ ۋە ياكى كافىي رەڭلىك بولسىمۇ بولىدۇ؛ قوش تۈگمىلىكمۇ بولىدۇ، تاق تۈگمىلىكىمۇ ھەم.... مەن ئۇ يەرگە بارغىنىمدا مەن ئۇمۇ بولىدىكەن، بۇمۇ بولىدىكەن، دەپ قايسىنى ئېلىشنى قارار قىلالماسلىقىم مۇمكىن. چۈنكى سىز زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيسىز-دە.ئەگەر سىز زادى نېمىگە ئېىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋالسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز، سىز چوقۇم قىلالايسىز. ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىغاچقا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن. چۈنكى بۇ مەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە، شۇڭا مەن بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىشقا بەل باغلىغان. شۇڭا ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن قانداق ئىش بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئۇ ئىش ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى مەن ئاللىقاچان نېمىگە ئېرىشىش كېرەكلىكىمنى ئاللىقاچان قارار قىلىپ بولغان. بەشىنچى ھالقا: ھەر كۈنى پەقەت ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزنىلا ئويلاڭ، سىز قەتئىي قۇتۇلماقچى بولغاننى ئەمەس. نۇرغۇن كىشىنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلالماسلىقىدىكى سەۋەپ، ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىگە لازىم ئەمەس ئىشنىلا ئويلايدۇ ( ياكى قۇتۇلماقچى بولغىنىلا )، ماڭا بېسىم بولمىسىكەن، مەن مەسئۇل بوپ قالمىسامكەن، ئاغرىپ قالمىسامكەن.... ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنىلا دەيدۇ، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنى يەنىلا شۇ. مىسالەن: سىز ھازىر كۆك رەڭنى ئويلىماڭ، كۆپچىلىك كۆك رەڭنى قەتئىي ئويلىماڭلار. سوراپ باقاي، سىز ھازىر بىرىنچى بولۇپ ئويلىغان رەڭ قايسى؟ لېكسىيەدە جىددىيلەشمەڭ، جىددىيلەشمەڭ، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز جىددىيلىك، خالاس. شۇڭا ھاياتىمىزدا، سىز ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز ياكى قۇتۇلماقچى بولغان نەرسىلىرىڭىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە ئىگە بولۇپ قالىسىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمىشقا سىز پەقەت ئېرىشمەكچى بولغاننىلا ئويلىمايسىز؟ ناۋادا ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئېشىپ قالسا نېمە دىگۈلۈك؟ شۇڭلاشقا دەيمەنكى بۇ نوقتا ئىنتايىن موھىم. مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى. مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى. مۇۋەپپەقىيەتچىلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ ئۈچىنچى پەرقى شۇكى: ئۇ تېخى نېمە ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ بولالمىدى.

يازما ئادىرىسى: «بوغلان بلوگى» [https://web.archive.org/web/20200217103914/http://boghlan.blogbus.com/