ﺭﺍﺩﯨﺸﺸﯧﯟ
ﺭﺍﺩﯨﺸﺸﯧﯟ (1749 - 1802 Radishev,Aleksandr Nikolaevich )
1802 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 12 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ ﯬﺭﺑﺎﺏ، ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺴﺖ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺳﯘﻧﺎﺵ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﯪﻟﯩﻜﺴﺎﻧﺪﺭ ﻧﯩﻜﻮﻻﻳﯩﯟﯨﭻ ﺭﺍﺩﯨﺸﺸﯧﯟ ﭼﺎﺭ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻰ ﯪﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﯲﻟﺘﯜﺭﯨﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺭﺍﺩﯨﺸﺸﯧﯟ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺩﯨﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ، ﻗﻮﻝ ﻫﯚﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﻣﻮﻣﻴﯜﺯﻟﯩﻚ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ . 1790 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﭘﺘﺮﻭﺑﻮﺭﮔﺪﯨﻦ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﯩﭽﻪ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯬﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ، ﯲﻟﯜﻣﮕﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯲﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﯰ ﺋﯩﺪﯨﯫﻟﯩﺰﻡ ﯞﻩ ﻣﯩﺘﯧﺘﺴﺰﻣﻐﺎ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ : ﺗﻪﺑﯩﯭﺕ - ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ، ﻣﺎﮔﻨﺖ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯧﺮ، ﺋﯧﻔﯩﺮ، ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ، ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ - ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﯩﺘﺎﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﺪﻯ .