«ئاخىر زامان» ۋە «جەننەت بېشارىتى»

ئورنى Wikipedia

خرىستىئان دىنىدا دۇنيانى تەڭرى ياراتقان، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۇنيامۇ گۇمران بولىدۇ؛ «ئاخىر زامان» بولغاندا، ئىيسا ئىنسانلارغا «جەننەت» (نىجاتلىق يولى)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېگەن تەرغىب قىلىنىدۇ.

خرىستىئان دىنىدا يەنە «ئاخىر زامان» بولغاندا، جىمى ئىنسان تەڭرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سورىقىغا تارتىلىدۇ؛ تەڭرى ھەممىگە قادىر، ھەممە ئىنساننىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان؛ تەڭرىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئېتىقاد قىلىپ، دىنىي ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىپ، ھەر ۋاقىت ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغانلار گۇناھىنى يۇيالايدۇ، تەڭرى ئۇنداقلارغا جەننەتتىن ئورۇن بېرىدۇ؛ جەننەتنىڭ ھەممە يېرى ئالتۇن - كۈمۈشكە تولغان، ئۇ يەرگە كىرگەنلەر گۈزەل مەنزىرىلەرنى قانغۇدەك تاماشا قىلالايدۇ، نازۇ نېمەتلەردىن خالىغانچە يېيەلەيدۇ. يېقىملىق ناخشا - مۇزىكىلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ گۇناھىنى يۇيمىغانلار دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ، دوزاخ تېگى كۆرۈنمەس چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئەتراپتا يالقۇنلاپ ئوت كۆيۈپ تۇرىدۇ، يىلان - چايانلار ئادەمنى چېقىپ ئارام بەرمەيدۇ، ئۇ يەرگە كىرگەنلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چىدىغۇسىز ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ؛ شەيتانمۇ شۇ كۈنى ئوت دېڭىزىغا تاشلىنىدۇ، دېگەنلەر تەرغىب قىلىنىدۇ.

تارىختا بىرمۇنچە ئىلاھشۇناسلار پالانى يىل پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى «ئاخىر زامان» بولىدۇ، شۇ كۈنى بىر بولسا قاتتىق يەر تەۋرەپ، يەر شارى پارتلاپ كېتىدۇ؛ بىر بولسا باشقا پلانېتلار يەر شارىغا سوقۇلۇپ سان - ساناقسىز پارچىلىنىپ كېتىدۇ. يەنە بىر بولسا دۇنياۋى يادرو ئۇرۇشى پارتلايدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئەمما، ئۇلار بېشارەت بەرگەن كۈنلەر بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغا قەدەر «ئاخىر زامان» بولغىنى يوق.

خرىستىئان دىنىدا ئادەم بىلەن ھەۋۋا چەكلەنگەن مېۋىگە ئوغرىلىقچە ئېغىز تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىنسانلار ھەرۋاقىت شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ ھەم «ئاخىر زامان» نىڭ يېتىپ كېلىشىنى يۈرەكزادىلىك بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، بۇنداق ھاياتتا يەنە قانداق ئارزۇ - ئۈمىد ۋە خۇشاللىق، لەززەت بولسۇن؟ دەپ قەيت قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىنسانلارغا «گوسپېل» (نىجاتلىق خەۋىرى)نى جاكارلىغانلىقى تەرغىب قىلىنىدۇ. «ئىنجىل» دا مۇنۇلار ئىنسانلارنىڭ سەمىگە سېلىنىدۇ: سەككىز خىل ئادەم تەڭرىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، بەخت - سائەدەتكە چۆمۈلىدۇ، «ھەقىقىي سائادەتنىڭ سەككىز ئىگىسى» تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئىخلاسمەن بەندە چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ؛ ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان بەندە چوقۇم تەسەللىگە ئېرىشىدۇ؛ مۇلايىم ئادەم چوقۇم مىراس يەرگە ئېرىشىدۇ؛ قانائەتچان بەندە چوقۇم توق يۈرۈيدۇ؛ رەھىمدىل بەندە چوقۇم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشىدۇ؛ دىلى پاك بەندە چوقۇم تەڭرىنىڭ دىدارىنى كۆرەلەيدۇ؛ خەقلەر بىلەن ئىجىل - ئىناق ئۆتىدىغان بەندە تەڭرىنىڭ ئوغلى دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ؛ ھەقىقەت ئۈچۈن باشقا ئىشقا مەجبۇرلانغان بەندە چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ. مانا بۇ خرىستىئان دىنىدىكى ئاتالمىش «جەننەت بېشارىتى» دۇر.