«ئالتۇن كەش» نى ئوقۇپ

ئورنى Wikipedia

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» دەپ بىر رومان يازغانلىقى ماڭا سۆيۈنچە بەرگىدەك خۇشخەۋەر بىلىندى. ئاز، ساز ۋە تەملىك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرغا ئەدەبىياتنىڭ لەززىتىنى ھىس قىلدۇرغان بۇ يازغۇچىمىزنىڭ قەلىمىدىكى ھەر بىر تەسۋىر، دېئالوگ ۋە ۋەقىلىك ماڭا يادا دېگۈدەك ئىدى. رومان ھەققىدە يېزىلغان باھالارنى ئوقۇماسلىققا تىرىشتىم، چۈنكى پىكىرىمنىڭ رامكىلىنىپ، تۇيغۇلىرىمنىڭ بېقىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. بىرەر كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ قالسام ئوقۇغۇم كەلمەيدىغان خۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا روماندىن ئالىدىغان يېڭى لەززەت، يېڭى تۇيغۇ، يېڭى پىكىرلەرگە دەخلى بولىدىغان ھەر قانداق تەسىردىن ئۆزۈمنى تارتتىم. ھەتتا روماننى ئوقۇپ يىغلاپ ئولتۇرغان ئايالىمدىن «نەرى سىزنى يىغلاتتى؟» دەپ سوراشتىنمۇ ساقلاندىم. ئۆيدىكى «ئالتۇن كەش»نى خۇددى قولۇم تەگسىلا توزۇپ كېتىدىغان گۈلنى ئاۋايلىغاندەك ئاۋايلاپ نەچچە سىلاپ ئاخىرى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلدىم.

كىتاپنى ئوقۇپ بولۇپ تۈگەپ كەتكىنىگە ئەپسۇسلانغاندەك بىر تۇيغۇدا بولدۇم. كىتاپنى يېپىپ بىر ئەۋلات ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ھاياتىنى خاراپلىققا مەھكۇم قىلغان «ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش »، «شىيۇجېڭجۇيىغا قارشى تۇرۇش»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەندەك ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا قۇيۇندەك پىرقىراپ توختىمىغان ھەرىكەتلەر، ئەمەلگە ئاشماس شۇئارلار، ساداقەت ۋە مەيداننى جاكارلاپ قەسەم بېرىشلەر ھەققىدە ئويغا چۈمدۈم. توختىماي ۋەھىمە سېلىش بىلەن ئۇيغۇرنىڭ جاسارىتىنى قۇرۇتۇپ، كېچەيۇ كۈندۈز تەقىپلەش بىلەن خۇدۇكسىرىتىپ، ئۇيغۇرغا يات بارلىق قەبىھلىكلەرنى قۇترۇتۇپ، قەلبلەردىكى ئەڭ پىنھان، ئەڭ بىغۇبار بوشلۇققىچە تاجاۋۇز قىلغان بۇنداق فاشىست، ئەسەبىي، قالاق تۈزۈمنىڭ قاچان ئاياقلىشىدىغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەي سىقىلدىم.

مەن روماندا كىشىلەرنى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلغان ئوڭچى، ئەكسىلئىنقىلاپچى، مىللەتچى دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىدىم. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا جەمەتىمىزدىن چىققان تۇنجى زىيالى تاغام ئەيسا ئەمەت ئوڭچى، مىللەتچى ئاتىلىپتىكەن. ئۇ ئەقلىمنى غۇۋا بىلسەم مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرگە ئارىلاشتۇرۇلماي ئايرىم بىر يەردە ئەمگەككە سېلىنىغلىق ئىكەن. سەۋەبىنى سورىغانلىرىمدا رەھمەتلىك ئانام ئاكىسىنىڭ «ئېچىلىپ سايراش» ۋاقتىدا بىر تۇتاش تارقىتىلىۋاتقان رەخت بېلىتى ھەققىدە پىكىر قىلىپ «خەنسۇ ئاياللار ئۇيغۇرلاردەك ئۇزۇن كۆينەك كىيمەيدۇ، شۇڭا ئىككى مىللەتكە ئوخشاش رەخت بېلىتى تارقىتىش خاتا» دېگەن ئىكەن. رەھمەتلىك بۇنىڭ بەدەلىنى تاكى 80- يىللارغىچە ئۆتەپتۇ. ئوقۇرمەننىڭ بىر كىتاپنى ئوقۇش جەريانى ئەمەلىيەتتە ئۆزىدە بار ئەسلىمىلەرنى قايتا جانلاندۇرۇش جەريانى بولىدىكەن. «ئالتۇن كەش» نى ئوقۇپ ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچى، ئەكسىلئىنقىلاپچى ئاتىلىپ شېھىت بولغان شۇ قەھرىمان ئەجداتلار ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»غا ئوخشاش مىڭلىغان زىيالىلارنى خاراپ قىلغان، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى «تۆت كونا» دېيىلىپ ۋەيران قىلىنغان بۇ بالايى ئاپەتلەر ھەققىدە ئۇيغۇردا بىر ئىلمىي ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى. مەن مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن لەنجو ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىغا دوكتۇرلۇققا كىرمەكچى بولدۇم، ئەمما ماقالەمگە «مەدەنىيەت ئىقىلابى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر پاجىئەسى» دېگەن سەزگۈر تېمىنى تاللىغىنىم ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلدىن بۇيانقى «ئازات، بەختىيار، ئىلغار» ھاياتى تەشۋىق قىلىنىشقا بولۇپ؛ خورلۇق، نامراتلىق ۋە بېسىم ئىچىدىكى تۈرمۇشى تەتقىق قىلىنىشقا بولمايدىغان، پالاكەتلىك ۋە كۈلپەتلىك كەچمىشلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان دەۋرىمىزدە بۇنداق بىر روماننىڭ يېزىلىشى مېنى سۆيۈندۈردى. مەنچە بۇنداق ئەسەرلەر مىللەتنى تارىختىكى ئورتاق پاجىئەگە يۈزلەندۈرۈپ كۆز ئالدىدىكى ۋەھشىيەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. مىللەتتە مىھىر، قەيسەرلىك ۋە چىدام يېتىلدۈرىدۇ. بۇنىڭغا يەھۇدى يازغۇچىلىرىنىڭ ئازاپنى قېزىپ مىللەتنى ئاگاھلاندۇرۇش تەجرىبىسى ئۆرنەك بولۇپ تۇرۇپتۇ.

كىتاپ «ئالتۇن كەش» دراممىسىنى ئويناپ چىققانلىقى سەۋەپلىك كۈلپەتلىك قىسمەتكە مەھكۇم بولغان بىر ئەۋالات ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ پاجىئەسىنى مەزكەز قىلىپ باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ «ئالتۇن كەش»نى قايتا سەھنىلەشتۈرۈش ئارزۇسى بىلەن ئاياقلاشقان. ئەمەلىيەتتە بۇيەردە بىر ئەۋلات ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە تۇغۇلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك بىلەن يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئىستىكى بىشارەتلەنگەن. مېنىڭ فەيىسبۇكۇمدا تۇغۇلغان كۈنۈم 1949-يىلى 10-ئاينىڭ بىرىنجى كۈنى دەپ يېزىلغان. سەۋەبى مەن شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرنى خۇددى بىڭتۈئەن يەر ئۆزلەشتۈرگەندەك يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈش، تۇغۇش ۋە ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش باشلانغان دەپ قارايمەن. شۇندىن كېيىن چۇۋۇپ توقۇش، يىمىرىپ قۇرۇش، خاراپ قىلىپ بەرپا قىلىش ئەسەبىيلىكى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر بىر بوۋاق سۈپىتىدە ئېغىزلاندۇرۇلۇش، بۆشۈككە بۆلۈنۈش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدى. نەچچە مىڭ يىللىق دىھقان مىللەتكە تېرىقچىلىقنى ئۆگەتتى، ئۆگىتىۋاتىدۇ، تاشقا مەڭگۈلۈك خەتلەرنى ئويغان مىللەتكە يېزىقلارنى لاھىيەلەپ بەردى، قانداق سۆزلەشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، مانا ئەمدى توي قىلىش، ئۆلۈم ئۇزتىش، ئۇسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىشنى كەنتلەرگە يىغىپ ئۆگىتىۋاتىدۇ. ئەمدى، ئىسىم قويىدىغان، نىكاھ ئوقۇيدىغان، مىيىت ئۇزىتىدىغان ئۆلىمالىقمۇ كومپارتىيەگە قالدى. شۇڭا «ئالتۇن كەش»نى قايتا سەھنىلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ھازىر ئۇيغۇرلار پەقەت ئارتىس بولۇش بىلەنلا بىخەتەرلىككە ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار «ئالتۇن كەش» تەك بىر دراممىنى يېزىپ، رىژىسورلۇقىنى، ئارتىسلىقنى قىلىپ سەھنىلەشتۈرسە ھازىر 58-يىللاردىكى قاباھەت ئەمەس قەتلىئام باشلىنىدۇ.

50-يىللاردا يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ «ئالتۇن كەش»نى يېڭى ئەسىردە قايتا ئويناش ئىستىكى ئويلىنىشقا تىگىشلىك. بۇ فاشىست، قالاق، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى سەۋەپلىك ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرىدا ھىچ بىر يېڭىلىق ۋە يۈكسىلكىش بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياقلار، كاستۇم بۇرۇلكىلار، ئۇزۇن چاچلار بۇرژازىيەچە دەپ يوقۇتۇلغان بولسا، بۈگۈن ئۇزۇن كىيىملەر، بولۇق ساقال بۇرۇتلار رادىكاللىق دەپ باستۇرۇلماقتا. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا كىتاپلار كۆيدۈرۈلگەن، زىيالىلار قامالغان بولسا، بۈگۈنمۇ ئۇقۇمۇشلۇقلار تۇتقۇن قىلىنىپ كىتاپلار چەكلەنمەكتە. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بېلىكىگە قىزىل بەلگە تاقىغان ساۋاتسىز ئىسيانچىلار جاھان سورىغان بولسا بۈگۈنمۇ قوراللىقلار، ئالا كالتەكلەر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى مۇجىماقتا. نەتىجىدە ئۇيغۇردا كىتاپنىڭ، پەننىڭ، ئىددىيە ئەركىنلىكىنىڭ، ئىنسانى قەدىر قىممەتنىڭ ئورنى يۈكسەلمەكتە يوق بارغانچە تۆۋەنلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئاۋامنىڭ كۆزى ساقال-چاچقا قاراشقا، يوپكا-كوپتا ماراشقا كۆندۈرۈلمەكتە؛ تەپەككۇرى كىيىمنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى باھالاشقا، شۇئارنىڭ ياڭراق سۇسلىقىغا قاراپ ئەگىشىشكە يەنە بىر قېتىم گىرىپتار قىلىنماقتا. تېخى بۇ ئۇيغۇرلارنى توختىماي، يېزىق، تىل ۋە كىيىنىش ئىنقىلابى قىلىشقا خۇمار بولۇشتەك نادانلارچە تەپەككۇرغا چىرماپ قويۇشى مۇمكىن.

«ئالتۇن كەش» بىر ئۆگەي ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئەزىزلەپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگەي بالىلارنى خورلاپ چۆكتۈرگەنلىكىنىڭ ھىكايىسى. 1946-يىلى ئاقسۇدا 17 سەپدېشى بىلەن شېھىت بولغان ئابدۇللار روزى «ئۆگەي ئانا» دراممىسىدا ئەينى چاغدا خىتاينى سوراۋاتقان گومىداڭنى يالماۋۇز ئۆگەي ئانىغا ئوخشتىتىپ يازغان. لوتپۇللا مۇتەللىپ رىژىسورلۇق قىلىپ سەھنىلەشتۈرگەن بۇ ئەسەر كىشىلەرگە زۇلۇمنى، تەڭسىزلىكنى تونۇتقان. 90-يىللاردا ئۆمەرجان ئالىمنىڭ «ئۆگەيلىمە» دېگەن ناخشىسىدىمۇ ئوخشاشلا بىر قەبىھ ئۆگەي ئانىغا نارازىلىق خاھىشى بار. «ئالتۇن كەش» تىمۇ زالىم ئۆگەي ئانا تۈگىمەي تەكرارلىنىۋاتقان زۇلۇمنىڭ مەنبەسى دەپ قارالغان. مەنچە ئۆگەي ئانا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئەزىزلىنىۋاتقان ئۆزلەر ۋە خارلىنىۋاتقان ئۆگەيلەرنىڭ ھىكايسى ئاياقلاشمايدۇ. چۈنكى ئاياقلىشىشقا تىگىشلىكى، ئالدىنقى شەرت تەپەككۇردۇر.

دىققەت قىلىدىغان بولساق، «ئۆگەي ئانا»، «ئۆگەيلىمە»، «ئالتۇن كەش» دېگەن ئەسەرلەردە ئۇيغۇر ۋە خىتاي بىللە ياشايدىغان بىر ئائىلە چۈشەنچىسى ۋە بىر غاپىل دادىنى ئالداپ بالىلارغا زوراۋانلىق قىلىدىغان بىر زالىم ئانا تەپەككۇرى مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بىر ئائىلەگە تەۋە ئەمەس. ھىچ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل كىشىلەر توپىدۇر. ئۇيغۇرلارمۇ ھىچ بىر مىللەت بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەس. ئۇيغۇر بىلەن خىتاي بىر ئائىلىدىلكى بالىلار ئەمەس، پەرقلىق ئائىلىلەردىكى مۇستەقىل كىشىلەر. پەقەت بۇ ئىككى ئائىلە قوشنا. ئۇيغۇر ھىچ بىر مىللەتنىڭ ئىنىسى، ئانىسى ياكى بالىسى ئەمەس. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنمۇ ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ھەر قانداق مىللەت بىلەن قازىنى، قاشاسى ۋە ھويلىسى ئايرىم. ئۇيغۇرنىڭ باراۋەر مىللەتلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان بۇنداق بىر ئائىلىلىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ئالدامچىلىق بولۇپ ئەمەلگە ئېشىپ باقمىغان، قوبۇل قىلىنمىغان، قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئىككى مىللەتنىڭ بىر ئائىلە ئەمەس، مۇستەقىل گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت تەپەككۇردىكى بۇ ئالدىنقى شەرت مەيلى خىتاي خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ياكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل كۆرۈلمەيدىكەن، «ئالتۇن كەش» تەك ئۆگەي ئانا زۇلمىنى پاش قىلغان دراممىلار قايتا قايتا يېزىلىپ مىڭ قېتىم ئوينالسا، يازغان، سەھنىلىگەن، ئالقىشلىغانلار مىڭ قېتىم جازالىنىش تەقىدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. نەتىجىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مۇ ۋە بۈگۈنكىدەك ئۇنىڭدىن ئېغىر تراگېدىيەلەرمۇ قايتا سەھنىگە چىقىدۇ. بۈگۈنكى قايتىلىنىۋاتقان قىسمەت، تەكرارلىنىۋاتقان زۇلۇم كۆز ئالدىمىزدا «ئالتۇن كەش» تىن بەتتەر بىر تراگېدىيە قايتا ئوينىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇنى زاھىر قىلىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى