«ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك

ئورنى Wikipedia

«ئىنسان قەلبىنىڭ ئىنژىنىرلىرى» ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرمەسلىك

ئوقۇتقۇچى - كەڭ مەنىدە ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ ئەقىل چىرىغى، بىلىم بۇلىقى ۋە تەلىم تەربىيە باغۋىنى، روھىيەت يېتەكچىسى، ھەقىقەت جەڭچىسى ! قەدىمقى زامانلاردىلا ئۇلار كاھىن - قەبىلە ئۇستازلىرى بولغان، ئۇلار قەيەردە ئەۋلات تەربىيلىمىسۇن، ئۇلار خەلقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ نامايەندىلىرى. ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە ماھىر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە جەزمەن ساغلام، سۈزۈك، ئۆتكۈر تەپەككۇر قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك . بىر كەسپ بىلەنلا بەنت بولۇپ، ئۆزىنى چەكلەپ قويۇش ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن نادانلىق!«مائارىپ»ئىبارىسى، «ئارىف»ئىپادىسىگە تۇتاشقان بۇلۇپ، «ئارىف» قىلماق، «مۇئارىف»نىڭ مەقسىتى. «ئارىف»- ئويغاق دېگەنلىكتۇر . ئويغاقلىق تەپەككۇرنى، تەپەككۇر كۆپ قىرلىق بىلىمنى تەلەپ قىلىدۇ . ئويغاقلىق يەنە پاك قەلبنى، پاك قەلبمۇ يەنە بىلىمدە پىشىش ۋە سۈزۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ بۇنداق«ئارىف»خەلقنىڭ قەلبىدىكى گۆھەر. ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپى ھەم قامۇسى بىلىمدىن باشقا خەلقنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىغا تارىخىي نەزەر سېلىشى، ھەرگىزمۇ بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولماسلىقى كېرەك . پەقەت تارىختىكى «ئىزىم»لار تەتقىقاتىغىلا قىزىقىپ، رېئاللىقتا يۈز بېرىۋاتقان جانلىق تارىخىي ھادىسلەرنى، «ئىلمى»ئەمەس دەپ ئۇنىڭغا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇش تاش يۈرەكلىك ۋە ئەلەس كۆزلۈكتۈر . ئوقۇتقۇچىلار بىر مەھەللىك ئېتىبارسىز مۇئامىلە، ئىسسىق سوغۇق ئېقىملار ئالدىدا تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىكنى يوقاتماسلىقى، تېڭىرقىماسلىقى لازىم . بىز بىر تەرەپتىن مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى كەمسىتىدىغان خاھىشلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلارغا ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، مەمۇرى، ئائىلىۋى، روھى زەربە ياكى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئېچىنساق، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنداق ھادىسىلەر بىلەن تارىخقا، ھەقىقەتكە ۋاكالىتەن كۈرەش قىلىشىدىن، ھەمىشە مەنىۋىلىكنى ماددى بايلىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، پىداكار«دانكو»لاردىن بولۇشىدىن ئىپتىخار ھىس قىلىمىز . تارىخ سەھىپىلىرىنى پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرانە ئوبرازىلا بېزىيەلەيدۇ. بىلىملىكلەردىمۇ بىلمەسلىكلەر، «ئارىف»لاردىمۇ خامۇشلۇقلار بولىدۇ، كىشى بىر قانچە بىلىش باسقۇچى بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىكى، ھەتتا تۈنۈگۈنكى ئۆزىدىن پەرقلىنىپ ئىلگىرىلەپ بارىدۇ . بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۆزىمىزنى ئەۋلادلارغا پاك ۋە ئۈنۈمدار يەتكۈزمەك . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋلادلارنىمۇ پاك ۋە بىلىمدار ھالدا كەلگۈسىگە يەتكۈزمەك . ئەۋلادلىرىمىز ھەرگىزمۇ باي، ئەمما بۇزۇلغان«ئىنسى جىن» لاردىن بولۇپ قالمىسۇن !