«ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» دېگەن كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد يۈسۈپ

يېقىندا «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتىمكى، پولشا خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇستەملىكە قىلىنىش، ئۆز كۈلتۈرىدىن، تىلىدىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن قەستەن ياتلاشتۇرۇش، ھەتتا پولشا دېگەن دۆلەتنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا قەدەر بىر ياۋۇز مۇستەملىكىچىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بىر يۈرۈش زۇلۇم- سىتەملەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر گە ئوخشاپ كېتىدىكەن.

ئۆز ۋاقتىدا پولشانى چار رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ئاۋۇستىرىيە قاتارلىق ئۈچ مۇستەملىكىچى دۆلەت پارچىلاپ بۆلۈشىۋالغان، پولشا خەلقىنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىشىنى، يېزىشىنى ۋە ئوقۇشىنى، ئۆز تارىخىنى، ئۆزىدىن چىققان ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچىلارنىڭ، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان، خىلاپلىق قىلغانلارنى سىبىرىيەگە پالىغان ۋە قاتتىق تەن جازاسىغا تۇتقان بولسىمۇ، پولشا خەلقى ئون يىل ئەمەس، ئەللىك يىل ئەمەس، يۈز يىللارچە مۇستەملىكىچىلەر بىلەن ئېلىشىپ ئاخىر ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن ئىكەن. 19- ئەسىدە پولشا دېگەن دۆلەت خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلگەن، پولشا خەلقى ئۈچ قوشنىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتتىمۇ پولشا خەلقى مۇستەقىللىقتىن ئۈمىدىنى قىلچە ئۈزمىگەن ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى كۈرەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان، بۇ كۈرەشنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغان ئىكەن.

«ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» مۇستەملىكە يىللىرىدا يوشۇرۇن ئۆيلەردە پولشالىق بالىلارغا ئۆز تارىخىنى، ئۆز تىلىنى ۋە ئۆز كۈلتۈرىنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، مۇستەملىكىگە قەتئىي باش ئەگمەسلىك ۋە مۇستەقىللىق غايىسىدىن قەتئىي ۋازكەچمەسلىك ھەققىدە دەرسلەر ئۆتۈلگەن، ھەتتا دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىكلەرمۇ ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئۆگىتىلگەن دەرس ئۆگىنىش ئۆيلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن دۇنياغا مەشھۇر ئەدىبلەر، شائىرلار ۋە ئالىملار چىققان ئىكەن. بۇ مەكتەپ رۇسلارنىڭ ۋە گېرمانلارنىڭ كۈچلۈك تەقىپ قىلىشى سەۋەبلىك ئۆيدىن ئۆيگە يۆتكىلىپ تۇرغانلىقتىن ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆيدىن ئۆيگە ئۇچۇپ يۈرۈپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن «ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» دەپ ئاتالغان ئىكەن. ھەتتا دۇنيا تارىخىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئايال مارىيا ئىسىملىك ئايالمۇ ئاشۇ «ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» دە ئوقۇپ چىققان ئىكەن. بۇ ئايال 1903- يىلى بىر قېتىم، 1911- يىلى يەنە بىرت قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئەر ئەربابلىرىمۇ يېتەلمىگەن بىر رېكورتنى ياراتقان ئىكەن. بۇ يوشۇرۇن ئۆيلەر خۇددى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ۋەتىنىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان يوشۇرۇن مەدرىسىلىرىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىكەن، پولشا خەلقىنىڭ مۇستەملىكىدىكى ھالىتى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. «ئۇچار ئۇنىۋېرستېت» بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى ئاددىغىنە دەرس ئۆيى ھالىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىر دۇنياۋى كاتتا ئۇنىۋېرستېت بولۇپ قالغان.

بۇ كىتابتىكى مۇنۇ جۈملىلەر ھەقىقەتەن ئادەمگە جاسارەت بېغىشلايدۇ: «ئىلىم ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش ئەسناسىدا تۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، تۈرمىگە سولىنىش، ياكى سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنىشتەك تۆلەيدىغان بەدەللىرى بار ئىدى. پولشالىق ياشلار بۇ بەدەللەرنى تۆلىسىمۇ، كۆزلىگەن گۈزەل كۈنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىدا كۆرەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. ئەسلىدە ئۇلار بۇ ئاڭغا ئىگە بولغان چېغىدىلا، ئۆلۈمسىزلىكنى ۋە يېڭىلمەس كۈچنى قولغا كەلتۈرگەنىدى».

بۇ كىتابنى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.