«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلى
«بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلى ۋەتەندە تەبىئىي-پەن ئاممىباپ ژۇرنىلى سۈپىتىدە 40 يىلدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغان «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلى خىتاينىڭ ئاسمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن 2017-يىلىدىن كېيىن نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قالغان ئىدى. قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى تەركىبىدە تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 50 دىن ئارتۇق پەن – تەتقىقاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرى سۈپىتىدە «بىلىم – كۈچ» ژۇرنىلىنى چەتئەلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قارار قىلىشتى. بۇ خىزمەت ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى پەقەت ئائىلە، تاراتقۇ ۋە نەشرىياتلاردىلا قىسمەن قوللىنىپ قالماي، پەن – تېخنىكىدىمۇ ئىشلىتىىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھېلىھەم ئىلىم ساھەسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىپادىلەش كۈچى كۈچلۈك ۋە پاساھەتلىك بىر تىل ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن قىلىش مەقسەد قىلىندى.