Jump to content

«توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى

ئورنى Wikipedia

«توغراق» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 2007-يىلى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىر تارمىقى سۈپىتىدە پائالىيەت باشلىغان. دەسلەپتە ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئەينەن ئېلىپ بارغان بۇ تەشكىلات، كېيىنچە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ياشلارنىڭ ئالمىشىش بىلەن پائالىيەت مەزمۇنلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، بولۇپمۇ نامىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ياشلارنى تارىخ ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈشكە يېتەكلىگەن.

«1‏-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن زۇلپىقار روزىھاجى قاتارلىق 3 ئوقۇغۇچى، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۈركزات غەيرەت بولۇپ 4 ئوقۇغۇچى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن.