«دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نىڭ كېلىپ چىقىشى

ئورنى Wikipedia

1999- يىلى 17- نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەھكىمسى يىغىن ئېچىپ، 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ ئەسلى نامى ئانا تىل ھەرىكىتى كۈنىدۇر. بۇ كۈن ئەسلىدە بېنگال تىلىنى قوغداش يولىدا ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قۇربان بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغىلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ كەلگەن. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى»ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.

ب د ت ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش، ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

سىتاتىستىكا قىلىنىشچە پۈتۈن يەرشارىدا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ بۇ تىللارنىڭ 96%ىنى پەقەت پۈتۈن يەرشارى ئادەملىرىنىڭ 4%ىلا قوللىنىدۇ. ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىللا قېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللارنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقى، ھەمدە كانادادىكى ئىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

بۇ كۈن ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. يېقىنقى يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 21- فېۋرال كۈنى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرلىنىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلى قوغدىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلمەستىن، ئەكىسچە يوقىتىلش ئوبېيكتىغا ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يوقىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى قىلىشى، ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا بۇنىڭغا قوشۇلۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر «ساقچى دۆلىتى»گە ئايلىنىشى بىلەن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلى ھەققىدە سۆزلەش، ئۇنى خاتىرىلەش ھوقۇقى ۋە پۇرسىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلنى قوغداش سادالىرى كۈچەيمەكتە.