«رابىيە ۋە سەئىدىن» داستانى
«رابىيە ۋە سەئىدىن» داستانى
«رابىيە ۋە سەئىدىن» رېئالىستىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان تراگېدىيىلىك داستان . بۇ داستاندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە 1832 — 1833 – يىللىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يۈز بەرگەن . ئاپتور بۇ ۋەقە ئاساسىدا تارقالغان رابىيە ۋە سەئىدىن ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئىگىلەپ ، بۇلارنى مۇلاھىزىلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن مەزمۇن ۋە بەدىئىيىلىك جەھەتتە زور تەسىرچانلىققا ئىگە بۇ داستاننى يېزىپ چىققان ، داستاندا ئىلغار رېئالىزم بىلەن ئىجابىي رومانتىزم مېتودى قوللىنىلغان .
يامانيار يېزىسى سۇبھانالار كەنتىدىكى تەلۋىچۇك دەرياسىنىڭ بويىدىكى بوستانلىق جايدا يەر – سۇ ئىگىسى بولغان ياقۇپباي ئائىلىسىدە رابىيە ، كەمبەغەل دېھقان ئىبراھىمئاخۇن ئائىلىسىدە سەئىدىن دۇنياغا كەلگەن . رابىيە بىلەن سەئىدىن كىچىكىدىن باشلاپلا بىر مەھەللىدە ئويناپ بىللە چوڭ بولغان ، دىنىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان . ئۇلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، ئۇلارنىڭ پاك مۇھەببىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىبارھىمئاخۇن ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياقۇپباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزگەن ، ئەمما تەلەپ رەت قىلىنغان . ياقۇپباي بولسا ، قىزى رابىيەنى ئۆز مەھەللىسىدىكى بايتوقاي بەگلىكىنىڭ زالىم بېگى جابىرغا بەرمەكچى بولغان . بۇنى ئاڭلىغان سەئىدىن مەشۇقى رابىيەنىڭ پىراقىدا مەجنۇن بولۇپ ، رابىيەنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ياقۇپباي ئاخىر رابىيەنى مەجبۇرىي جابىرغا ياتلىق قىلغان . ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق قىز رابىيە جابىرغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي ، ئۆيىگە قېچىپ كېلىپ سىڭلىسى بىلەن سۇ ئەكېلىشنى باھانە قىلىپ ، ئاشىقى سەئىدىننىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ھەسرەتلىك ياشلارنى تۆكۈپ ، ئامراق سىڭلىسىنى باغرىغا بېسىپ خوشلىشىپ ، ئارقىدىن قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ كاچكولىغا ئۆزىنى تاشلىغان . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر كەكە – كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ دەريانىڭ مۇزىنى چېقىپ رابىيەنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان ، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا مۇزلار ئېرىگەندە رابىيەنىڭ جەسىتى سەئىدىننىڭ قەبرىسىگە يېقىنلا جايدىن تېپىلغان . يۇرت ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ «رابىيە بىلەن سەئىدىن ھايات ۋاقتىدا بىر – بىرىگە قوشۇلالمىدى ، ئەمدى روھى بىر يەردە بولسۇن» دېيىشىپ ، رابىيەنىڭ جەسىتىنى سەئىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىپ بىر جۈپ قەبرە ياسىغان . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەقبەرە «قوشماق مازار» دەپ ئاتالغان .
نىزارى رابىيە بىلەن سەئىدىندىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى تىپىكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، فېئودالىزم مۇھىتىدا ياشاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكىگە ۋە مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەن ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھۆرلۈك ، ھەققانىيەت يولىدىكى تىرىشچانلىقى ، زالىم كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتىكى ئىرادىسى ، ئاخىرقى پاجىئەلىك ئۆلۈمى قاتارلىق ۋەقەلەرنى كەسكىن تراگېدىيىلىك مۇھىت ئىچىدە ئىپادىلەپ بەرگەن .
رابىيە داستاندىكى باش قەھرىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئادەتلەرگە قارشى قەيسەر خاراكتېرى ، ۋاپادار ، ئىرادىلىك ، ساداقەتمەن ، باش ئەگمەس ، ۋىجدانلىق بولۇشتەك بىر قاتار پەزىلەتلىرى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئاساسىي ئوبراز . ئۇ فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئادەتلەرنىڭ ماددىي ، مەنىۋى ئىسكەنجىلىرىگە قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغان ، ئۆز سۆيگۈسىگە سادىق ، ئىرادىلىك ، ۋاپادار ، ئىسيانكار ، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ، ھۆرلۈككە ئىنتىلىدىغان ، ئۇنى قەدىرلەيدىغان ، ئادالەت ، سەمىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان باتۇر ، ۋىجدانلىق قىز . پاك مۇھەببەت ئىگىسى رابىيە داستاندا تارىخىي شەخس بولۇش بىلەن بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن .
«رابىيە ۋە سەئىدىن » داستانىدىكى ۋەقەلىك رېئال بولغان ۋەقە . ۋەقە كەسكىن تراگېدىيىلىك تۈس ئالغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ . شۇڭا ، داستاندا تەسىرلىك ئورۇندا تۇرىدىغىنى تراگېدىيىلىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت . داستاندا تراگېدىيىلىك ئاڭ ، تراگېدىيىلىك كەيپىيات كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . تراگېدىيىلىك ۋەقە ۋە تراگېدىيىلىك كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەش داستاندا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . داستاندىكى تراگېدىيە قەھرىمانلىرى ھەم تراگېدىيىلىك ۋەقەلەر داستاننىڭ تراگېدىيىلىك ئېستېتىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، داستاننى كۈچلۈك بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان . داستاندا ئىشلىتىلگەن نەپىس تىل ، مەل تەسەۋۋۇر داستاننىڭ تراگېدىيە ۋەقەلىكىنى ئادەتتىكى ھاياتتىن زور دەرىجىدە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلغان .