«ھەدەم قەيەردە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم
Appearance
«ھەدەم قەيەردە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى ئادالەتسىزلىك بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تۈرمىگە قامىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىڭلىسى، مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ كۈرەشلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىرى بايان قىلىنغان.