«ۋەتەن» دىگەن نىمە؟

ئورنى Wikipedia

«ۋەتەن» دىگەن نىمە ؟ «ۋەتەن» چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بۇلۇپ كەلدى . ئۇ كىيىنچە ھۆكۈمرانلىق سەلتىنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىر -پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلىقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئىتىراپ قىلىدۇكى، «ۋەتەن» ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتىنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر . بىرىنچى، ھەربىر كىشىنىڭ ئوز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان – جۇغراپىيىلىك چەمبىرىكىدۇر . بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك، تارىخىي جۇغراپىيىلىك، رىئال – ئىجدىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بۇلۇپ، «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يۇرىتىدۇ . ئىككىنچىدىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى، ئىتىنىك روھىيەت غەزىنىسى _ تىل، فولىكلور، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئۆرۈپ- ئادەت، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجىسى، مىللىي تارىخى، ئەقىدە – مىزانلىرى، پەخىر – ئىپتىخارى ۋە ئار – نۇمۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بۇلۇپ، بۇ «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ مىللىيەتلىك چەمبىرىدە تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ .


ھەربىر ئادەم مۇئەييەن «ۋەتەن» ۋە « مىللىيەتلىك » كە تەۋە بۇلۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى، ئىجدىمائىي خاراكتىرىگە يۇشۇرۇن ئاڭ _ تۇغما جىسمانىي ۋە ھېسسىي تامغا باسقان بۇلىدۇ . ئۇنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەم بۇلالىشى ئۇمۇمەن ئۇ ياشىغان تارىخ مەزگىلىدىكى «ۋەتەن» ۋە «مىللىيەتلىك » قىمىتىگە باغلانغان .


«ۋەتەن» خۇددى ئانا قېلىپتەك ئۆزپەرزەنتلىرىنى يارىتىدۇ : ئوخشاشلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئانا «ۋەتەن» نىڭ ھال – ئەھۋالى، قىممەت – ئىتىبارى ۋە تەقدىر قىسمەتلىرىنى يارىتىدۇ . ھەركىم، ھەر ئائىلە ئۆز ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا ياشىغىنىدەك، ھەربىر مىللەتمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىچكى سەۋەپلىرى _ ئۆز تۈركىمىنىڭ ھال – پەزىلەتلىرىگە يارىشا تەقدىر قىسمەت كەچۈرىدۇ .


«ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر . ئەگەر بۇ ئامىل تارقاق، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان بولسا، تاشقى جۇغراپىيىلىك ماكان ئامىلى ئىستىلا ۋە دەپسەندە پەنجىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە زىت ۋاستىگە ئايلىنىدۇ . روشەنكى، مىللىيەتلىك تىپىك خاسلىققا ۋە شۇ سەۋەپلىك باشقا مىللىيەتلىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشتىن ئۆزگە تەقدىرگە دۇچ كەلسىمۇ، ماكان ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرى ھەرقانداق ئىتىنىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماي ئۆزلەشتۈرىلىدىغان ئوبىكىتتۇر . «ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئامىلنىڭ بىر بىرىدىن ئاجرىلىپ كىتىشى بىر بىرىگە قارشى قىمەتكە ئىگە بۇلۇشى، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە يەرلىك مىللەتنىڭ ئىتىنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەت غەيرىي نورماللىقنى جەزىملەشتۈرىدۇ . تەنتەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن بىزەندۈرۈلگەن بۇ تارىخى يۈزلىنىشنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرمەسلىك ھەقىقەتتىن مەھرۇملۇقتۇر . بۇ پاجىئە ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ساتقۇنلۇقتۇر .


«ۋەتەن» تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش، ئۆز ماھىيەتلىرىنى ئىزدەش، يۇرۇقلۇق ۋە ھەقىقەت ئىچىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ . بۇ ئۇلۇغ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە «ۋەتەن» ۋە مىللەتنىڭ نۇرانە ئىقبالىدىن غايەت زور مۇمكىنلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ . روشەنكى، ھەرىكەت ئالەمنىڭ تىنىقى، ئۆزگىرىش جاھاننىڭ بىقارار قىياپىتىدۇر . مۆجىزە _ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ چىكىگە يەتكەندىكى قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇر . تارىخ ھەرقانداق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ھلاك قىلغۇچى سەۋەبلىكىنى ئەزەلدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن بىراخمان دىنىدىكىلەر كۆپ قوللۇق سىۋا ئىلاھىنى ھەم ئالەم بىنە قىلغۇچى ھەم ئالەمنى ھالاك قىلغۇچى مۇئەككەل دەپ ئىتقاد قىلغان ئىدى .


ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى، ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھۇقۇقىغا ئىگە . بۇ تۇلىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھۇقۇق قارىشىدۇر . ھەرقانداق ۋاستىلەر بىلەن بۇ ھۇقۇقنى بوغماق، ھاقارەتلىمەك ۋە بۇرمىلىماق زىمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزىم ئالامىتى بۇلۇپ، ئۇمۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر . مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر – بىرىگە قارشى قۇيۇش بىلەن مىلەتلەرنى، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇلاردىن تەبىئىي يۇسۇندا كىلىپ چىقىدىغان ھۇقۇقى مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم . بۇ قائىدىلەر ئۇچۇق – يۇرۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ ئۆز – ئۆزىنىئاشكارلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . خەلىقلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ مەلۇم يەنە بىر قىسمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە، روھىيەت ۋە دىپلۇماتىك سىياسەت قىلىۋېلىش ئاتالمىش « يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇقۇم قىلىش تاكتىكىسى » دۇر . بۇنداق قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس بۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .


تارىخ تۇلىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى . ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن . ئىنسانىيەت تېخى ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسانىيەتكە ئايلىنىپ بۇلالمىغان بولسىمۇ، بۇ جەريان ئۇچقۇر ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي يۈز بەرمەكتە . ئاقىلانە ئىنساننىڭ بۇرچى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدىكى ھازىرقى تارىخنى تېخمۇ ئىنسانىيلىككە، ئۇنىڭ ئەركى ۋە كىشىلىك قىمىتىگە لايىق قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت . كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسى ۋە مەدىيىسى خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم لەۋھەلىرىدەك ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر . ھەرقانداق ھاكىمنىڭ سەلتەنەت تەختى – تاجى، ھەرقانداق پېقىر مەھكۇمنىڭ گادايلىق ھاسا – تاۋىقى، ھەر قانداق مەدىھىيات ياكى ھاقارەت سالنەمىلىرى بۇ ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان يەكۈننىڭ ھەقىقەت نۇرى ۋە مۇقەددەس كۈچى ئالدىدا ئاجىزدۇر .