ئائىلىلەردىكى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچى

ئورنى Wikipedia

«قارا قۇتا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما بار بولۇپ، پەقەت ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرنىڭ كۆرسەتكۈچى قارا قۇتىغا چېتىلسىلا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ رەڭلىك ئوقۇتۇش سۈرەتلىرىنى كۆرگىلى، «ئوقۇتقۇچى» نىڭ ئۆتكەن دەرسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتىشىدۇ.

قارا قۇتىدىن ئىبارەت بۇ ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىنىڭ ئىچىدە بىر ساقلىغۇچ بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىس ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگەن مول بىلىملىرى ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبلىرى خاتىرىلەنگەن. كومپيۇتېر تەھلىل قىلىش ۋە ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى كەڭ ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، ھەرخىل سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتالايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئاسان چۈشىنەلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ.

كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدا يەنە يۈزمۇيۈز سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ بەرگەن جاۋابىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى دەرھال كۆرسەتكۈچ ئېكراندىن كۆرگىلى بولىدۇ. كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى غەمخورلۇق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاسرايدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، قانچە ئويلانسىمۇ يېشەلمەي ئىنتايىن جىددىيلەشكەن چاغدا، يېقىملىق مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بەزلەپ، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ ئالدىرىماي ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىشنى خالىمىسا، ئۇ خاپا بولغان ھالدا »ھىم، ھىم« قىلغان ئاۋازنى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنداق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مول بىلىم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىش قابىلىيىتىنىمۇ يېتىلدۈرىدۇ. «روكس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كومپيۇتېر بار بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى يەشكەن چاغدىكى ھەربىر قەدەم پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى خاتا بولسا، ئېكراندا خاتا تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ، ئاندىن ئۇ خاتالىقنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى قەدەممۇقەدەم تەھلىل قىلىپ، قانداق قىلغاندا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇۋاپىق پىكىر يۈرگۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتمال ئۆلۈك ھالدا يادلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بەلكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، مەسىلىلەر ئۈستىدە توغرا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىدۇ.