ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى

ئورنى Wikipedia

ئەگەر كومپيۇتېر ئېنىق (توغرا) ھېسابلىيالايدىغان بولسۇن دېسەك، بۇ ئاساننىڭ ئاسىنى. ئەگەر كومپيۇتېر ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە ياكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشىيەلەيدىغان بولسۇن دېسەك، بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئامالى يوق.

1965 - يىلى ئامېرىكىنىڭ جاد ئىسىملىك بىر ماتېماتىكا ئالىمى »مۈجمەل لوگىكا« دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەزەرىيىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ، شەيئىلەرنى ئاددىيلا مۇئەييەنلەشتۈرۈۋەتمەستىن ياكى ئىنكار قىلىۋەتمەستىن، بەلكى ئېنىق بولمىغان قىممەتنى شەيئىلەرنىڭ بېقىندىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئىپادىلىدى. مەسىلەن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃37 بولغاندا ئۇنى »يۇقىرى تېمپېراتۇرا« ھېسابلاپ، بېقىندىلىق دەرىجىسىنى1 دەپ بەلگىلىدى. ℃ 18 بولغاندا »يۇقىرى تېمپېراتۇرا« دېگىلى بولمايدۇ، بېقىندىلىق دەرىجىسى0 دەپ بەلگىلىدى. ℃ 28 بولغاندا يۇقىرى دېسە يۇقىرى ئەمەس، بۇ پەقەت3 .0 »يۇقىرى تېمپېراتۇرا« بولىدۇ؛ ℃ 35 بولسا 8 .0 »يۇقىرى تېمپېراتۇرا« بولىدۇ. بۇ خىل مۈجمەل ئەقلىي يەكۈن تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلسە، ئۇ، مۈجمەل تىزگىنلەش بولىدۇ. مۈجمەل لوگىكىدىن پايدىلىنىپ تىزگىنلەنگەن ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، مۈجمەل ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

مۈجمەل ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش شەكلىگە يېقىنلاشقان ھالدا تەقلىد قىلىپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى »ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش« بويىچە بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى يۇقىرى ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە ئىگە. بىر خىل مۈجمەل تېلېۋىزور ئۆي ئىچىدىكى يورۇقلۇق غۇۋالاشقان چاغدا، تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاپتوماتىك ھالدا يۇقىرىلىتىدۇ؛ كۆرگۈچى بىلەن تېلېۋىزورنىڭ ئارىلىقى يىراقلاشقان چاغدا، ئاۋازىنى ئاپتوماتىك ھالدا كۈچەيتىدۇ. ئۇ يەنە قوبۇل قىلغان تېلېۋىزىيە سىگنالىغا ئاساسەن تەسۋىرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى، سېلىشتۇرما دەرىجىسىنى ۋە رەڭ دەرىجىسىنى ئاپتوماتىك ھالدا تەڭشەپ، سىزگە ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تەسۋىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ ھەم سىزگە ئېنىق، قۇلاققا يېقىملىق ئاۋاز يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

مۈجمەل كىرئالغۇ بولسا ئادەمنىڭ بىۋاسىتە سەزگۈسىگە تەقلىد قىلغان ھالدا ھۆكۈم قىلىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سېزىم ئۇزاتقۇچ (سېنزور) ئارقىلىق كىيىملەرنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە كىرلىشىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدۇ، سۇ مىقدارىنى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەيدۇ، يۇيۇش ۋاقتى، يۇيۇش شەكلى ۋە قۇرۇتۇش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەپ، ھەم ۋاقىتنى، ھەم توك سەرپىياتىنى تېجەيدۇ.

مۈجمەل ھاۋا تەڭشىگۈچ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، ئۇ ئۆينىڭ شەكلى ۋە چوڭ - كىچىكلىكىنى، ئۆي ئىچى - سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاپتوماتىك ھالدا ئۆلچەپ، داۋاملىق ئىشلەش ۋاقتىنى ۋە ئاپتوماتىك ھالدا ماڭغۇزۇپ - توختىتىش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۆي ئىچىنىڭ ھۇزۇرلۇق ئازادە تېمپېراتۇرىسى ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭ توك سەرپىياتى ئادەتتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭكىگە قارىغاندا % 15 تىن % 25 كىچە تۆۋەن.

يەنە مۈجمەل تېلېكامېرامۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مۈجمەل تىزگىنلىنىدىغان ئاپتوماتىك دىئافراگما ئىشلىتىلگەن. ئۇ، كۆرۈنۈش تۇرغان ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارنىڭ بېقىندىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن دىئافراگمىنى تەڭشەپ، روشەن تەسۋىرگە ئېرىشىدۇ. يەنە يەر يۈزىدىكى چاڭ - توزاننىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن شوراش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەيدىغان مۈجمەل چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ، گۈرۈچ بىلەن سۇ مىقدارىغا ئاساسەن گۈرۈچنى پىشۇرۇش تېمپېراتۇرىسى بىلەن ۋاقىتنى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەيدىغان مۈجمەل توك كورا، قاچا يۇيۇش دېسى ئىچىدىكى چىنە - قاچىلارنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن پاسكىنىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن يۇيىدىغان سۇ مىقدارى بىلەن ۋاقىتنى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەيدىغان »مۈجمەل چىنە - قاچا يۇيۇش ماشىنىسى« قاتارلىقلار بار.