ئائىلە باقمىچىلىقى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلاردا ئائىلە باقمىچىلىقى ۋە مال بورداش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان.

ئۇيغۇرلا شەھەرلىشىپ دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئائىلىۋى باقمىچىلىقنى يولغا قويۇپ ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوزۇقلىنىش ۋە سودا - تىجارەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.

ئۇيغۇر ئاساسەن كالا، قوتاز، قوي، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارنى مەخسۇس بوردايدۇ. كالا، قوي بورداش ۋاقتى 11 - ئايدىن 4 - ئايغىچە بولىدۇ، مال بورداش ئۈچۈن پاكىز، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆي تەييارلىنىدۇ. مال ئوقۇرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. مال تۇرىدىغان جاينىڭ ئالدى ئېگىز، ئارقىسى پەس بولىدۇ. مال بودىغۇچىلار بوردىلىدىغان مالنىڭ بويى، ئۇستىخان چوڭلۇقى، يېشى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بوردىلىدىغان مالغا ياۋا ئوت - چۆپ-، سېسىغان، قاقشال بولۇپ قالغان يەم - خەشەك بەرمەيدۇ. قۇرۇق ئوت، بېدە، سامان بېرىلگەندە ئۇيلارنى يۇيۇپ قاتمال بولسا ئىسسىق سۇغا بېسىپ يۇمشىتىپ بېرىدۇ. بوردالغان قوي، كالىغا ھەلەپ ئەتكەندە كېپەك بىلەن قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، يالغۇز كېپەكلا بەرسە ئۇنىڭ كۈچى بولمىغاچقا مال ئەت ئالمايدۇ. ئەكسىچە يالغۇز ئۇنى بەرسە مالنىڭ ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ. قويغا قوناق بېرىشكە توغرا كەلگەندە يارما قىلىپ ياكى قاينىتىىپ بېرىدۇ، ئادەتتە ھۆل شاپاق شالتاقنى بەرمەيدۇ. بېرىشكە توغرا كەلسە ئالدى بىلەن شاپاقنى سايىدە قۇرۇتۇپ سۇ تەركىبى تۈگەپ شىرشىم بولغاندا بېرىدۇ.

قوي سەمرىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئالدىدىن يەم ئۈزمەيدۇ. يەم - خەشەكنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەسىلەن، ھازىر بېدە بېرىلسە ئارقىدىن ئاداپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەلەپ بېرپ ئارقىدىن سۇغىرىدۇ. يەم بېرىش جەريانىدا يەملەرگە تۈز سالىدۇ ياكى يالاش ئۈچۈن شور تۇز قۇيۇپ قويىدۇ. قوي سەمرىپ يېتىلىشكە باشلىغاندا ئۇخلاتمايدۇ. بەلكى ئىككى تەرىپىگىچە تاختا قويۇپ، قوينىڭ ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈلمەي يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مالنىڭ ئاستىنى داۋاملىق قۇرۇتۇپ تۇرۇشتىن تاشقىرى، بۇرۇن، قۇلاق، تۇياقلىرىنى تەكشۈرۈپ مالدا پەيدا بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مالنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلسا، بۇرنىغا سۇ مېيى سۈركەپ ياكى پىياز يېگۈزۈپ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. كالا بورداشمۇ ئاشۇ خىلدا بولۇپ، يەم - خەشەكلىرىگە قوناق شېخى، مېۋىلىك دەرەخ يۇپۇرماقلىرى قوشۇپ بېرىلىدۇ. بوردىلىدىغان قوي كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يۈز گرامدىن سەككىز يۈز گرامغىچە، كالا بىر يېرىم كىلوگرامدىن ئىككى كلوگرامغىچە، كالا بىر يېرىم كىلوگرامدىن ئىككى كىلوگرامغىچە يەم يېشىشى لازىم. مۇشۇ خىلدا باققان قويلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوندىن بىر يۈز يىگىرمە كىلوگرام، گۆش ئېغىرلىقى يەتمىشتىن سەكسەن كىلوگرامغىچە، كالىنىڭ گۆش ئېغىرلىقى ئىككى يۈز ئەللىك كىلوگرامدىن ئۈچ يۈز كىلوگرامغىچە بولۇپ يېتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئادەتتە، توخۇ، ئۆردەكنى مەخسۇس كاتەك ياساپ، ھەربىرىنى بىر كاتەككە سولاپ ئايلانمايدىغان قىلىپ تۇرغۇزۇپ قوناق خېمىرىنى ئېچىتىپ بېرىپ بوردايدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن بىرەر ھەپتە ئىچىدە توخۇغا سەككىز يۈز كىلوگرامغىچە، بىر ئۆردەككە بىر كىلوگرامدىن بىر يېرىم كىلوگرامغىچە ئەت قوندۇرىدۇ. بۇ خىل بورداش قىش كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرقايسى جايلاردا مال بورداشنى كەسىپ قىلغان مەخسۇس كىشىلەر بولۇپ، ئۇ سودا - تىجارەتنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ.