ئائىلە تامىقى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى ئەتىگەن، چۈش، كەچتىن ئىبارەت ئۈچ ۋاخ بولىدۇ.

يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئادەتتە ئىككى ۋاخ نان بىلەن چاي ئىچىدۇ، كەچتە تاماق ئېتىپ يەيدۇ (ھازىر چۈشتە تاماق ئېتىپ يېيىش ئادىتى ئومۇملاشتى). ئۇيغۇرلار سەھەر تۇرۇپ يۈز - قوللىرىنى يۇيۇپ ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بولىدۇ(چوڭلار تەرەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ)، ئاندىن يىغىلىپ چاي ئىچىشكە باشلايدۇ. ئەتىگەنلىك چايدا ئىمكانىيىتى بار ئائىلە سۈتلۈك چاي ياكى قايماقلىق چاي تەييارلايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ھۈرمىتى بويىچە چازا قۇرۇپ، داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرىدۇ. چاي چوڭ چىنىگە قۇيۇلغان بولسا ناننى چىلاپ، كىچىك چىنىدە بولسا تۈگۈرۈپ ئىچىلىدۇ. چۈشلۈك چاي تارقاق بولۇپ ئېتىزدا چاي بىلەن نان ياكى قېتىق بىلەن نان يېيىلىدۇ. ياز پەسلىدە قوغۇن - تاۋۇز بىلەن يېيىلىدۇ.

كەچتە، ئائىلە ئەزالىرى ئەمگەكتىن قايتىپ يىغىلغاندىن كېيىن، قوللىرىنى يۇيۇپ، ئائىلە تەرتىپى بويىچە داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرىدۇ. تەييارلانغان تاماق كەلتۈرۈلىدۇ. تاماقتىن كېيىن، لەڭمەن بولسا ئاش سۈيىنى، پولۇ، مانتا قاتارلىقلار بولسا سىنچاي ئىچىدۇ.

ياز كۈنلىرى تاماقتىن كېيىن ھەرخىل ھۆل مېۋىلەرنى يەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىدە، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ قۇرۇق ئۈزۈم، ياڭاق مېغىزى، ھەرخىل مۇراببا، قەنت، ناۋات بىلەن چاي ئىچىش، ھۆل ئۈزۈم بىلەن يۇمشاق توقاچ نان يېيىش ئادىتى خېلى ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تامىقى گۆشلۈك ياكى گۆشسىز بولسۇن، كۆپ خىل بولۇپ، ھەركۈنى مۇمكىن قەدەر ئوخشىمىغان بىر خىل تاماق ئېتىلىدۇ. سەيلىك قورۇما تاماقلار كۆپ ئىستېمال قىلىنمايدۇ.