ئائىلە شەجەرىسى يېزىپ قويۇش ھەققىدە
ئالماس ھاجى
ئائىلە شەجەرىسى يېزىش مەسىلىسى خېلى يىللاردىن بېرى دىققەت ئېتىبارىمىزدا تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان ماقالىلار يېزىلدى. تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆرنەكلەر كۆرسۈتۈلدى. مەن بۇ يازمىدا ئۇلارنى تەكرارلىمايمەن، پەقەت ھاياتىمىزدا شەجەرە يېزىشنىڭ ھەر بىر كىشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردىن ئىكەنلىگى مۇھاجىرەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىۋاتقانلىغىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتمەكچىمەن.
مۇستەملىكە ئاسارەتلىرى بىزنى تارىخىمىزنى بىلمەيدىغان، ئائىلە شەجەرىمىزنى بىلمەيدىغان، كىملىكىمىزگە ئىتىۋار قىلماي ياشايدىغان ئىللەتلەرگە ئىگە قىلدى. تارىخنى بىلمەي، تارىختىن ئىبىرەت ئالمىغانلار، ساۋاق ئالمىغانلار، ئەقىل ئالمىغانلار تارىخى خاتالارنى تەكرارلايدۇ. نەسەبىنى، كىملىكىنى بىلمىسە قىرىنداشلىق مېھرىگە، يۇرت مېھرىگە، ۋەتەن مۇھەببىتىگە قانمايدۇ. ئۇ ھالدا مىللى روھى تولۇق يىتىلمەيدۇ. ۋەتەن دىسە كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن كېلىدىغىنى ئاتا-ئانىسى، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مېھرى ئىسسىق ئۆيى، قىرىنداشلىرى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى، خوشنا-خۇلۇملىرى، مەھەللىسى-يۈرتى كىلىدۇ. ئۆزىگە تونۇش چىرايلار، تونۇش مەنزىرە، تونۇش كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالساڭ، تونىمىساڭ ھىچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. ھىچنىمە كۆرۈنمىسە نىمە بولىدۇ؟ كۆرۈنمىگەن نەرسىگە ئىنكاس يوق، ھىسسىيات بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە شەجەرىسنى يېزىپ قالدۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈردۇر.
چوڭلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۇپ، ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىز زۇلۇم، مۈشكۈلاتلار تۈپەيلى يۇرتنى تەرك ئىتىپ ھەرجايغا كىتىپتۇق، تەكتىمىزنى سۈرۈشتۈرگىدەك يۇرت-ماكان، شارائىتمۇ يوق، گويا، ئەجدادلىرىمىزنى ئۇنتۇش يولى باشلانغاندەك.
تارىخنى بىلمەسلىك، ئەجدادلىرىنى بىلمەسلىك، تارىخى تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەسلىك بىزدىكى چوڭ ئەيىپ. شۇ ئەيىپلىرىمىز تۈپەيلى بېشىمىزغا نىمىلەر كەلمىدى. بىز كىم ئىدۇق، كىم بولدۇق، كىم بولماقچى ئىدۇق، بۇ ھەقتە ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرۇشقا، يەتكۈزۈشكە تېگىشلىكلەرنى مۇشۇنداق يازمىلار ئارقىلىق يېزىپ قالدۇرىشىمىز، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىشىمىز لازىم ئىكەن. ئەگەر شارائىت يار بەرسە شەجەرىنى پەقەت ئائىلىۋى مۇناسىۋەت ۋە ئۇرۇق-تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى خاتىرىلەپ قۇيۇشقىلا قاراتماستىن، بەلكى، ئۇلار ياشىغان دەۋر ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، كەچۈرمىشلىرى، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرى، ئىستەكلىرى، ئارمانلىرى، نەتىجىلىرى، تەجىربە-ساۋاقلىرى توغرىسىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر يېزىپ قويۇلسا تېخىمۇ ياخشى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.
تۆۋەندە ئائىلە شەجەرىسى يېزىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتىمەن:
1. ‹‹مۇقەددىمە›› (دەسلەپكى سۆز)، بۇنىڭدا-ئائىلە شەجەرىسى يېزىۋاتقان كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرىشى، مەقسەت-تەلەپلىرىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىشى لازىم.
2. ‹‹بىزنىڭ يۇرتىمىز››، بۇنىڭدا-يۇرتىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، شارائىتى، ئەۋزەللىگى، تارىخى كەچمىشلىرى، يۇرتداشلىرىنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى يېزىلىدۇ.
3. ‹‹دادام پالانچىنىڭ ئەجداتلىرى››، بۇنىڭدا- دادىسى ۋە دادىسىنىڭ ئەجدادى تونۇشتۇرىلىدۇ. قانچە يىراقنى بىلسە شۇنىڭدىن باشلىسا بولىدۇ، كىچىك ماۋزۇ قويۇپ، چوڭ دادا تەرەپ ۋە چوڭ ئانا تەرەپ دەپ ئايرىم-ئايرىم يېزىلغىنى ياخشى.
4. ‹‹ئانام پالانچىنىڭ ئەجداتلىرى››، بۇنىڭدا-ئانسى ۋە ئانىسىنىڭ ئەجداتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بىلگىنىدىن باشلىسا بولىدۇ، كىچىك ماۋزۇ قويۇپ، چوڭ دادا تەرەپ ۋە چوڭ ئانا تەرەپ دەپ ئايرىم- ئايرىم يېزىلغىنى ياخشى.
5. ‹‹دادام پالانچىنىڭ قېرىنداشلىرى››، بۇنىڭدا-دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. (ئىسمى، سالاھىتى، تۇغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىدۇ.)
6. ‹‹ئانام پالانچىنىڭ قېرىنداشلىرى››، بۇنىڭدا-ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ. (ئىسمى، سالاھىتى، تۇغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىدۇ.)
7. ‹‹دادام پالانچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى››، بۇنىڭدا-دادىسىنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرى،تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ .ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ بالىلىرىغىچە يېزىلغىنى ياخشى. چۈنكى ئائىلە شەجەرىسى ئۆتكەنلەرنى ئىزاھلاش بىلەن ئۆتۈۋاتقان ۋە ئۆتۈدىغانلارغا مۇناسىۋەت تىكلەيدۇ.
8. ‹‹ئانام پالانچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى››، بۇنىڭدا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرى يۇقارقىغا ئوخشاش تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ .
9. ‹‹پالانچى ئائىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى››، بۇ ماۋزۇدا دادىسى ۋە ئانىسى بىر قەدەر تەپسىلى تونۇشتۇرىلىدۇ . مەسىلەن: توغۇلغان جايى، ۋاقتى، ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئائىلە ۋە مەھەللە مۇھىتى، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، ئائىلە قۇرغان ۋاقتى قاتارلىقلار. يەنە ئاتا ئانىسىغا مۇناسىۋەتلىك، خاتىرىلەپ قويۇشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان تەرەپلەرنى يازسا بولىدۇ .
10. ‹‹پالانچى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى››، بۇ ماۋزۇدا مۇشۇ ئائىلىنىڭ قانچە پەرزەنتلىك بولغانلىقى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ. ئاندىن كىچىك ماۋزۇلار ئاستىدا ‹‹پالانچىنىڭ ئائىلىسى›› دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ھەر بىر پەرزەنتنىڭ ئائىلىسى تەپسىلى يېزىلىدۇ. ئۆزىنىڭ، ئايالىنىڭ، بالىلىرىنىڭ توغۇلغان ئورنى، ۋاقتى، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، تۇرمۇش قۇرغان ۋاقتى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىقلار. بۇنىڭغا قوشۇپ شۇ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەپسىلاتلارنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېقىشلىق مىجەز خاراكتىرلىرىنىمۇ يېزىپ قويغان ياخشى. بۇ كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك بولىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىمۇ يېقىملىق ھېس قىلىدۇ.
11. ‹‹ئاخىرقى سۆز››، ئائىلە شەجەرىسىنى يېزىپ بولغان كىشى قەلبىدە ئاخىرىدا دەيدىغان بىر گىپى قالغاندەك بولىدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ شۇ گەپلىرىنى يېزىپ بولۇپ بىر چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپە ئاخىرلىشىدۇ.
تۆۋەندە ‹‹ئاخىرقى سۆز››دىن بىر ئۆرنەك كۆرسىتىمەن:
‹‹يېزىۋاتقىنىم بۇ شەجەرىنىڭ ئاخىرقى سەھىپىسى ئەمەس، ئەلبەتتە. بۇ داۋام ئېتىدىغان سەھىپە، بۇ تۈگۈمەس قۇرلاردۇر. بۇ قۇرلاردا ئائىلىمىزنىڭ يىلتىزلىرى، غوللىرى، شاخلىرى، ياپراقلىرى ئەكىس ئىتىدۇ. بۇ قۇرلاردا ئۇزۇن بىر ھايات يولى ۋە بۇ يول بويلاپ قىلىنغان سەپەردىكى غەم-قايغۇلىرىمىز، كۆز ياشلىرىمىز، كۈلكە-شاتلىغىمىز، ئۈمۈت-ئارزۇلىرىمىز ۋە ئارمانلىرىمىزمۇ ئەكىس ئېتىدۇ. بۇ ئائىلە شەجەرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يولدىكى ھايات كۈرۈنۈشلىرىنى، كەچمىشلىرىمىزنى تولىقى بىلەن يازالمىدىم. يېزىش جەريانىدا كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنگەن ھايات كۈرۈنۈشلىرى بەزىدە كۆز ياشلىرىم بىلەن، بەزىدە سۈيۈنۈپ كۈلۈشلىرىم بىلەن ماڭا ھەمراھ بولدى.
قىرىنداشلار بىر-بىرىگە كەڭ قوساق، ئەپۇچان، كۈيۈمچان بولىشى لازىم. بۇ قىرىنداشلىق پەزىلىتىدۇر. قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرى، ياردەملىرى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ بەدىلى بولمايدۇ، ھىساپ كىتاپ قىلىدىغان دەپتىرى بولمايدۇ، مانا بۇ قىرىنداشلىق بۇرچىدۇر. مەن شۇنداق قارايمەن ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرىشتىم. قىرىنداشلىرىمنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى يېزىش جەريانىدا بۇلارغا تۈزۈكرەك بىر ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم. قىرىنداشلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، قانچىسىنى خاپا قىلىپ، قانچىسنى رەنجىتىپ قويغاندىمەن، دىگەن خىياللار كاللامدىن ئۆتتى. ئەۋىلى ئاللاھ، ئۆزۈڭ كەچۈرگەيسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن قىرىنداشلىرىمدىن ئەپۇ سورايمەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلىمى بىزنى ۋەتەندىن، قىرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىۋەتتى. بىزنى ئۆز-ئارا ئالاقە قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئاللاھ ئاۋازىمنى سىلەرگە يەتكۈزسۇن قىرىنداشلىرىم:- مىنى كەچۈرۈڭلا، ھەققىڭلىنى ھالال ئېتىڭلا، قىرىنداشلىرىم!››
يۇقۇرىدىكىلەر ئائىلە شەجەرىسى يېزىشنىڭ ئاددى نۇسخىسى، بۇنى يەنە ئاددىلاشتۇرۇشقا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى قوشۇشقا بولىدۇ. ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە ھەر بىر ماۋزۇغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى قىستۇرما قىلش زۆرۇر، بۇنداق قىلسا تېخىمۇ ياخشى مۇكەممەل بولىدۇ.
ئائىلە شەجەرىسىنى يەنىمۇ ئاددىلاشتۇرۇپ گىرافىك شەكىلدە ئىشلەپ كۆرسەتكىلى ياكى دەرەخ شەكلىدە رەسىملىك ھالەتكە كىرگۈزۈپ تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى يازمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلسا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
2019-يىلى 19-ئاپرىل، ئىستانبۇل
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى