ئائىلە ۋەخپىسى

ئورنى Wikipedia

<خۇسۇسىي ۋەخپە> مۇ دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاللانىڭ نامى بىلەن ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان يەر، مۈلۈك كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىگىلىك ھوقۇقى بۇرۇنقى ئىگىسى تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت توڭلىتىپ قويۇلىدۇ. <ئاللانىڭ مۈلكى> دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەمتاۋاق بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پايلانغۇچى مۈلۈكنى ساقلاش - باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. سېتىشقا، رەنىگە قويۇشقا، ئىئانە قىلىشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ. پايدىلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پايدىلىنىش ھوقۇقى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش بىلەن چەكلىنىدۇ؛ پايدىلانغۇچى تۈگەپ كەتكەندە بۇنداق ۋەخپە يوقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ بېرىلىشى كېرەك. شەرىئەت ئىككى خىل ئۆزگىرىشكە يول قويىدۇ: (1) پايدىلانغۇچى يېڭى مۈلۈك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، قازىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن كونا مۈلۈكنى ساتسا ياكى يېڭى مۈلۈككە تېگىشسە بولىدۇ؛ (2) ۋەخپە قىلىپ قالدۇرۇلغان تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىشكە بولىدۇ، ئىجارە مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئاشمايدۇ. يەر ۋە مۈلۈك قالدۇرۇش بىلەن شەكىللەنگەن ئائىلە ۋەخپە تۈزۈمى ۋارىسلىق تۈزۈمىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، تارىختا ئىسلام دۆلەتلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان. يېقىنقى زاماندىكى شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق بۇ تۈزۈم ۋارىسلىق تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلۈپ، قالدۇرۇلغان يەر شەرىئەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈك، دەپ ئېتىراپ قىلىندى.