ئابباسىيە مەزھىپى

ئورنى Wikipedia

ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەسلىي ھاشمىيلارنىڭ شۆبىسى بولۇپ، دەسلەپكى شىئە مەزھىپىنىڭ تارماق مەزھىپى بولغان. ئۇلار شىئە مەزھىپىنىڭ تۇنجى ئىمامى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىيە ئۆلمىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ شەرىئەتكە لايىق ئىز باسارى بولۇپ، ئىماملىق ئورنىنى ۋە پۈتۈن بىلىمنى ئوغلى ئەبۇ ھاشىم (؟ - 717) غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، دەپ قارايدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن ۋە زاھىر مەنىلىرى بارلىقىنى ھەممىدىن ئاۋۋال مۇشۇ مەزھەپ ئوتتۇرىغا قويغان، باتىن مەنىسىنى تېخىمۇ مۇھىم، دەپ بىلگەن. ئەبۇ ھاشىم خۇمەيمە كەنتىدە (ھازىر پەلەستىن چېگرىسى ئىچىدە) ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىماملىقنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلىگە ئۆتكۈزۈپ، بەرگەن، كېيىن يەنە ئابباس جەمەتىنىڭ پۇشتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئابباس جەمەتى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شىئە مەزھىپى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، خەلىپە ئابباسنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئەتكە لايىق ئىز باسارى دەپ جاكارلىدى. <ئاللانىڭ زېمىنىدىكى ھۆكۈمرانلىقى> نى تىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپ دىنىي مەزھەپتىن سىياسىي مەزھەپكە ئۆزگىرىپ كەتتى.