ئابخاز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia

سوۋېت ئىتتىپاقى گروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. غەربىي جەنۇبىي تەرىپى قارا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانە 8600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 526 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ % 80 تىن كۆپرەكىنى ئابخازلار تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، گرۇزىن، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. 1921 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. مەركىزى سۇخومىي شەھىرى. ئابخاز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي يانباغىرلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، قارا دېڭىز بويلىرىدا تار سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى مۆتىدىل، نەم كېلىدۇ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1300-1500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتردىن ئېگىز بولغان جايلىرى مەڭگۈ ئېرىمەس قار - مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ % 50 نى ئىگىلەيدۇ. سانائەت - يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلمىغان. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا لىمون ھەم چاي قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىپ ئېلىنىدۇ. دېڭىز قىرغانق رايونلىرىدا تۆمۈريول، تاشيول، دېڭىز ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. مۇھىم شەھەرلەردىن گاگرا، گۇلرىپىشى، گۇدائۇتا قاتارلىقلار بار.