ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش Abduhaliq uyghur ustida qayta oylinish

ئورنى Wikipedia
                                                                    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
                                                        (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
                                                                       مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
     1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

تالانتلىق شائىر، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى، مىللەت سۆيەر جەڭچى ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئوغلى ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ باغرى يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقىرۋالغان. كېيىن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 12 يېشىدا ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشىشقا باشلىغان. 1916-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا ئىشلىرى بىلەن روسىيەگە بارغاندا بىرگە بېرىپ، روسىيەنىڭ شەمەي (ھازىرقى قازاقىستاندا) شەھىرىدە رۇس تىلى ئۆگەنگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قارىشەھەرگە بېرىپ موڭغۇل تىل-يېزىقىنى ئۆگەنگەن. كېيىن يۇرتىدا شۆتاڭغا كىرىپ خەن تىلىنى ئۆگەنگەن ھەم زۇلۇمغا قارىشى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلدىن باشلاپ، تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاي، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن ئابدۇللا رۇزى باقىيېۋ ۋە نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) لەرنىڭ تەسىرىدە، ئىنقىلاب قىلىشتا بىرىنچى ئامىل خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن ئويغۇتىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەلەمنى قورال قىلىپ، «ئۇيغۇر» تەخەللۇسى بىلەن «ئىستىمەس»، «باردۇر»، «ئويغان»، «ھار» قاتارلىق ئىنقىلابىي چاقىرىق كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئېرلانى يېزىپ، خەلق ئارىسىغا تارقىتىشقا باشلىغان. شۇڭا ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ كۆزدىن يوقۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىن كىشىلىىرنىڭ دەۋىتى بىلەن 1923-يىلى بىر قىسىم دوستلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككىنچى قېتىم سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا چىقىپ كەتكەن ھەم ئۇ يەردە كەڭ تارقالغان مەرىپەتچىلىك ۋە تەرەققىيات ئىدىيسى بىلەن قوراللانغاندىن كېيىن، يۇرتىنى ۋە خەلقىنى ئويغۇتۇپ، ئۆز ئىدىيسىدىكى يېڭى ماكانىنى قۇرۇش مەقسىدىدە يەنە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن بۇرۇنقىدىنمۇ يۇقىرى جاسارەت بىلەن قەلەمنى قورال قىلىپ خەلقنى ئويغۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەرىپەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېڭىچە باسما زاۋۇدى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەكسىيەتچى مىللىتارست ياڭ زىڭشىڭنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشمىغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، باسما زاۋۇدى قۇرۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن يەنە ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمەي، قەتتىئىي ئىرادىلىك ئىنقىلابىي جەڭچىگە ھەم ئۆز زامانىسىنىڭ يىتۈك زىيالىسىغا خاس روھ بىلەن، زامانىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك بايلىرىدىن مەخسۇت مۇھىتى ۋە ئىسكەندەر خوجا قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ئاستىدا، 1927-يىلى «ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا بىر مەرىپەت جەمىئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقتىن يىغىلغان ئۈچ مىڭ سەر كۈمۈش بىلەن تۇرپان يېڭىشەھەردە بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يىلى ئاق سارايدا «ھۆرىيەت مەكتىپى»، كونىشەھەردە يەنە بىر مەكتەپ قۇرۇپ چىققان. 1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار ھەرىكىتى كۆتۈرىلىش ھارپىسىدا «ئاچىل» ناملىق مەشھۇر شېئېرنى يېزىپ، كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان. بۇ شېئېر ئۆز دەۋرىنىڭ ئىنقىلاب مارشى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرگەن ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئېر يېزىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ شېئېرلىرىنى ئوقۇشىنى مەنىئىي قىلغان. ئۆز غايىسى يولىدا ئۆلۈمدىنمۇ باش تارتمايدىغان بۇ ئوت يۈرەك ئەزىمەت ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تەھدىت ۋە توسۇشلىرىغا قارىماي، 1932-يىلى «ئويغان» ۋە «ئاچىل» ناملىق شېئېرىنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەيۋىسىگە قارىشى قەتتئىي كۈرەش قىلغان. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا تۇرپاندا دېھقانلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارىشى قوراللىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن ھەم مىللىتارست جىن شۇرېننىڭ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇب قىلغان. بۇ جەرياندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، كەڭ تۈردە جامائەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان. 1933-يىلىنىڭ بېشىدا، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن قاتتىق دەككىسىنى يېگەن جاللات شىڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەن ھەم يەرلىك خەلقتىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ رۇزى موللا قاتارلىق بىر قىسىم يەرلىك غالچىلارنىڭ چېقىمچىلىق قىلىشى ئارقىسىدا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەرنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋىي تەرغىباتچىلىرى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ، قاتتىق سوراق قىلغان. بىراق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشچىلىقىدىكى ئەزىمەتلەر ئاخىرغىچە باش ئەگمەي قارىشىلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى جاللات شىڭ شىسەي قوشۇنلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئۆز سەبداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرپان شەھىرىنى ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلغاندىن كېيىن، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆلۈم ئالدىدىمۇ مەرت ئەزىمەتلەرگە خاس روھ بىلەن قىلچە قورقۇپ قالماستىن «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، «ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ شوئار توۋلاپ، ئۆزى سۆيگەن ۋەتىنى ۋە خەلقى بىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالىشىدۇ.

2. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى قوللىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياشىغان دەۋر، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك جۇغراپىيلىك ماكان ۋە ئېتنىك توپتا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتقان، ئۇلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملەردە بولۇش بىلەن ئايرىم ئېتنىك گۇرھلارغا بۆلۈنىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن جىددىي ئىزدىنىۋاتقان بىر دەۋردۇر. بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. ‹1› بۇ دەۋردە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھامىيسى ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى (1298-1923)، دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراپ، دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن، تۈركىي مىللەتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرلۈك ياردەملەردە بولىۋاتقان، ئورتاق تۈركچىلىك غايىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان دەۋر. يەنى، بۇ دەۋردە، ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شىنجاڭ رايونىغا ئەخمەت كامالغا ئوخشاش بىر تۈركۈم مائارىپ-مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشىغا ياردەملەردە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي قوماندان ۋە مۇتەخەسىسلەرنى، جۈملىدىن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىش ھەم غەرب تەرەپتىن ئەرمەنلەرگە قاتتىق تەھدىت سېلىش ھەم قوراللىق ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئەرمەنلەرنىڭ داشناق پارتىيسىنى كۈشكۈرتۈپ شىمالىي ئەزەربەيجان دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش غەرىزىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغان. تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپېريىسىنىڭ مەشھۇر ھەربىي قومناندانى گېنىرال ئەنۋەر پاشا 1918-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش غايىلىرىگە زور ياردەملەرنى بەرگەن، شۇنداقلا، ئۆزى بىۋاستە قوشۇن تەشكىللەپ، سوۋېت بولشېۋىك ئارمىيسى بىلەن ئاخىرقى تىنىقى قالغىچە ئۇرۇش قىلغان. سۇلتانلىق ھاكىميىتى يەنە بالقان ۋە باشقا جايلاردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. شۇ سەۋەبتىن دۇنيادا ئورتاق تۈركچىلىك غايىسى باش كۆتەرگەن. ‹2› بۇ دەۋردە، موڭغۇل ئېگىزلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى جايلاردىن بىر تۈركۈم ئابىدىلەر تېپىلىشى ھەمدە دانىيە ئالىمى تومسىن ۋە روسىيە تۈركىلوگى رادىلوف تەرىپىدىن يېشىپ ئوقۇلۇپ، «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دېگەن ئومومىي نام بىلەن دۇنياغا تونۇشتۇرۇلىشى؛ «تۈركى تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋىي ئەڭگۈشتەرى تېپىلىپ، دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىنى ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى لەرزىگە سېلىشى؛ دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىدىكى يىتۈك ئالىم، رۇس تارىخشۇناسى بارتولدى، تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم ھەم جامائەت ئەربابى زىيا كۆك ئالىپ، مەشھۇر تاتار تۈركىلوگى ئا.زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق دۇنيا تۈركىلوگلىرىنىڭ تارىخشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق تۈركىلوگىيەنىڭ نازۇك ساھەلىرىدە زور مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىشى تۈركىي مىللەتلىرىدىكى مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەم مىللىيلىككە قايتىش ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەرگەن. ‹3› بۇ دەۋردە ئوسمان تۈرك ئىمپېريسى، روسىيە، گېرىتسىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە دۆلەتلىرىنىڭ قوراللىق تاجاۋۇزى ھەم ئەرەبلەرنىڭ ئەنگىليە ۋە فىرانسىيەلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ئارقىسىدا توختىماي خەلىپىلىككە قارىشى چىقىشى، ئەرمەنلەر رۇسلارنىڭ ياردىمى ۋە داشناق پارتىيسىنىڭ باشچىلىقىدا توختىماي ئىسىيان كۆتۈرىشى ئارقىسدا تەدرىجى ئاجىزلاپ، تارىخ سەھنىسىدىن يىمىرىلگەن، ئورنىغا مۇستاپا كامال باشچىلىقىدىكى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان. ‹4› يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مۇستاپا كامال ھاكىميىتى ئوسمان تۈرك ئىمپېريىسى دەۋرىدە باشلىنىپ، يېرىم يولدا توختاپ قالغان ئىسلاھاتچىلىق ۋە گۈللىنىش ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلىپ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن؛ پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئافغانىستانلىق جامالىدىن ئافغانى (1839-يىلدىن 1893-يىلغىچە ياشىغان ئافغانىستانىلىق مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى ھەم مۇسۇلمان دۇنياسىدا باش كۆتەرگەن ئىسلام ئويغۇنىش ھەرىكىتى ۋە ئىسلام مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى تۆت خەلىپىنىڭ بىرى بولغان ھەزىرىتى ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىپ رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇ ۋە دىنىمىزنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەلاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا تۇتىشىدۇ. دېمەك ئۇ ئافغانلاشقان ئەرەب بولۇپ، پەيغەمبەر جەمەتىدىن) ۋە مىسىرلىق مۇھەممەد ئابدۇ (1849-يىلدىن 1905-يىلغىچە ياشىغان. مىسىرلىق مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى ھەم ئىسلاھاتچىسى، جامالىدىن ئافغانىنىڭ شاگىرتى) لارنىڭ باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتى گۈللۈنۈپ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا كېڭەيگەن؛ مۇسا جارۇللا، غاسپىرالى، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق بىر تۈركۈم تاتار زىيالىلىرى ياۋروپا تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن جامالىدىن ئافغانى ۋە مۇھەممەد ئابدۇلارنىڭ ئىسلام گۈللىنىش چاقىرىقىنى بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن تۈركىي ھەم مۇسۇلمان دۇنياسىغا تارقىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلەردە بولىۋاتقان، جۈملىدىن، تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا جەدىتچىلىك (ئىسلاھاتچىلىق) ۋە يېڭى مەرىپەتچىلىك، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى باش كۆتۈرۈپ، يېڭى مەكتەپلەر بىنا قىلىنغان، مىللىي ئاڭ ئويغۇنىشى كۈچەيگەن ئىدى. ‹5› يەتتە سۇنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىدا تاتار زىيالىلىرنىڭ تەسىرى تېز تارقىلىشقا باشلىغان. ئابدۇلا توقاي، ھادى تاقتاش قاتارلىق بىر قىسىم تاتار شائىرلىرىنىڭ شېئېرلىرى دىيارىمىزغا كەڭ تارقىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋىي مۇھىتىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە سىڭىپ كىرگەن. بولۇپمۇ ئابدۇللا توقاينىڭ نۇرغۇنلىغان جەڭگىۋار شېئېرلىرى ياش ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. بىر قىسىم تاتار زىيالىلىرى چېگرا ئاتلاپ دىيارىمىزغا كېلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە مەرىپەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، خەلقىمىزگە تۈركى خەلقلەرنىڭ شانلىق تارىخىنى تونۇتقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە چۆچەكتە تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مەشھۇر تارىخچى مۇرات ئەپەندى، تۇرپاندا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان گۈلەندەم ئاۋۇستاي (موللاچا) خەلقىمىزگە بىر قەدەر تونۇشلۇقتۇر. ‹6› يەتتە سۇ ۋە ئىلى-تارىم ۋادىسى ھەم قۇمۇل-تۇرپان بوستانلىقىدىكى تىل شېۋىسى ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىدىكى تۈركىي توپ «يەتتە شەلىكلەر»، «ئالتە شەلىكلەر»، «قەشقەريەلىكلەر»، «جۇڭغاريىلىكلەر، «ئىللىلىقلار»، «تارانچىلار» دېگەندەك يۇرت ناملىرى بىلەن بۆلۈنۈپ ياشاۋاتقان ياكى «چەنتۇلار»، «چەنتۇخۇيلار»، «زىۋازىلار» دېگەندەك باشقىلار قويۇپ بەرگەن ھاقارەت نامنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نامى دەپ قاراپ كۆتۈرۈپ يۈرگەن؛ بۇ ناملارنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يېڭى ئېتىنىك مىللىي بۆلۈنمىلەرنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق پارچىلاپ باشقۇرۇش ۋە مىللىي ئاسسىملاتسىيە قىلىش كويىدا بولىۋاتقان بىر قىسىم يامان غەرەزلىك رۇس مىللەتچىلىرى (ئاتاقلىق رۇس تارىخشۇناسى بارتولدى بۇ خىل خاھىشقا باشتىن-ئاخىرىغىچە قەتتىئىي قارىشى تۇرۇپ، تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى سىياسىدىن خالى بىر رەۋىشتە تەتقىق قىلغان ھەم رۇس مىللەتچىلىكنى تەنقىد قىلغان. تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، تۈرك تارىخىغا دائىر لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ، ئۇلارغا بولغان دوستانىلىقىنى بىلدۈرگەن) ۋە يەرلىك غالچىلار ھەممىلا يەردە قۇتىراۋاتقان ئىدى. ‹7› ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىغا تاجاۋۇزچىلىق قارا قولىنى سوزغان سوۋېت بولشېۋىك ئارمىيسىنىڭ ئىۋان مامىنتوۋ، مۇرايېۋ باشچىلىقىدىكى قىسىملىرى 1918-يىلى 5-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان «ئاتۇ پاجىئەسى» نى پەيدا قىلىپ، ئالمۇتىدىن غالجاتقىچە بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى 25 مىڭ ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلىپ، يەتتە سۇ رايونىدىكى ئىگىسىز قالغان خەلقىمىز ئۈستىدىن خالىغانچە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. شۇڭا، بۇ يۇرتلاردىكى تۈركىي توپ «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا، ئۆز ئالدىغا يادىرو ھاسىل قىلالايدىغان بىر ئېتىنىك ۋە سىياسىي توپقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان. ‹8› ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئويغانغان، تارىختىن خەۋەردار زىيالىلرىمىز قەلەمنى قورال قىلىپ، خەلققە ھەقىقىي رېئاللىقنى ۋە تارىخنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە باشلىغان. ئۆز مىللىي نامىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلارنىڭ تەسىرى چېگرا ئاتلاپ ئىلى-تارىم ۋادىسى ۋە قۇمۇل-تۇرپان بوستانلىقىغىچە يېتىپ بارغان. شۇ سەۋەبتىن، يەتتە سۇ ۋە ئىلى-تارىم ۋادىسى ھەم قۇمۇل-تۇرپان بوستانلىقىدىكى تىل شېۋىسى ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا ئىگە تۈركىي توپ ئورتاق بىر «ئۇيغۇر» نامى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي توپىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولغان ئابدۇللا رۇزى باقىيېۋ ۋە نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتلەر ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئابدۇللا رۇزى باقېيېۋ 1897-يىلى ئالمۇتىدا تۇغۇلغان. 1917-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۇيغۇر جەمىئىيەتلىرىنى قۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1921-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تاشكەنتتە چاقىرىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر جەمىئىيەتلىرىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى، يەنى، ئالتە شەھەر-جۇڭغارىيە ئىشچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىدا بارلىق ئۇيغۇر جەمىئىيەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، «ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ چىققان. قۇرۇلتاي ئىلگىرىكى «تارانچى»، «قەشقەرلىك»… دېگەندەك غەيرى بۆلۈنمە ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى دەسسەتكەن ھەم پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان توپنى قايتىدىن ئۇيۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنقىلابىي ۋەزىپىلىرى ھەققىدە قارار چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان. 1923-يىلى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئۇيغۇر بىلىم ھەيئىتى» ناملىق ئىلمىي مەركەزنى تەشكىل قىلغان ھەم بۇ جەمىئىيەتكە باشچىلىق قىلىپ، ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئىملا قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلغان. ھاياتىدا تۇنجى ئۇيغۇر گېزىت-ژۇرناللىرى بولغان «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى، «قىزىل تاڭ» ژۇرناللىرىنى، «بىرىنچى چامدام» توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالمۇتىدا ئىككى، ياركەنتتە 15، بېشكەكتە تۆت مەكتەپ قۇرۇپ چىققان. 1937-يىلى 40 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابى. ئۇ 1887-يىلى ھازىرقى قازاقىستانغا قاراشلىق غالجات يېزىسى (1881-يىلىدىكى «ئىلى شەرتنامىسى» دا روسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ زېمىن دائىرىسىدىن بۆلۈۋالغان) دا تۇغۇلغان. ئۇ ئاۋال ئۆز يېزىسىدا، ئاندىن ئالمۇتىدا، كېيىن قازان ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان. قازان ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇغان مەزگىللىرىدە رۇس تۈركىلوگلىرىدىن رادلوف، س.ي مالوف، تاتار زىيالىلرىدىن نوشرىۋان يائۇشۇف، غالىمجان ئىبىراھىموۋ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەم شۇلارنىڭ تەسىرىدە قەشقەرلىك، يەكەنلىك، تۇرپانلىق، ئىلىلىق، يەتتە شەلىك، ئالتە شەلىك، تارانچى دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان خەلقلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە بىر مىللەت، يەنى، ئۇيغۇرلار ئىكلەنلىكنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نامىنى بىلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ پاجىئەنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ھېس قىلىپ، 1911-يىلى ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسىنى قوللانغان ھەم مۇشۇ تەخەللۇستا تارىخىي ھەم پۇبلىستىك (سىياسىي-مۇھاكىمىلىق) ماقالىلارنى يېزىپ، «شۇرا»، «تىل يارىش» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى ئىشلىتىشتە نەزەر خوجا ئادۇسەمەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. ئۇ 1917-يىلى يەتتە سۇ رايونىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. بىراق، ئۇنىڭ ئىدىيىسى رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىدىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا، 1923-يىلى قوزغالغان «بۇرژۇئا مىللەتچىلىرىنى تازىلاش» ھەرىكىتىدە باستۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن 1929-يىلى خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ جاغىستاي يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت جاغىستايدا تۈرلۈك ئېغىر قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، 1952-يىلى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى، «ئالتە شەھەرگە سەپەر»، «يۈسۈپ سەككاكى ھەققىدە»، «جام شەھىرى»، «جۇڭغارلار ۋە ئېنگىلىزلار»، «بىزنىڭ تۇرمۇش»، «ئىلى تارىخى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى، «مەزلۇم ياشلارنىڭ زارى»، «ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ياشلىرى»، «خانتەڭرى» قاتارلىق شېئېرلىرى، «ياش شائىرلىرىمىز» ناملىق تەقرىزى، «ئوماق بىلەن ئامراق» ناملىق ھېكايىسى، «نۇزۇگۇم» ناملىق پوۋېستى، «خۇشتىرىخان» ناملىق داستانى ۋە بىر قىسىم فېليەتۇنلىرى بار. ‹9› مۇسابايۇپلار ئائىلىسىنى مەركەز قىلغان بىر تۈركۈم دۇنيا كۆرگەن ھەم ئالدىن ئويغانغان ئۇيغۇر بايلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭىچە مەكتەپلەرنى ۋە نەشىرياتچىلىقنى، تار دائىرلىك سانائەتلىشىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، مەمتىلى ئەپەندى، تەجەللىگە ئوخشاش بىر تۈركۈم يۇقىرى ئاڭ ۋە ئۈستۈن بۇرۇچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىلىرى چەت مەملىكەتلەرنى ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىنىڭ ئەھۋالىغا قاتتىق ئېچىنغان ھەم ئىسلاھاتچىلىق، نەشىرياتچىلىق ۋە مائارىپچىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يۇرتىنى، خەلقىنى مەنىۋىي ئاسارەت ئىچىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە زەنجىرسىمان ئىنكاس قوزغاپ، دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نىسبىي ئويغۇنىش ھەرىكىتى شەكىللەنگەن. ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە بىر تۈركۈم پەن بىلەن دىنىي تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلغان. مانا شۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنىش ۋە ئىدىيۋى تەسىر ئاستىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1921-يىلى ئۆزىگە «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى قوللانغان شۇنداقلا شۇ يىلى «ئويغان» ناملىق شېئېرىنى يېزىپ، «ئۇيغۇر» سۆزىنى مىللەت نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىگە بولغان ئوتلۇق خىتابىنى ياڭراتقان.

3. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ چوڭ تۆھپىسى بىرىنچى، تەشۋىقاتچىلىق جەھەتتە. ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەشۋىقاتچىلىق جەھەتتىكى تۆھپىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن خۇلاسىلەش مۈمكىن. ‹1› مىللىي ئاڭ جەھەتتىن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەلەمنى قورال قىلىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي نامىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى تونىۋېلىشىغا، مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى قوزغاپ، مىللىي غورۇر ۋە مىللىي ئاڭ پەيدا قىلىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزىگە «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى ھەمراھ قىلىپ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر شېئېرلارنى يېزىش بىلەن بىرگە، يەنە، بىر قىسىم شېئېرلىرىدا «ئۇيغۇر» نامىنى قوللىنىپ، بۇ نامنى كەڭ خەلق ئىچىدە مىللەت نامى سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان. مەسىلەن: «ئۇيغۇر قىزى»، «ئىنتىزار»، «خەير كۆرۈشەرمىز»، «بىر پەلەكنىڭ خەمىكى»، «يەجۈجى-مەجۈجى» قاتارلىقلار. يەنە بىر قىسىم شېئېرلىرىدا بۇ نامنى قوللۇنۇپ، بىزنىڭ مىللىي نامىمىزنىڭ «ئۇيغۇر» ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك خىتاب قىلغان ھەم خەلقنى ئۇيغۇرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. مەسىلەن: «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»، «غەيرىتىڭدىن ئايلىناي»، «نە قىلاي»، «دەردى دەۋران»، «رۇبائى ۋە پارچىلار» قاتارلىقلار. بەزى شېئېرلىرىدا بىزنىڭ زامانىمىزدا باشقىلار تەرىپىدىن پەس كۆرۈلۈپ، ھايۋان كەبى پەس نام-ئاتاق ۋە مۇئامىلىلەرگە ئۇچىراۋاتقان بولساقمۇ، ئۆتمۈشتە زور شەرەپلەرنى ياراتقان، باسقىلاردىن قېلىشمايدىغان پەخىرلىك بىر خەلق ئىكەنلىكىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ، خەلىقىمىزنىڭ مىللي ھېسسىيات، مىللىي غورۇر، مىللىي پەخىرلىنىش ۋە مىللىي جاسارەت تۇيغۇسىنى، باشقىلارغا ئوخشاش ھۆر-ئەركىن ھالدا ئادىمىيلىك مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ھاسىل قىلىش ھەم كۈچەيتىشكە چاقىرغان. مەسىلەن: «ئىچ پۇشۇش» قاتارلىقلار. ‹2› مەرىپەتچىلىك جەھەتتىن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر قىسىم شېئېرلىرىدا خەلقىمىز ئىچىدىكى نادانلىق، قاششاقلىق، كۆرەلمەسلىك، چېقىمچىلىق، پىتنە-پاسات تېرىش، ھوقۇقپەرەسلىك، ئابىرويپەرەسلىك، پۇل-بايلىققا بېرىلىش قاتارلىق ناچار خاھىشلارنى سۆكۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەنبەسىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن. خەلقنى ئىلىم-پەنگە، مائارىپقا، تەرەققىياتقا، جاھان ئەھلىگە ئوخشاش ئاڭ-ئىدىراك بىلەن ياشاشقا چاقىرغان. تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۈچلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. مەسىلەن: «ئىستىمەس»، «باردۇر»، «ھار»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «دەردى دەۋران»، «رۇبائى ۋە پارچىلار» قاتارلىقلار. ‹3› ئىنقىلابىيلىق جەھەتتىن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر ئىنقىلابىي جەڭچىگە خاس روھ ۋە جاسارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنى كۈرەشكە، ئىنقىلابقا ئۈندىگەن. قولىغا قورال ئېلىپ ئەكسىيەتچى ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا، ئۇلار بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغا ھالىنىڭ نەچچە ھەسسە بەتتەر بولىدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشنىڭ كېچىكىپ، «خەپ» دېسىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن. ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييار ئىكەنلىكىنى، «ھەر تەرەپتىن تىغ تەڭلەپ»، «پارە-پارە قىلسىمۇ» بۇ يولدىن يانمايدىغان ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان. مەسىلەن: «ئويغان»، «ئۈچ شېئېر»، «قىل باھار»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «ئاچىل»، «غەيرىتىڭدىن ئايلىناي»، «يېقىن بولدى»، «نە قىلاي»، «ھىجىران»، «بىۋاپا»، «ئۈمۈد كەبەم»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى»، «ئارمان»، «دەردى دەۋران»، «ئايلىناي»، «يامان بولدى»، «رۇبائى ۋە پارچىلار»، «قىزىدى»، «ئىچ پۇشۇش» قاتارلىقلار. ئىككىنچى، مەدىنىي مائارىپ ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەھەتتە. ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ مەدىنىي مائارىپ ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەھەتتىكى تۆھپىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن خۇلاسىلەش مۈمكىن. ‹1› مەتبۇئاتچىلىق جەھەتتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1923-يىلىدىن 1926-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى ئىدىيە بىلەن قوراللانغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ مەرىپەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېڭىچە باسما زاۋۇدى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان ھەم بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتكۈزۈپ بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەكسىيەتچى مىللىتارست ياڭ زىڭشىڭنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىدىن ئىشقا ئاشمىغان. ‹2› ئاقارترىش جەمىئيىتى ۋە مەكتەپ ئېچىش جەھەتتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، باسما زاۋۇدى قۇرۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، زامانىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك بايلىرىدىن مەخسۇت مۇھىتى، ئىسكەندەر خوجا، ھىسامىدىن زەپەر، ئىنايتۇللا ئەپەندى ۋە دۇگامەت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ئاستىدا، ھەيدەر ئەپەندى، ئەلى ئىبىراھىموۋ قاتارلىق بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيلىك كىشىلەرنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، تۇرپاندا يېڭى مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۆز ئۆيىدە بىر مەكتەپ ئاچقان. 1927-يىلى يەنە «ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا بىر مەرىپەت جەمىئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقتىن يىغىلغان ئۈچ مىڭ سەر كۈمۈش بىلەن تۇرپان يېڭىشەھەردە بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يىلى ئاق سارايدا «ھۆرىيەت مەكتىپى»، كونىشەھەردە يەنە بىر مەكتەپ قۇرۇرپ چىققان. ‹3› كىتابچىلىق ۋە كۈتۈبخانا قۇرۇلىشى جەھەتتە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە خەلقنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن كىتابچىلىق ۋە كۇتۇبخانىچىلىق قۇرۇلىشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئېسىل كىتابلارنى توپلاپ، شەخسىي كۇتۇبخانا ئاچقان. بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى ھەم ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا ئاساس سالغان. ئۇنىڭ شەخسىي كۇتۇبخانىسى ئەينى چاغدا شىنجاڭدا قەشقەردىكى ئەھمەت زىياسى ئائىلىسى كۈتۈپخانىسى، چۆچەكتىكى مىر يۈسۈپ كۈتۈپخانىسى، ئىلىدىكى ھۈسەيىن تاران كۈتۈپخانىسى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ كۈتۈپخاىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۈچۈنچى، ئىنقىلابىيلىق جەھەتتە. ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنقىلابىيلىق جەھەتتىكى تۆھپىسىنى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن خۇلاسىلەش مۈمكىن. ‹1› ئىنقىلابنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نۇرغۇنلىغان يالقۇنلۇق مۇنەۋۋەر شېئېرلانى يېزىپ، خەلقنى ئىنقىلاب قىلىشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە يەنە، 1931-يىلى قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا ئىنقىلاب كۆتۈرۈلگەندە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئەمىلىي ياردەملەردە بولغان. ئىبىراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىبىراھىم مۇتئىنىڭ ئاكىسى جامال سەيپۇڭ ئۆز دەۋرىدە موسكىۋا قاتارلىق چەتئەل شەھەرلىرىنى كۆرگەن ئىلغار پىكىرلىك كىشى بولۇپ، ئۇ ھەج سەپىرىدىن قايتقاچ موسكىۋانى ئايلىنىپ ئۆتەشىدە ئائىلە كىنو ئاپاراتى قاتارلىق بىر قىسىم زامانىۋى يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىر قېتىم تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە چىققاندا ئىبىراھىم مۇتئىنىڭ ئۆيىدە چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، جامال سەيپۇڭغا، خوجىنىياز ھاجىغا غەنىيمەت ئېلىنغان زامانىۋى قوراللارنى رىمۇنىت قىلىدىغان بىر ئۇستا مېخاينىك تېپىپ ئەۋەتىپ بېرىش مەسلىھەتىنى سالغان ھەمدە بىر تاتار مېخاينىكنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىش ھېسابىغا، ئۇ مېخاينىكنى قۇمۇلغا-خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېشىغا يولغا سالغان. ‹2› ئىنقىلابقا تەشكىلچانلىق قىلىش ۋە بىۋاستە قاتنىشىش. ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 14 كىشىلىك ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەم ئۆزى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ تەشكىللىگۈچىسى، تەرغىباتچىسى، ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان. بۇ تەشكىلات ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىلغار ئىدىيلىرى ۋە ئۆتكۈر شېئېرلىرىنىڭ ياردىمىدە ساغلام تەرەققى قىلغان، كېڭەيگەن، ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى مۇۋاپپىقىيەتلىك تارقىتىپ، ئىنىقلاب يالقۇنىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە تۇتاشتۇرۇشقا، ئىنقىلابىنى خەلقچىلىققا ئىگە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان. ئىنقىلاب يالقۇنى تۇرپان رايونىغا تۇتاشقاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا چاقىرىپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ قولىغا قۇرال ئېلىپ، بىۋاستە جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغان ھەم شۇ يولدا مەرتلەرچە قۇربان بولغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا چاقىرىش ۋە ئۆزى بىۋاستە ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، مەرتلەرچە قۇربان بولۇش جەريانى ئاكىسى ئابدۇساتتار ھاجى ئابدۇراخماننىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «1932-يىل 12-ئاينىڭ باشلىرى قاتتىق سوغۇق بولىۋاتقان قىش كۈنلىرى ئىدى. مەن ئۇ چاغلاردا ئون ياشلارغا كىرىپ ئەقلىمنى تېپېپ قالغان چېغىم بولغاچقا، ئاكام ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ تۇراتتىم. بىر كۈنى تۇرپان يېڭى شەھەرگە ‹پىچانغا قۇمۇلدىن خوجىنىياز ھاجى چىقىپتۇدەك› دېگەن گەپ تارقالدى. ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئابدۇخالىق ئاكام ئاستانىدىكى مەخسۇت مۇھىتىلارنىڭكىگە كەتتى. ئۇ يەردىن ئەتىسىلا قايتىپ كېلىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۆيدىن ئەتىگىنى چىقىپ كەتسە، ئاخشىمى كەچتە كېلەتتى، بەزىدە ئاپاملارنى ئەنسىرىتىپ ئۆيگە كەلمەيتتى. بەزى كۈنلىرى بىرنەچچە ئاغىنىلىرى بىلەن كېلىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئۆيىدە ئولتۇرۇپ نېمىنىدۇر مەخپىي پاراڭلىشاتتى. بۇنداق چاغلاردا بىز ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ-تارتىپ قالساق، ‹مېڭىڭلار، پەسكە چۈشۈپ ئويناڭلار› دەپ بىزنى چۈشۈرىۋېتەتتى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ، ‹ھېسامىدىن باي يامۇلدىن 70 تال قورال ئەپچىقىپتۇدەك› دېگەن گەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەنلا پۈتۈن تۇرپان تەۋرەپ كەتكەندەك بولۇپ، شەھەر ئىچىدىكى ھۈنەرۋەن-كاسىپ، ئوقەتچىلەر ۋە شەھەر ئائىلىسىدىن تارتىپ باغرى، بويلۇق، يار، چاتقال، تۇرپان، قىر، يەمشى، قوشدۆڭ تەرەپلەردىن كەلگەن دېھقانلار ئورغاقلىرىنى تۈزلەپ قىلىچ ياساپ، تاياق-توقماق بىلەن قوراللىنىپ يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ تۇرپان يېڭىشەھەرنى ئىگىلىدى. ئەتىسى ئاكامنى ‹مەخسۇتباي چاقىرىۋاتىدۇ› دەپ ئادەم كېلىپ ئېلىپ كەتتى. ئاكام كەچقۇرۇن قايتىپ كەلدى. ئىككىنچى كۈنى چاي ۋاقتى ئىدى، ئابدۇخالىق ئاكام ئېغىلدىكى ئاتنى توقۇپ، كىچىك ئاكام ئابدۇقەييۇمنى چاقىرىتتى. -مانا قۇرال، ئالغىن،-دەپ ئابدۇخالىق ئاكام كىچىك ئاكامغا يانچۇقىدىن بىر تاپانچىنى چىقىرىپ سۇندى. ئابدۇقەييۇم ئاكام ئابدۇخالىق ئاكامنىڭ قولىدىن تاپانچىنى ئالدى. ئابدۇخالىق ئاكام ئۇنىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ پېشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ: -ئاتقا مىن، جەڭگە ئاتلان! مېنىڭ ئۇكام بولساڭ، ھەرگىز ئارقاڭغا يانما! دۈشمەننى تولوق يوقىتىپ غەلىبە بىلەن قايتقىن!-دېدى. بۇ تۇرۇق ئات مىجىت ھاجى دادامدىن قالغان ئارغىماق نەسىللىك ئات ئىدى. بۇ ئاتنى ئائىلىمىزدە ئابدۇخالىق ئاكامدىن باشقا ھېچكىم مىنمەيتتى. ئابدۇقەييۇم ئاكام چاپچىپ ئۆرەنلەپ تۇرغان ئاتقا ئەپچىللىك بىلەن مىندى-دە، ئاتنى چاپتۇرغان پېتى جەڭگە چىقىپ كەتتى. كۈن پېتىش قۇۋۇق تەرەپتىن پاڭىلداپ مىلتىق ئېتىلىپ، بەزىدە ئۆگزىدىن ۋىژىلداپ ئوقلار ئۇچۇپ تۇراتتى. ئابدۇخالىق ئاكام تاقەتسىزلىنىپ ھويلىنىڭ ئىچىدە قولىنى كەينىگە قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئارىدىن ئىككى سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ ئابدۇقەييۇم ئاكام قايتىپ كەلدى. -نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭ؟-دەپ سورىدى ئابدۇخالىق ئاكام ئاچچىقى بىلەن. ئابدۇقەييۇم ئاكام قولىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ سول قولى قان ئىدى. ئابدۇخالىق ئاكام يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى چىقرىپ يىرتىپ، ئابدۇقەييۇم ئاكامنىڭ قان ئېقىپ تۇرغان قولىنى تېڭىپ قويدى. ئابدۇقەييۇم ئاكام ئاتقا مىنىپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى. كەچقۇرۇنغا يېقىن ئوق ئاۋازى شالاڭلاپ، ئاندا-ساندا يىراقلاردا ئاڭلىنىپ، نامازدىگەردە پۈتۈنلەي توختىدى. كۈن بىلەن تەڭ ئابدۇقەييۇم ئاكام ئۈستى-بېشى توپا-چاڭ باسقان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئاكام دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورىدى: -قانداق بولدى؟ -چېرىكلەرنى ئۇرتوقماق-سۈرتوقماق قىلىپ قوغلاپ يۈرۈپ، قاچقاننى مىلتىق بىلەن ئېتىپ قىرىپ تۈگەتتۇق، -دېدى ئابدۇقەييۇم ئاكام. ئابدۇخالىق ئاكام بۇنى ئاڭلاپ بەك خوش بولۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئابلا رەئىس كېلىپ ئابدۇخالىق ئاكامنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باش شىتابى جايلاشقان مەدىرىسىدە ئۇنى ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم بىلەن مەخسۇت مۇھىتى، ماشىمىڭلارنىڭ كۈتۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئابدۇخالىق ئاكام شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە كەلمىدى. ئاتام، ئاپاملار ئەنسىرەپ بىزنىڭ ھارۋىكىشىمىز ئايۇپ ئاكىنى مەدىرىسكە ئەۋەتتى. ئايۇپ: ‹ئابدۇخالىق شويىنى قوزغىلاڭچىلارغا سەنمۇجاڭ قىپتۇ. ئىشى بەك ئالدىراش ئىكەن، ئۆيگە بارالمايمەن› دېدى دەپ قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئاكام ئۆيگە كەم كېلىدىغان بولدى. كەلگەن چاغدىمۇ ئازراقلا ئولتۇرۇپ يەنە چىقىپ كېتەتتى. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ قوزغۇلاڭچىلار تۇرپان كونىشەھەرنىمۇ ئالدى. 1933-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا شىڭ شىسەي قۇمۇل تەرەپتىن تۇرپانغا باستۇرۇپ كەلدى. ئادەم تۇتۇش باشلىنىپ كەتتى. ئاپام، ئانام ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇپ ئاتنى تەييارلاپ ئابدۇخالىق ئاكامغا ‹شەھەردىن چەتكە چىقىپ كېتىڭ، بولمىسا ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ› دەپ كۆپ نەسىھەت قىلدى. ئابدۇخالىق ئاكام ئۇنداق سۆزلەرگە بىرەر ئىپادە بىلدۈرمەي قاپىقىنى تۈرگەن پېتى گەپ قىلمىدى. ئانام يىغلاپ تۇرۇپ« ‹دەرھال ئاتقا مىنىپ چىقىپ كېتىڭ› دېگەندە ئابدۇخالىق ئاكام: -مەن ئوغۇل بالا. ئوغۇل بالا ئەل-يۇرتنى تاشلاپ قاچمايدۇ. مەن قېچىپ كەتسەم ئەل-يۇرت، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى دۈشمەن قىيناپ جازالايدۇ. مەن نېمە بولسام ئەل-يۇرت، خەلق بىلەن بولىمەن. خەلقتىن ئايرىلمايمەن،- دەپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ئابدۇراخمان قارى، ئابدۇمېيىن ھاجى، لاۋسۇڭلارنى يولغا سېلىپ قويۇپ ئۆزى كەتمەي قېپقالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي رۇزى موللا قاتارلىقلارنىڭ مەلۇمات بېرىشى بىلەن شىڭ شىسەي ئابدۇخالىق ئاكام بىلەن بىرگە 400 دىن ئوشۇق بىگۇناھ ئادەمنى قاماققا ئالدى. ئابدۇخالىق ئاكامنى تۇرپان كونىشەھەردىكى زىندانغا قامىدى. مەن ئانام ئەرەمسىما ھاجى بىلەن كۈندە ئاكامغا تاماق ئاپىرىپ بېرەتتىم. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاۋا تۇتۇق، ئاسماندىن تۇپا يېغىپ تۇراتتى. مەن ئانام بىلەن ئېشەكلىك ئەتىگەندىلا كونىشەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، ئابدۇخالىق ئاكامغا تاماق ئېلىپ باردۇق. بىزنى كونىشەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن چېرىكلەر توسۇپ كىرگۈزمىدى. كوچىدا مىلتىق كۆتەرگەن، قېلىچ ئاسقان چېرىكلەر ئالدىنقى كۈنلەردىكىدىن جىق ئىدى. بىز ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئامبالنىڭ كاتىپى ئابدۇل جەگەن دېگەن ئادەمگە بېرىپ قويۇپ كەينىمىزگە ياندۇق. بىردەمدىن كېيىن كوچىلارغا ئادەملەر توشۇپ كەتتى. گوباڭ دېگەن خەنزۇنىڭ ئىشىكىگە كەلگەندە، ئۇ ئانامنى ھويلىسىغا چاقىرىۋالدى. ئانام گوباڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كارىۋاتتا ئولتۇردى. مەن يوچۇقتىن قارىسام كوچىدا مىلتىق-قېلىچ ئاسقان ئەسكەرلەردىن باشقا ئادەم يوق، ناھايتى سۈرلۈك ئىدى. بىردەمدە كوچىدىن يېڭىشەھەر تەرەپكە ماڭغان ئەسكەرلەر ئۆتۈپ بولدى. بىز چۈشكە يېقىن ئانام بىلەن ئۆيگە قايتتۇق. يېڭىشەھەرگە بارساق كۈن چىقىش دەرۋازىدا ئۇرۇس ئەسكەرلەر تۇرۇپتۇ، بىزنى كىرگۈزمىدى. بىز شەھەرنىڭ جەنۇبى بىلەن ئايلىنىپ كەچقۇرۇن ھېرىپ-ئېچىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە ‹ياڭ زىخۇي 17 ئادەمنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ› دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم. ئانام ھويلىغا كىرىپ كەتتى. مەن ‹ئابدۇخالىق ئاكام قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟› دەپ يۈگۈرۈپ، شەھەر ئىچىگە-بۇتنىڭ ئالدىغا كەلدىم. كوچىنىڭ بېشىدا تۆت ئۇرۇس ئەسكەر مىلتىق تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. بۇتنىڭ ئالدىدىكى كىچىك مەيدان قانغا بويۇلۇپ كېتىپتۇ. ئىككى-ئۈچ چامدامدا بىر ئۆلۈك قانغا بويالغان ھالدا يېتىپتۇ. ھەر بىر ئۆلۈكنىڭ يېنىدا بىر ئەسكەر قوراللىق تۇراتتى. مەن قانغا بويۇلۇپ ياتقان جەسەتلەرگە سەپسېلىپ، جان-جىگەر ئاكام ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ گەۋدىسى ۋە يوغان بېشىدىن ئۇنى تونىۋېلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى جاللاتلار ئاكامنى قېلىچ بىلەن چېپىپ تونۇغىسىز قىلىۋېتىپتۇ! ئۇنىڭ يېنىدا ياتقان تۆمۈر ھاجىنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنى يۇلىۋاپتۇ! نەمتۇل ھاجىنىڭ كۆزىنى ئۇيىۋېتىپتۇ! مەن ئۈن سېلىپ يىغلاپ ئۆيگە كېلىپ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاناملارغا يەتكۈزدىم. ھويلىنىڭ ئىچى يىغا-زارىغا چۆمدى…» 4. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى بەزى خاتا چۈشەنچىلەر بىرىنچى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ دىنغا بولغان قارىشى توغىرىسىدىكى تەھلىللەردىكى خاتالىق. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئېرلىرىدىكى روشەن بىر خاھىشچانلىق، ياڭ زىڭشىڭنىڭ دىننى سۈيئىستىمال قىلىپ، خەلقنى بىخۇتلاشتۇرۇش سىياسىتىنى (ياڭ زىڭشىڭ 1923-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ناھىيە-ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا بەرگەن بىر مەخپىي يوليورۇقىدا مۇنداق دېگەن: «يېقىندىن بېرى جايلاردىكى ئەمەلدارلار دىنغا قارىتا كەمسىتىش پوزىتسىيسىنى تۇتىۋېتىپتۇ ھەمدە سەۋەبسىزلا ئاخۇنلارنى ئالماشتۇرۇش، تۈرلۈك باھانە-سەۋەب بىلەن جازالاش ئىشلىرى كۆرۈلۈپتۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇنداق قىلىش خەلقنىڭ رايىغا توغرا كەلمەيدۇ. چەنخۇيلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش، ئاخۇنلارنى ھۆرمەت قىلىشى ئۇلارغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت. ئۇلارنىڭ نادانلىقىمۇ مۇشۇنىڭدا. ئەگەر چەنخۇيلار دىنغا ئېتىقاد قىلمىغان، ئاخۇنلارنى ھۆرمەت قىلمىغان بولسا، ئۇلار ھېچنېمىدىن ھەزەر ئەيلىمەيتتى-دە، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى بىلەن باشقۇرۇش تەسكە چۈشەتتى… كىشىلەرنىڭ رايىنى ئۆزىمىزگە قارىتىپ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەمەلدارلرنىڭ دىندىن پايدىلانغىنى، خۇيزۇ-چەنخۇيلارنىڭ كىتابنامىلىرىگە ھۆرمەت قىلغىنى تۈزۈك») ۋە ئۇ كەلتۈۈرپ چىقارغان ناچار ئىجتىمائىي مۇھىتنى؛ دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان، ئىسلاھاتچىلىققا، ئىلىم-پەنگە، مەرىپەتكە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتكە قارىشى تۇرۇپ، كونىلىقنى، خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق خەلقنى غەپلەتتە، بىخوتلۇقتا، نادانلىقتا قويۇپ جان باقىدىغان بىر تۈركۈم مۇناپىق موللا-ئىشانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسەد-مۇددىئالىرىنى، ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ شائىرنىڭ شېئىر ئارقىلىق ئۆز ئىدىيسىنى ئاشكارىلىشىدىن ئىبارەت. بىراق، بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئېرلىرى توغرىسىدىكى تەھلىللەرگە ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئېرلىرىدىكى بۇ خىل ئىدىيە بۇرمىلىنىپ، شائىرنى دىنغا قارىشى تۇرىدىغان ئاتىزىمچى قىلىپ ئوتتۇرغا چىقىرلغان. ئەمىلىيەتتە بىز سوغۇققان بولۇپ ھەم بىر تەرەپلىمە سىياسىي پىكىر رامكىسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ئەتىراپلىق تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قارىشى تۇرغىنى دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋالغان خۇراپاتلىق ئىكەنلىكىنى، ھېچقاچان ساغلام دىنىي ئەقىدىگە ۋە خەلقنىڭ نورمال دىنىي ھېسسىياتىغا قارىش ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىزنىڭ بۇ قاراشلىرىمىز تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئاساسقا ئىگە: ‹1› بىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئېرلىرىغا ئەتىراپلىق نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭدا ئەل سۆيگەن ساغلام ئەقىدىلىك بىرەر دىنىي ئۆلىمانى ياكى خەلقنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقادى ھەم دىنىي ھېسسىياتىنى تەنقىدلەش ئوبېكتى قىلغان كۇبلېت ياكى مىسىرالارنى ئۇچۇرتالمايمىز. ‹2› ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياشىغان ئائىلىۋى مۇھىت ۋە مىللىي مۇھىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شائىر قۇيۇق دىنىي تۈس ئالغان ئائىلىدە ھەم جەمىئىيەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز دەۋرىنىڭ جاھان كۆرگەن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىسى ھەم تەقۋادار دىنىي زات بولۇپ، شائىر ئۆز دادىسىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىىنى ھەم دىنىي پائالىيىتىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شائىر ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياكى ئۆزى ياشىغان دەۋىردە ياشىغان ئەلىشىر نەۋائى، ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىگە ئوخشاش بىر قىسىم ھەقىقىي ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن قوراللانغان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچىرىغان. ئۇنىڭ مەكتەپ قۇرىشىغا ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشىغا ياردەملەردە بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك دىنىي زىيالىلىرىدىۇر. ‹3› ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تەربيلىنىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى دىنىي مەدىرىسىدە چىقارغان ھەم ئەرەب-پارس تىلىنى شۇ يەردە ئۆگەنگەن بولۇپ، بەلگۈلۈك دىنىي ساۋادقا ئىگە. يەنە كېلىپ شائىر بەزىدە دادىسىغا ئەگىشىپ، بەزىدە يالغۇز ھالدا مەسچىتكە بېرىپ جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ كېلىدۇ. بۇ ھال مەرھۇم يازغۇچى خېۋېر تۆمۈرنىڭ «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق كىتابىدا مۇنداق بىشارەتلەنگەن: «ھە راست، بۈگۈن جۈمە، ئاتىسى بىلەن بىللە جۈمەگە كەتتىمۇ-يا!؟» (مەزكۇر ئەسەر 2-بەت). ‹4› ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى ۋە ئىدىيسىدىن قارىغاندا، ئۇ بىر ئىنقىلاب ئۇتىنى تارقاتقۇچىدۇر. بىز ئۇنىڭ دەۋر رېئاللىقىغا بولغان پوزىتسىيسى ۋە چۈشەنچىسىدىن چىقىپ ئويلىغىنىمىزدا، شائىر، ئەينى دەۋر مۇھىتىدا ئىنقىلاب قىلماقچى بولغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلماي تۇرۇپ، دىنغا قارىشى نۇقتىنەزەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىرەر ئىنقىلابنى قوزغىشىنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى، ئىلگىركى ئىنقىلابلارنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئالدى بىلەن دىنىي ئاڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، دىننىڭ قوزغىتىش كۈچىدىن ئايرىلغان ئىنىقلابنىڭ مۇتلەق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس. ئىككىنچى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا تەسىر قىلغان ئاساسىي ئىدىيە ۋە شەخسلەر جەھەتتىكى خاتالىق. ھازىغىچە، مەيلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى توغىرىسىدىكى ماتېرياللاردا بولسۇن، مەيلى ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختالغان ماتېرياللاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە شائىرنىڭ ئىدىيسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلۈپ، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىديسىگە سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە جۇڭگودىكى شىنخەي ئىنقىلابى، 4-ماي ھەرىكىتى، جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ھەمدە پوشكىن، لېرمۇنتوۋ… قاتارلىق رۇس شائىر-يازغۇچىلىرى بىلەن لۇشۇن قاتارلىق خەنزۇ يازغۇچىلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باشقا مەنبەلەر تىلغا ئېلىنمىدى ياكى ئاز ھەم يۈزەكى تىلغا ئېلىندى. ئەمىلىيەتتە راست شۇنداقمۇ؟ بىز ئەستايىدىل ئىزدەنسەك، بۇنىڭ ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇقۇم بىر سىياسىي خاھىش ئۈستىگە قۇرۇلغان مەقسەدلىك تەھلىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ھازىرقى ئەمىلىيەت شۇكى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىديسىگە سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە جۇڭگودىكى شىنخەي ئىنقىلابى، 4-ماي ھەرىكىتى، جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ھەمدە پوشكىن، لېرمۇنتوۋ… قاتارلىق رۇس شائىر-يازغۇچىلىرى بىلەن لۇشۇن قاتارلىق خەنزۇ يازغۇچىلىرى بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاساسىي ئامىل ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە ئەتىراپلىق ئىزدەنگەن ۋە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسىي ئامىل ئۇرخۇن ئابىدىلىرى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ تېپىلىشى ھەم دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىدىكى يىتۈك ئالىم، رۇس تارىخشۇناسى بارتولدى، تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم ھەم جامائەت ئەربابى زىيا كۆك ئالىپ، مەشھۇر تاتار تۈركىلوگى ئا.زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق دۇنيا تۈركىلوگلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن زور تارىخشۇناسلىق مۇۋاپپىقىيەتلىرى ئاساسىدا، تۈركىي مىللەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن مىللىي ئىپتىخارلىق ھەم مىللىيلىككە قايتىش ھەرىكىتى؛ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەم ئاناتولىيەدە يۈز بەرگەن ئىسلامىي ئويغۇنىش يۈزلىنىشى، ئانادولىيە تۈركلىرى ھەم تاتارلاردىن باشلانغان «جەدىتچىلىك»-ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق رايونىمىزغا سىڭىپ كىرىشى شۇنداقلا رايونىمىزدىن ياۋروپا قاتارلىق تەرەقىي قىلغان ئەللەرگە چىقىپ، ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىياتنى ۋە ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ياكى مىسىر، ھىندىستان، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئىسلام مەملىكەتلىرىگە چىقىپ، ئۇ يەردىكى ساپ ئىسلام ئەقىدىسىنى ۋە ئىسلام ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر تۈركۈم سودىگەرلەر ھەمدە دىنىي مۆتىۋەرلەرنىڭ ئۇ يەردىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى دىيارىمىزغا تۈرلۈك شەكىلدە تارقىتىشى شۇنداقلا تاتار ۋە تۈرك زىيالىلىرىنىڭ يەتتە سۇ ۋە دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ئابدۇلا توقاي، ھادى تاقتاش، غاسپىرالى، مۇسا جارۇللا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى، ئۆزىمىزنىڭ قېنىدا موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇيان بەزىدە يوشۇرۇن، بەزىدە ئاشكارا ساقلانغان ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت گېنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش شەكلى بىلەن مەدەنىيەت نۇقتىنەزىرىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئاڭ ھەرىكىتى، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت، ئابدۇللا رۇزى باقىيېۋ قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مىللىي بارلىق ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئىدىيسىگە بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردىن قارىغاندا، تاتارلارنىڭ مۇنەۋۋەر شائىرى ئابدۇللا توقاي بىلەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان مەشھۇر تارىخچى نەزىەر خوجا ئابدۇسەمەتلەردۇر. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇللا توقاينىڭ ئىدىيسىگە كۈچلۈك ئۇچۇراپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ شېئېرلىرىغا تەقلىد قىلىپ «ئويغان» غا ئوخشاش چاقىرىق ۋە ئويغۇتۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇنەۋۋەر شېئرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، قىسمەن تاتارچە شېئېرلانىمۇ يازغان. نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى) نىڭ تەسىرىدە مىللىتمىزنىڭ مىل


تەھرىر ئابدۇمەجىد كۈيباغى