ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىك شېئىرلىرى

ئورنى Wikipedia

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭ ﺷﺎئېر، ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ، ﺗﻪﯕﻠﯩﻚ، ﺩﯨﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻛﯜﻳﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻯ 1901-ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﻰ، ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺷﻪﺭﯨﺖ-ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﻮﮬﯩﺘﯩﻼﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ.

1914-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1916-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪنچە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪن ﯞﻩ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.1917-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﻨﯩﭗ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ، ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﯘ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯨﻤﯘﻛﯩﺮﺍﺗﯩﻚ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﻮﮬﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ، ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺱ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ 1923-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1926-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ 1926-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1927-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﻮﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﻮﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺟﻪمىئىيىتى» ﻗﯘﺭﯗﭖ، 3000 ﺳﻪﺭ ﻛﯚﻣﯜﺵ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ 1932-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﻮﮬﯩﺘﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﺘﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. خەلىقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ھۆر ھاياتقا ئىرىشىشىنى مۇقەددەس غايە قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان ئابدىخالىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى خەلىقنىڭ باشلامچىلىرى سۈپىتىدە قولىغا قورال ئىلىپ جەڭگەئاتلانغان. بەخىتكە قارشى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى جاللات شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى بىلەن ئاق ئورۇس قوشۇنلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا زور تالاپەتكە ئۇچراپ شائېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەسىرگە چۈشۈپ قولغا ئىلىنغان.

1933-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﻰ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ تەرىپىدىن بىر تۈركۈم سەپداشلىرى بىلەن بىللە 32 يىشىدا قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ»، «ﺋﺎﭼﯩﻞ»،  «ﻣﯘﺯﻟﯩﺪﻯ»، «ﻳﺎﺯ ﺗﯜﻧﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.

تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسملىرى

ئويغان

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كىتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دىدىم، بىشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبىڭ باشىنى كەس،قانىنى چاچ !

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھىلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تىنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غىمىڭ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پىتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئىچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

سەپدىشىم، قىرىندىشىم، بىرتۇغقىنىم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سىنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نىمە بولغىنىڭ؟

كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇچاغدا يىتىسەن.

«خەپ» دىسەڭ ئۇچاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بىرىسەن.

1920-يىلى

مەنبە: شائېرنىڭ «ئاچىل»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئىلىندى.

غەزەپ ۋە زار

ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇدەردىمە ھىچ دارىمەن.

ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.

بىر پۇراپ ئۆلسەم ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىڭدا بولبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،

قارچۇغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

يۈزمۇ-يۇز قىلماس تەئەررۇز، كۆپ كۈڭۈلچاندۇر ئۇلار،

كۆرمىسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

لا ئەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،

يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.

قولىدىن كەلمەيدۇ، ئىش دەپ دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،

مەن شۇلارنىڭ سۆزىگە بەكمۇ بەك خۇنبارىمەن.

پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ، جەدىت دەپ قاغىشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.

چۆل -جەزىرە، دەشتۇ سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،

ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ، قۇشۇلاي قاتارىمەن.

سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت يېرى،

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش ، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.

ئۇيغىنىپ كەتتى جاھان مەغرىپى-مەشرىق تامام،

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسالى يالاڭئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ئىلىم -پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ-خەتەر،

ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىدار تۇرارىمەن؟

تىل-ھاقارەت، تەنە دىخمار، ۋاي داد! … بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپ بولدۇم خارىمەن.

زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،

تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.

دەۋرى جەبرىدىن ئېسىت، ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋاي ھېكىم،

جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن!!

ۋىجدان ئازابى

جاھالەت كۈلپەتىدىن بىزگە بىركۈن كۆپ خاتا باردۇر،

ئېيتىڭىزچۇ ھالىمىزنىڭ قايسىبىرىدە ساپا باردۇر؟

جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

بىرىنى شاڭيو سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىناقلىق-ئىتپاقلىقنىڭ نىشانى قالمىدى بىزدە،

يېڭى باشنى كۈتۈرگەندە ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

بىناگاھ دوستىمىزدا بىر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،

يۇشۇرماي بىرگە ئوننى قېتىپ چاققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدەك ماھارەت ئۇستىسى يوقتۇر،

قۇۋلۇغۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇرەڭ يالغانىمىز باردۇر.

ئويۇن-چاقچاق تۈپەيلى ئۆزئارا بىئەپ بولۇپ قالساق،

ياراشماق ئورنىغا ھەدەپ ئوت ياققانىمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەم بولۇش بىزدە بەسى مۈشكۈل،

نەزىر، توي ۋە زىياپەتكە بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

كىرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلدۇق،

ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەن ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇرمىز، ئوقۇتۇرمىز لىكىن سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

مىنىشكە بىز تاپالماي ئات ياياق قالغانىمىز باردۇر.

گۈركىرەپ كەلسە «ئاپتوموبىل»، «نىمە بۇ ئەي خۇدايىم» دەپ،

ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي داڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۈنەر بىلەن سانائەتتە يېتىشتۇق دەپ قانائەت قىپ،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھىجىر قۇيغانىمىز باردۇر.

تائاۋۇن ھەم قەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

بىلىمگە سايە قىلغاننى تېپىپ قاققانىمىز باردۇر.

بوۋىلار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھىچ سېغىنمايمىز،

قېلىپ غەپلەت-جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،

ئىگىز قىرلاپ پەر ياستۇقنى بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەپ بىزدە بار تەمسىل،

لويى، ئامبال، ۋاڭ غوجامنى سېمىز باققانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم، ئېنژىنېر، ئالىم، تەپەككۇر ئەھلى ئورنىغا،

تونۇر سەللا، نەپسى بالا خەلپەتۇ سۇلتانىمىز باردۇر.

ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلدۇرۇپ باغلىسا بەلنى تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ئەل ۋە يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە بولمىدۇق دەرمان،

كىلۇر بىركۈن شۇ چاغدا مىڭ تاغار پۇشمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بولدى قىل، ئاۋارە بولما، نالىما!

ۋاقتى كەلگەندە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

ئىستىمەس

ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،

مەن خىتاپ قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.

ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يىنىپ چاقماقلىسام،

ئەل ئېغىر ئۇيقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.

‘ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا’ دەپ يۈرۈشىدۇ بەزىلەر،

ئۇغرى تەگسە ئۆيىدە مالىغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.

ئېھتىيات جانى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،

بىز بولۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.

ھامىنىڭ ئەۋلادىدىن بىرسى قوللۇقتا قالمىدى،

ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ھەم سېزىشنى ئىستىمەس.

يەپ زەھەر بولدى كىسەل، ئەلۋىدا! كۆپتۇر خەتەر،

مىللىتىم جان چىقسا ھەم، داۋالىنىشىنى ئىستىمەس.

باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قېلىپ،

بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئىشەك منىشىنى ئىستىمەس.

ئىزلىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ،

ئىزلىگەنلەر باشىغا ھۇما قۇشنى ئىستىمەس.

مىللىتىم تارتقان ئازاپقا كۆڭۈل قانداق چىدىغاي،

ئەل-غېرىپ ئىڭرايدۇ ئەمما، تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.

ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزلە سراتەل مۇستەقىم،

بۇ سۇبات بارىدا دىل ۋەيران كىزىشنى ئىستىمەس.

1920-يىلى تۇرپان

ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ!

ﺋﻪﻱ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻏﻪﻡ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﭼﯜﯓ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻛﯜﭼﯜﯓ،

ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻧﻐﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﺠﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﺭ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ، ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﺎﺭﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ،

ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯘﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ، ﻧﯘﺭ ﺋﯧﻤﻪﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﻥ،

ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ ﺟﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

ئايرىلمىغىل

ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،

ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.

مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،

تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،

شىر نە يا يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.

تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،

ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،

بۇ نېچۈك بولغاي كىيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.

سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،

بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.

ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،

ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.

ياز تۈنى

ياز كۈنى كۈندۇر قىزىق، بولغاي ھاۋا ئىسسىقتا تار،

ھەر كۈنى ئاخشامنى كۆپ جان خالىغاي بى ئىختىيار.

تۈندە ھەر كىم ئۆگزىسىدە تاغ شامالىغا قاراپ،

«كەل، جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ تەلمۈرەر بەك ئىنتىزار.

كۆك يۈزى ساپ، ئاندا يوق داغ، بارچە يۇلتۇزلار يىراق،

شۇ يىراقتىن نۇر يېقىنلاشقانغا ئوخشاش پارقىرار.

ھەر كىشى بىر خۇش ھاۋا ئاستىدا خۇشھاللىق ئىلە

گەپلىشىپ يانىدا يولداشى بىلەن كۆڭلىن ئاچار.

بۇ غېرىپ شائىر ياتار يالغۇز ئۆزى كۆككە قاراپ،

كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار …

بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۇن كۆپ جاپا باردۇر؟

ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟

جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۇلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇرمىز – ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

تەئاۋۇنۇ – تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

يېڭىدىن باش كۆتۇرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.

يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۇشكۇل،

ئەگەر بىر يەردە توي بولسا بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.

بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىم كەلسە تاپالماسمىز،

چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

قىرىنداشلىق، بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

خاتائەن دوستىمىزدا بىرەر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،

يۇشۇرماي يەنە بىرگە ئوننى قاتقانىمىز باردۇر.

بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

تۇرۇپ غەپلەت – جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.

كىرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۇچۇن جاننى بىز پىدا قىلدۇق،

ۋە لىكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

ئويۇن – چاقچاق تۇپەيلى ئۆز – ئارا بىئەپ بۇلۇپ قالساق،

ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە؟ ئاراغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

قۇۋلۇق ھەم شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ – رەڭ يالغانىمىز باردۇر.

«ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بىزدە بار ئىدى تەمسىل،

لويى ئامبال ۋە دارىن دەپ سەمىز باققانىمىز باردۇر.

ئىلىم-پەنگە يۇرۇش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۇزەر سۇدا،

مىنىشكە يوق قوتۇر ئىشەك، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

گۈكىرەپ كەلسە ئاپتومبىل، نىمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

ھۇنەر بىلەن سانائەتتە «يىتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،

ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قويغانىمىز باردۇر.

مىسلى جەننەت تاغۇ – دەريانى بىزەشكە يوق ھېچ كىشى،

ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

يوغان سەللە، نەپسى بالا موللىمىز – سۇلتانىمىز باردۇر.

قىزىل كۆزلۈك، كۇرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،

قىلاي دەپ باغلىسا كىم بەل تۇمەن بوھتانىمىز باردۇر.

ئەل – يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

كىلۇر بىر كۇن شۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق بولدى قىل، ئاۋارە بولما، قاقشىما،

شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازاپقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر.

1921 – يىل

ئارمان

ئەي گۈلۈم كەلگىن يېقىن، لۇتپۇڭ ماڭا دەركارىدۇر،

شائىرىڭ بىسيار خەتەردە ھەم ئۆزى بىمارىدۇر.

ئىشقى كويىدا مېنىڭ ھالۇ – كۈنۈم بولدى يامان،

مۇنچىلىك ئاۋارە قىلغان ئاي يۈزۈڭ رۇخسارىدۇر.

مۈمكىن ئولغايمۇ سېنىڭ ئىشقىڭدىن ھىچ يالتايمىغىم،

بۇ خىيال مىڭ كەررە ئۆلمەكتىن يامانراق كارىدۇر.

بىر بېقىپ، ئىككى قاراپ ئوتقا گىرىپتار ئەيلىدىڭ،

ئەمدى باقمايسەن قاراپ، باقسام دىلىڭ ئەغيارىدۇر.

ساڭا لايىقمۇ غېرىپ بىچارىگە قىلماق جاپا؟

قىلىغىڭغا جان پىدا، كەيپىم ئەجەپ خۇمارىدۇر.

سەن بۇ دىلنى خەستە قىلما، ھىچ كېلىشمەيدۇ ساڭا،

زۇلمى قىلماقلىق ساڭا ھىچ بىر يېپىشماق ئارىدۇر .

قىلما ناز قىيناپ مېنى، جانىم كەرەم ئاچقىل ماڭا،

جان خەتەرلەر خەۋپىدە، كۆڭلۈم تەلەپ دىدارىدۇر.

ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرۈپ ئۆلسەممۇ ئارمان قالمىغاي،

كەلمىگەي تەرىپكە تىل، كۆڭلۈم بەسى ئاۋارىدۇر.

ئاڭلىغاچ بۇ زارىمنى كەلگەيمۇ ئىنساپقا پەرى،

چۈنكى ئاندا بىر مىجەز بار زالىمى خۇنخارىدۇر.

چىراغ

تۈننى كۈندۈزدەك قىلۇر خۇددى گۆھەر بۇ چىراغ،

نۇرىنى ئالغان قۇياشتىن نۇرى جەۋھەر بۇ چىراغ.

قاپقاراڭغۇ تۈندە نۇرنىڭ مەنبەئىدۇر بۇ چىراغ،

تۈندە يول تېپىپ مېڭىشنىڭ مەشئەلىدۇر بۇ چىراغ.

تۈندە قەلەم تۇتقىلى بولماس يۇقالسا بۇ چىراغ،

قانچە يازسام شۇنچە قاينار دەرد تېگىدىن ئىشتىياق.

ئابدۇخالىق، كۈن-تۈنى ئۇيقۇدىن بىدارىسەن،

خۇددى بىر پەرۋانىسەن، كەتمە، ھامان نۇردىن يىراق.

بۇ شېئىر شائىرنىڭ لامپا شېشىگە كىيدۈرۈلگەن قەغەزگە يېزىپ قالدۇرۇلغان قوليازمىسى ئاساسىدا كۆچۈرۋىلىنغان.

ئاچىل

گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ،

باشقا سانچىلاي دەيدۇ.

يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،

تەنگە يامىشاي دەيدۇ.

يارىم ماڭا ناز قىلۇر،

كۈلۈپ مېنى ماز(مەست)قىلۇر.

يار قەدرىنى بىلمەيسەن،

زېمىستاننى ياز قىلۇر.

يار دەردىدە خۇن بولدۇق،

تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.

قورقۇنچىڭدىن قاتتىق تاش،

بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق.

ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما،

يار يولىدا پۇتلاشما.

يارىم ئۈچۈن جان پىدا،

قەدىمىڭگە مىڭ تىللا.

غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،

ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىل.

يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،

قاچان بولسا بىر ئۆلۈم.

يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم،

يارىم ئاچىلغىن.

قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھارپىسىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ئاچىل» ناملىق شېئىرنى يازىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ شېئىر خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىدۇ.

قاملاشمىدى

ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯩﻴﯘ، ﻳﻮﻟﻰ، ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﯩﺪﻯ،

ﺟﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﻘﺎﻟﭽﯩﻤﯘ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﻳﺎﯓ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻟﻪﮬﻪﺕ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ،

ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﺋﯧﺘﻰ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﯩﻦ، ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻗﯩﻴﯩﻦ،

ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺭﻩ ﺗﺎﺭﺕ، ﺋﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺕ،

ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻳﺎﺕ، ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

1928-ﻳﯩﻠﻰ

ﻗﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ﻳﺎتسا ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪﭘﻴﻮﻥ ﺷﻮﺭﺍﭖ،

ﻗﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ﺷﻮﭘﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻣﺮﻩ-ﺷﺎﺭﺍﺏ.

ﺋﻪﻱ ﭼﯩﺮﺍﻏﯘ،ﺋﻪﻱ ﮬﺎﺭﺍﻕ، ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻧﻮﻣﯘﺱ، ﺑﻪﺭﮔﯩﻞ ﺟﺎﯞﺍﭖ؟

ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺯﻩﺑﯘﻥ،ﺧﺎﺭﺍﺏ؟

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﯞﺍﻱ ﺋﯩﺴﯩﺖ ﻛﻪﭘﻘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،

ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﯘ ﮬﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،

ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ، ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮬﯧﭻ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺏ.

1932-ﻳﯩﻠﻰ

ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ

ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ،

ﻗﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﯜﭼﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.

ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻥ،

ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘﭺ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.

ﺗﯩﻨﭻ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻘﯩﺮ-ﭘﯘﻗﺮﺍ،

ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﯘﻡ ﺋﻮﻏﯘﻝ-ﻗﯩﺰﻧﻰ.

ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ،

ﭼﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﯞﻩﮬﺸﯩﻲ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ.

ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻣﻰ

ﮬﺎﻱ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﺑﺎﻟﯩﺨﺎﻥ،

ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺳﻪﻥ ﺟﺎﻧﺎﻥ،

ﻛﯩﻤﺪﯗﺭ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ،

ﺋﻮﺗﯘﯕﺪﺍ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ.

ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯨﯔ،

ﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﯔ.

ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،

ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﺗﺎﻟﺪﯨﯔ.

ﻧﺎﺯﯨﯔ ﻳﺎﺭﺍﺷﯘﺭ،

ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﺷﯘﺭ.

ﺋﯚﺗﺴﻪ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ،

ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﺎﻻﺷﯘﺭ.

ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺭ،

ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﯩﻠﯘﺭ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﯩﺒﻰ ،

ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻳﺎﭘﯩﻠﯘﺭ!

ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ

ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ، ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،

ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،

ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ،

ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

ﻧﻪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،

ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻰ، ﺗﯩﺒﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ، ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،

ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﻰ،

ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ

ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻱ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ،ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯩﺶ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯚﺯ، ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﺎﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟

ﺋﺎﻳﺎ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯗﺭ ﻗﯩﺶ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﻪﻙ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﮬﯧﭻ،

ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﻳﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ،

ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯘ، ﺋﯧﺮﺧﯘﺍ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻱ ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩﺍﻟﺪﺍ،

ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ! ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ ﺋﻪﻱ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﯖﻼﺭ،

ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﯘ، ﺋﯧﺮﺟﯩﻴﯘ ﻛﯩﺮﯨﺶ، ﺳﻪﻧﺠﯩﻴﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﯩﺸﯩﺘﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﻗﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﻤﯘ؟

ﻛﯩﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺋﻮﺕ ﮬﺎﺭﯞﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ،

ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻳﯜﺭﻣﻪﻙ، ﻳﻮﻟﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﭼﯚﻝ ﺋﺎﺭﺍ ﻏﯩﭽﯩﯖﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﺳﯩﻴﯩﭗ،

ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ ﮬﺎﺭﯞﯨﻐﺎ ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﻛﯩﻴﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻧﯩﻤﻪ،

ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﺪﯗﺭ ﮬﻪﺟﻪﭖ، ﺗﯜﻧﻼﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﺗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﮬﺎﻛﯩﻤﻰ ﻣﯘﺗﻼﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﺎﺭﺍ ﻳﻪﭖ، ﻳﻪﻣﺒﯘ ﻗﻮﻳﯘﭖ،

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺗﻮﯕﮕﯘﺯﺩﻩﻙ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﻤﻪﻙ، ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﻪﮬﻜﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ، ﻗﻮﻝ ﻗﻮﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،

ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﯞﻩﺯﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭘﯘﯓ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ، ﺳﯩﻐﻤﺎﻱ ﺗﯧﺮﯨﮕﻪ،

ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ﭘﯧﺮﯨﮕﻪ، ﻳﺎﻻﻗﺘﺎ ﺟﺎﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﺋﯩﻠﯩﻢ-ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭ ﭼﯧﭽﯩﭗ،

ﻳﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻕ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ-ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﺎﭘﺸﯩﻤﺎﻕ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﮬﺎﯞﺷﯩﻤﺎﻕ،

ﺧﺎﺭﯗ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻥ، ﺗﻪﺭﺳﺎ-ﺗﻪﺗﯘﺭ ﻧﺎﺩﺍﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﺗﯚﯞﺑﻪ-ﺗﻪﻗﺴﯩﺮ ﺋﻮﻗﻮﺷﯘﭖ، ﻛﺎﻧﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯘﭖ،

ﺋﻪﺳﺘﺎﻏﭙﯩﺮﯗﻟﻼ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺍ ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪ، ﺟﺎﮬﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﻤﻪ،

ﮬﻪﻕ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯖﻜﻰ.

ﭘﻪﺭﺯﻩنىت

ﻏﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ،

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺪﯗ،

ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻟﻨﯩﯔ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﺎﻥ ﻗﯘﺷﯩﺪﯗﺭ،

ﺑﯩﮕﯘﻣﺎﻥ، ﺑﯩﺸﻪﻙ.

ﻳﯩﭗ ﺋﯜﺯﯛﻟﺴﻪ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗ،

ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ؟!

ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﺎﻳﺮﯨﺸﯩﺪﯗ،

ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﯩﺪﯗ،

ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻨﯩﯔ،

ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ.

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻩﯜﻟﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ،

ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ.

ﺳﺎﻟﻤﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ،

ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﯩﺪﻩﻡ،

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯜﻟﺴﺎ ﻳﯘﻳﯩﻼﺭ،

ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻡ.

ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.

ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ

ﻳﺎﺭ ﯞﻩﺳﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭ،

ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ.

ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻧﯧﺴﯩﭗ،

ﺩﻩﺭﺩﯨﻤﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ.

ﻧﺎ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺋﻮﻏﻼﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ،

ﻣﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯩﻜﺴﻪﻣﻤﯘ ﮔﻪﺭ.

ﮬﯚﺭﻟﯜﻛﯩﻦ ﺗﺎﭘﻤﺎﻕ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ،

ﺋﺎﮬﯘ ﺋﻪﭘﻐﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ.

ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﯩﯔ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﯘﺳﻰ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﯔ.

ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻧﯩﺸﺎﻥ،

ﺷﯘﻟﺪﯗﺭ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺷﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﺭﻭﮬﺴﯩﺰ

ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻗﯩﺪﯨﻢ ﻗﻪﺳﻪﻡ.

ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﯘﻣﺪﺍ،

ﺋﺎﻗﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ.

رﯗﺑﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺭ

ﺋﺎﻳﺎﻍ–ﻗﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﮬﻜﻪﻡ-

ﺑﺎﻏﻠﯩﻤﯩﺶ ﺋﺎﺭﻏﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﻼﭖ،

ﺗﯩﺮﻩﻥ ﻳﺎﺭ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ،

ﭼﯜﺷﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺋﺎﺗﻼﭖ.

ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ،

ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﻤﯩﺪﯨﻢ تىخى ﺗﯩﺮﯨﻚ.

ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ: «ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ-

ﺗﺎﻍ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺗﻤﺎﺱ ﻛﯩﻴﯩﻚ.»

ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﯔ،

ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﺳﺎﯕﺎ.

ﺗﺎﯕﻼ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،

ﺯﺍﺭﻯ ﻳﯩﻐﻼﻳﺴﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ.

ﻧﯧﭽﯜﻙ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﺪﯗﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺋﯧﭽﯩﯔ ﻛﯚﺯﻧﻰ.

ﻗﯩﻠﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ، ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﯩﻤﻤﻪﺕ،

ﻗﻮﭘﯘﯓ، ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﯚﺯﻧﻰ.

ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﺯﯦﻠﯩﻞ ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ،

ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ.

ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ،

ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ.

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ

ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ،

ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﮬ، ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ.

ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯔ، ﻗﺎﺵ ﻗﯧﻘﯩﺸﯩﯔ،

ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﯩﻢ، ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺭﺍﯞﺍﻥ.

ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺳﻪﻡ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﻳﯩﺘﻜﯜﭼﻪ،

ﺳﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺵ، ﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ.

ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯔ، ﺋﻪﺳﻼ ﻳﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﯔ،

ﺧﻪﺕ-ﺧﻪﯞﻩﺭﻣﯘ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﯨﯔ ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﻗﺎﻳﺎﻥ؟

ﻳﻮﻝ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﻳﻮﻕ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ،

ﺋﻮﯕﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ ﻗﯩﻞ ﺑﺎﻳﺎﻥ.

«ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﻍ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ» ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜﺕ ﺋﯜﻣﯜﺩ،

ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯜﺯﯛﻟﯘﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺟﺎﮬﺎﻥ.

ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ!

ﺋﻪﻱ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻏﻪﻡ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﺎﺭﻣﯩﺪﻯ ﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﭼﯜﯓ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﻛﯜﭼﯜﯓ،

ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻧﻐﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﺎﻟﯩﺠﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﺭ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ، ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﺎﺭﻛﻪﻟﺪﯨﻤﯘ،

ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻘﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯘﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ، ﻧﯘﺭ ﺋﯧﻤﻪﺭ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﺎﻥ،

ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ ﺟﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﻗﺎﻳﺪﯨﺴﻪﻥ؟

ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺸﻘﻰ

ﺳﻪﻥ-ﺳﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ،

ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﮬﻮﺷﯘﻣﻨﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﺎﺯﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﺎﻟﻐﺎﻥ،

ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺴﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎ،ﯞﺍﺭ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﺑﺎﻟﯩﺨﺎﻥ.

ﭼﯩﻨﻤﯩﺪﻯ-ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭ ﺋﯚﺯﯛﯓ،

ﻳﺎﻏﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﯘﺭ ﮬﻪﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﯛﯓ.

ﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺯﯛﯓ،

ﺳﻪﻧﺪﯗﺭﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﯗﻡ.

ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﻪﻣﺪﻩ،

ﺋﯩﺴﯩﺖ،ﮔﯜﻝ ﺋﯚﻣﺮﯛﻡ ﺋﯚﺗﻤﻪﻣﺪﯗ ﻏﻪﻣﺪﻩ.

ﻛﻪﺑﻪﯕﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ،ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻘﯩﭗ،

ﺳﺎﻗﻼﺭﻣﻪﻥ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ.

ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ، ﻛﯚﺭﻣﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺕ،

ﮬﺎﻟﯩﻢ ﺧﻪﺗﻪﺭﺩﯗﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﯩﻞ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ.

ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻳﯘﯕﻨﻰ، ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ ﺧﯘﻳﯘﯕﻨﻰ،

ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺩ.

ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﺎﺗﯘﺭﻣﻪﻥ ﯞﺍﻳﯩﻢ،

ﺩﻩﺭﺩﯨﯔ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘﺭ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﻢ.

ﻛﯚﻳﺪﯛﻡ، ﻛﯜﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺳﯚﻳﺪﯛﻡ، ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،

ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ ﻳﺎﺩﯨﯖﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﺟﺎﻧﯩﻢ.

ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﻝ، ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﯔ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ،

ﺗﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻳﺮﺍﺭ ﺩﻩﺭﺩﯨﯖﺪﻩ ﻏﯘﻟﻐﯘﻝ.

ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎ، ﮔﯜﻟﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﻤﺎ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﻝ.

ﺧﻪﻳﺮ، ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ!

ﯞﺍﺩﻩﺭﯨﺨﺎ، ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻧﯩﻢ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ،

ﺋﯘ ﻛﯧﺘﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺟﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﺍ، ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﻗﯧﺘﯩﭗ.

ﺟﺎﺩﯗ ﻛﯚﺯ ﮔﯜﻝ ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪ ﻳﯜﺭﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ،

ﺗﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺧﺎﺭﺍﭖ.

ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﭖ: «ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻳﺎﺭﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ،

«ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺩﯨﻢ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺩﯦﺪﯨﻢ: «ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭ، ﺗﺎﻛﻰ ﺟﺎﻳﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ.»

ﺋﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﮔﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ، ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻨﯩﻖ،

ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ، ﺋﯚﭘﺘﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﭼﻪ ﻳﯧﻨﯩﭗ.

«ﺧﻪﻳﺮ، ﻛﯚﺭﯛﺷﻪﺭﻣﯩﺰ» ﺩﯦﺒﺎﻥ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ،

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻨﻰ، ﺩﯦﺪﻯ: ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﺎﺝ.

ئۇيغۇر قىزى

ئەي قەمەر، قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۇن ،

ماھى رۇخسارىڭ سىنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن .

ئول قۇياش تارلىق قىلىپ، چاچقانى راسىت ئوخشايدۇ ياغ،

شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ،

ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر.

بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ، ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر.

بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىمارار،

ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددىي ئېلېكتىر يالتىراق ،

لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق .

چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبوبراق .

قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالىنىڭ ئېيى ،

سىنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاخۇ بېيى .

سېھىرگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىربىكىڭ بىر نەيزىدۇر،

ھەر قاراشىڭدا نەيزەڭ، يۈرەكنى ئىزىدۇر.

ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،

ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.

قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكتىن نۇر چىقۇر ،

بۇ قۇپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۆر چىقۇر.

تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئىلدۇر،

خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئىلدۇر.

بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر،

كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر .

نەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەپ يەلپۈنەر بۇ ساچلىرىڭ ،

ئىلتىپاتىڭىدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان_ ياشلىرىم .

قاتتى، قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ ،

تىلىسەڭ قىلغىن مۇسۇلمان ،تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ .

ئۈزۈلمەس ئۈمىد

ھاۋادا كۆپ بۇلۇتلار داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ؟

قۇياشنىڭ نۇرى ياكى ئۇشبۇ مانىدىن قۇتۇلغايمۇ؟

قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر، ساچۇر نۇرىن داۋام ئەيلەر،

سۇباتى يوق بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ كەيپى بۇزۇلغايمۇ؟

قۇياشقا دالدا قىلماقلىق ئەقىلسىزلىق دەلىلىدۇر،

سىنىڭ بۇ يۇققا بۆز خالتاڭ بىگىزلەرنى يوشۇرغايمۇ؟

چىقار بوران تەرەپپىللىكتە، گەرچە ئويلىماي تۇرساڭ،

ئەگەر قاتتىڭ چىقىپ كەتسە بۇزۇق تۈڭلۈك يېپىلغايمۇ؟

جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھېچ كۆرۈپ بولماس،

مۇقەددەس ئۇ قۇياش نۇرى بىزدە ھەم تېپىلغايمۇ؟

ئوقۇتالماي بالىلارنى ئوينىتىپ خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق،

ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىرى يېرىم ناننى تاپالىغايمۇ؟

ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلار ھەم ھاۋا ئەۋزائىنى بۇزدى،

ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى