ئابدۇراخمان شائىر
ئابدۇراخمان شائىر | |||||
---|---|---|---|---|---|
ۋاپات بولغان يەر | |||||
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||
كەسپى | شائىر |
ئابدۇراخمان شائىر
ئابدۇراخمان چوڭاخۇن ئوغلى 1912 - يىل ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى ئوقوتۇش يولىدا تىرىشقان. ئابدۇراخمان ئۆز يۇرتىدا ۋە 1928 - يىلى ئائىلىسى قارا شەھەرگە كۆچۈپ چىققاندا، شۇ يەردىكى ئابدۇكېرىم داموللام دېگەن كىشنىڭ تەربىيىسىدە دىنىي ئىلىملەرنى، ئەرەب، شەرق ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1933 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسى ئاتۇشقا - ئۆز يېزىسىغا قايىتىپ كەلگەن. 1934 - يىلى ئۇ مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق) ئەپەندى ئاچقان مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىن كۇرسىدا ئوقوغان. بۇ جەرياندا ئۇ تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئىلھامى بىلەن شېئىر ئىجادىيىتىگە قەدەم قويۇپ، ئۇنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە ئىگە بولغان.
ئابدۇراخمان كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاستىن ئاتۇشنىڭ مىيى يېزىسىدا قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ۋە باش مۇئەللىم قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئوقوتقۇچىلار، يېز، كەنت ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىشتىن سىرتقى كەچكۇرسلارنى ئېچىش، چوڭلار ئارىسىدا ساۋات چىقىرىش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان.
1935 - يىلى مەجىددىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قەشقەر شەھىرى ئىزچىلىرى ئاستىن ئاتۇشنى زىيارەت قىلىپ مىيى يېزىسىغا كەلگەندە ئابدۇراخمان شائىر ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شائىر «مەرھابا» تېمىسىدا بىر غەزەل يېزىپ، دىكلاماتسىيە قىلىپ ئوقوپ بەرگەن:
«مەرھابا، مېھمانى ئىزچى ئارقاداشلار مەرھابا،
خۇش كېلىپسىز يۇرتىمىزغا، قەدىردانلار مەرھابا.
نەچچە ئون چاقىرىم پىيادە يول يۈرۈپ، تاغلار ئېشىپ،
كەلدىڭىزلەر خۇش مۇبارەك، شات قەدەملەر مەرھابا.
بەختىيارمىز شوخ ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ گۈللىرى،
سىزگە ھىممەت يارى بولسۇن، قەلبداشلار مەرھابا.
ئەۋۋەلا ئاخىرغىچە بىر تەن بولۇپ كەلگەن ئىدۈك،
كەلدى ئەمدى يېڭى پۇرسەت مېھرىبانلار مەرھابا.
بىر نىيەتتە قول تۇتۇپ، ئەيلەشكە گۈلزار ئۆلكىنى،
قوزغىلىپ بىز دەس تۇرايلى، جانىجانلار مەرھابا.
ئابدۇراخمان يازدى نەزمە ئىزچى دوستلار شەنىگە،
بىلدۈرۈپ ئىززەت ۋە ھۈرمەت - ئېھتىراملار مەرھابا!»
1936 - يىلى 10 - ئايدا ئاستىن ئاتۇش ئىزچىلىرى قەشقەر شەھىرى يۇمىلاق شەھەر كۆلبېشى يېنىدىكى مىللەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا (ھازىرقى دوستلۇق كىنوخانىسى قۇرۇلغان جاي) ھۇل سېلىش مۇراسىمىگە قاتناشقاندا، ئابدۇراخمان شائىر يىغىن مۇنبىرىگە چىقىپ، يېڭىچە مەكتەپلەرنى مەدھىيلەيدىغان 18 مىسرالىق بىر غەزىلىنى ۋە تۆت كۇپلېتلىق بىر مۇخەممەسنى دىكلاماتىسىيە قىلىپ ئوقوپ بېرىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولغان.
ئابدۇراخمان شائىر ئىجادىيەتتە ئۆزىنىڭ ھازىرقى جاۋابلىقى بىلەن تونۇلغان. 1937 - يىلنىڭ بېشىدا ئۇ ئاتۇش مەھشەت يېزىسىنىڭ قۇمباغ كەنتىدە قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقوتقۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا ئۇستازى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۆزلىگەن نۇتقىدىن تەسىرلىنىپ، شۇ مەيداندىلا «ۋەدە» ماۋزۇلۇق بىر غەزەل يېزىپ، دىكلاماتسىيە قىلىپ ئوقوپ بارگەن:
«كۆيۈمچان ئوت يۈرەك باغۋەن چىۋەر ئۇستازىمىز بىزنىڭ،
دىلىمدا مەڭگۈ پارلايدۇ، ئەقىدە - مېھرىڭىز سىزنىڭ.
كى قورقۇشنى راۋا كۆرمەس ۋەتەن پەرزەنتى بولغان ئەر،
ۋەتەن، مىللەت باھارىغا سوقار پاك قەلبىمىز بىزنىڭ.
ئۆگەتكەن سىز ۋەتەن - ئەلنى سۆيۈش ھەر كىمگە بۇرچتۇر،
شۇڭا سىزنى قىلىپ ئۈلگە داۋاملاش ئەھدىمىز بىزنىڭ.
قۇۋۋەت بولدى بۈگۈن بىزگە سۆزىڭىز ئۆزگىچە ئىلھام،
ئىلىم - ئىرپان يولىن بويلاپ مېڭىش چىن قەرزىمىز بىزنىڭ.
مەگەر خائىن، مۇناپىقلار قىلىپ قەس زەھىرىن سالسا،
پىدا ئەيلەپ بۇ جانلارنى، يوقاتماق شەرتىمىز بىزنىڭ.
قەسەم بەر ئابدۇراخمان سەن چىۋەر ئۇستاز ھوزۇرىدا،
ۋەتەن، مىللەت ئۈمىدىنى ئورۇنلاش ۋەدىمىز بىزنىڭ.
1937 - يىلى ئاپرېلدا مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق) ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئابدۇراخمان شائىر ئاتۇش مائارىپىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇللۇقىغا بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 9 - ئايدا ئابدۇراخمان شائىرمۇ قولغا ئېلىنغان ۋە 1938 - يىلى ئەتىيازدا تۈرمىدە قەتل قىلىنغان.
1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئاتۇش شەھىرىدىكى پېشقەدەملەردىن مىرئەھمەد سەئىد، ئابدۇكېرىم ھاجى قاتارلىقلار ئابدۇراخمان شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ ئون نەچچە پارچە شېئىرىنى تېپىپ نەشىرگە تەييارلىدى. (1988 - يىلى مىر ئەھمەد سەئىد مېنى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر بىر قىسىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنىدى. مىر ئەھمەد سەئىد «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىللىق 4 - سانىدا ئابدۇراخمان شائىرنىڭ مائارىپچىلىق پائالىيىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە ماقالىدە شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن قىسمەن پارچىلانى بەردى.) شائىرنىڭ غەزەل، مۇخەممەس ۋە مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان بۇ شېئىرلىرى تىل، ئۇسلۇب جەھەتتە يېڭىچە، روشەن جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلاردا قومۇ دېھقانلار قوزغىلىڭى، 30 - يىللاردا بارلىققا كەلگەن ئويغىنىش، مەرىپەتچىلىك، ئاقارتىش دولقۇنى ۋە بۇ دولقۇندا بارلىققا كەلگەن نەتىجىلەر كۈيلەنگەن، شائىرنىڭ ئۆزىنى مىللەت، خەلق خىزمىتىگە ئاتاشتەك جەسۇر ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.