ئابدۇراخمان قاھار

ئورنى Wikipedia
ئابدۇراخمان قاھار
ۋاپات بولغان يەر
مىللىتىئۇيغۇر
مائارىپ سەۋىيىسىئالىي مەكتەپ
كەسپىشائىر
ئەسەر(لىرى)ئىلى دولقۇنلىرى، ھايات سىرى، ۋاپا، كۆڭۈل


يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار 1936 - يىلى 1 ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ بينىكسىك مەھەللىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1953 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1989 - يىل 7 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇراخمان قاھار ئەدەبىيات ساھەسىگە 50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن ۋە شۇ يىللاردا بىر قېتىم شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. كېينچە، ئۇ مەخسۇس پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، >ئانا ۋەسىيىتى<، >ئەمەت ھاجى<، >دېھقان سازەندە< قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بىر تۈركۈم يىرىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پروزىچىلىق ساھەسىدە خېلى چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىككى توملۇق >ئېلى دولقۇنلىرى<، >ھايات سىرى< رومانلىرى؛ >كەچۈر، مېنى نازاكەت<، >بەخت<، >ئاھ، ياشلىقىم< پوۋېستلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئابدۇراخمان قاھارنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن >ئىلى دولقۇنلىرى< (ئىككى قىسىم، 1985 -، 1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، >ھايات سىرى< (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، >كەچۈر، مېنى نازاكەت< (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، >ئاھ، ياشلىقىم< (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى، >ۋاپا< (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، >كۆڭۈل< (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.

ئابدۇراخمان قاھار ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


مەنبە[تەھرىرلەش]