ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف
مىللىتىئۇيغۇر


ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ دادىسى مۇسا ئاكا ئىلى سۇلتانلىقى ئاغدۇرۇلۇش ھارپىسىدا، ئىلىدىن ئالما - ئاتاغا چىققان، ئۇ يەردە بىر مەزگىل باققاللىق قىلغاندىن كېيىن، يەرلىشىپ ئۆز كەسپى تۇماقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن مۇسا ئاكا ئالما - ئاتادا ئۆيلىنىدۇ.

ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف 1890 - يىلى ئالما - ئاتادا دۇنياغا كەلدى. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئالما - ئاتادا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىىيتى ئوتتۇرا ئاسىيادا باسمچىلارنى تازىلىغاندا، ئابدۇللا روزىباقىيوف، سوپى زارۋاتوفلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن باسمىچىلارغا قارشى ئۇيغۇرلاردىن قۇرۇلغان ئاتلىق پولك (ئا. روزىباقىيوف پولك كومىسسارى) زور خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئاق باندىت دوتوپنى تۇتۇشتىمۇ ئۇيغۇر پىدائىلىرى خىزمەت كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ پولكقىمۇ ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف قاتناشقان. كېيىن يەرلىك مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مۇشۇ جەرياندا ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭدا تەرەققىياتقا، يېڭلىققا ئىنتىلىشى كۈچىيىدۇ. يەتتە سۇ رايونىدا تىيىپ ھاجى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلغار كۆز قاراشتىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.

ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ ئائىلىسى 1924 - يىلى يۇرتى ئىلىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، سودىگەرلەر دۇكىنىدا پىركازچىك، ھېسابچى، پرىيومچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ جەريانىدا ئىلىدا ئۆيلىنىدۇ.

ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ئۆز بۇرادەرلىرىدىن تىيىپ ھاجى (تىيىپ ھاجىمۇ 1930 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىدۇ)، نەسۇھا داموللا، سادىق قارى قاتارلىقلار بىلەن يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشقا ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ چاغلاردا ئىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ كەلگەن كىشىلەر پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتىدىغان يېڭى مەكتەپلەر، دەرنەك مەكتەپلىرىنى ئېچىشقا كىرشكەنىدى.

بۇ بىر ئويغىنىش دەۋرى بولۇپ، خەلقنى يورۇقلۇققا يېتەكلەش تەشۋىقات قىلىناتتى. 1933 - يىلى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، دەسلەپكى مەزگىلدە شىنجاڭدا جۈملىدىن ئىلىدىمۇ يېڭى تەرەققىيات باشلىنىدۇ. 1934 - يىلى 3 - ئايدا، ئىلىدا ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ. تىيىپ ھاجى رەئىس، رەھىمجان سابىر ھاجىيوف باش كاتىپ، قاسىمجان قەمبىرى تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. بۇ ئۇيۇشما ئاساسەن مەدەنىي - مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف بۇ ئۇيۇشمىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەپ تاكى 1943 - يىللارغىچە ئۇيۇشمىنىڭ ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى بولۇپ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.

ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف تەرەققىپەرۋەر ئىلغار كىشى بولۇش بىلەن بىللە خەلقنىڭ مەدەنىي ئاقارتىش، ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن كىشى ئىدى.

1944 - يىلى 9 - ئايدا نىلقىدىن قوزغىلاڭ كۈچىيىپ، غۇلجا شەھىرىگە كېڭىيىدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف قولىغا قورال ئېلىپ، ئىنقىلابىي پارتىزانلار سېپىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ دەسلەپ پارتىزانلار شىتابى ۋە مىللىي ئارمىيە شىتابىدا پولكوۋنىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئىشلەيدۇ. 1946 - يىلدىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ باش سىياسىي بۆلۈمىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف گېنېرال ئىسھاقبەگنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئەڭ يېقىن سەبدىشى ئىدى. ئۇ سىياسىي ئىشلاردا گېنېرال ئىسھاقبەگكە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. 1948 - يىلى «شىنجاڭدا تىنچىلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ مىللىي ئارمىيىدىكى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىي ھەيئىتى بولىدۇ. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوفنىڭ مىللىي ئارمىيىدە بولسۇن، يەرلىكتە بولسۇن ئىناۋىتى، ھۆرمىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى. ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف 1949 - يىلى 8 - ئايدا، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك بىرىنچى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا ماڭغاندا، بىر مەزگىل مىللىي ئارمىيىنىڭ موۋەققەت قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن 1950 - يىلىدىن 1952- يىلىغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى، ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1953 - يىلى كەسپ ئالمىشىپ ئ[ئىلى ۋالى مەھكىمىسى]]نىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، قوشۇمچە غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1955 - يىلىدىن كېيىن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.

ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوف «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا كۆپ ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى تارتىپ، 1973 - يىلى ۋاپات بولدى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]