ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
مىللىتىئۇيغۇر

شائىر، يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا 1955 - يىل 2 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كەلپىندە ئوقۇپ تاماملاپ، بىر مەزگىل يېزىدا دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن، 1979 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1984 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتىدا ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇرېھىم ئابدۇللا 1979 - يىلى ئېلان قىلغان <كۆردۈم> ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ <تۆمۈرچى دۇكىنىدىن ياڭرىغان ئاۋاز>، < سۇنۇق قىلىچ>، <شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم، مەن> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ پىكرى يېڭى، مەزمۇنى چوڭقۇر، بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئۆزگىچە. ئابدۇرېھىم ئابدۇللا يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئانام يەلكەمدە>، <يېڭى ھايات>، <بويناق>، <داۋانلىق يوللار> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.

ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <بويناق> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، <داۋانلىق يوللار> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بار.

ئابدۇرېھىم ئابدۇللا ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]