ئابدۇرېھىم توختى
ئابدۇرېھىم توختى | |||||
---|---|---|---|---|---|
مىللىتى | ئۇيغۇر |
شائىر ئابدۇرېھىم توختى 1919 - يىلى ئاتۇش ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتنى ئېكساق مەكتىپىدە ئالغان، كېيىن قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇرشىدىكى پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان، 1934 - يىلىدىن تارتىپ، ئاتۇش ۋە قەشقەردە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 1951 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1953 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، كېيىن قەشقەرگە كېلىپ، 1961 - يىلىدىن 1981 - يىلىغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر پېنسىيدە.
ئابدۇرېھىم توختىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1937 - يىلى <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئىشەنمە> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ھەرىكەتتە بەرىكەت>، <ئارزۇ>، <قانداق>، <ئىسىت ئۆمرىمىز>، <سەن ئۈچۈن> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان.
ئابدۇرېھىم توختى يەنە ئەلىشىر ناۋائىينىڭ <مەھبۇبۇلقۇلۇب>، <لىسانۇتتەير> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان؛ <قەشقەرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق كىتابنى يازغان.
ئابدۇرېھىم توختىنىڭ <ئۆچمەس تىلەكلەر> (باشقىلار بىلەن بىللە، 1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە <تاغ سۇلىرى> (قۇربان ئىمىن بىلەن بىللە، 3199 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان، بىر مۇنچە كوللېكتىپ توپلاملارغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئابدۇرېھىم توختى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.