ئابدۇرېھىم راخمان

ئورنى Wikipedia

ئابدۇرىھىم راخمان خەلىقىمىزگە يەنە "رىھىم قان" دەپمۇ تۇنۇلغان.

تەرجىمھالى[تەھرىرلەش]

يۇرتى: ئۈرۈمچى

نۆۋەتتىكى خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىر ئۆمىكى

قىزىقىشى: خەتتاتلىق

ئائىلە ئەزالىرى: ئايالى، پەرزەتلىرى

ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس

بېرىشنى ئارزۇ قىلدىغان جاي: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر بىر يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئايلىنىپ چىقىش

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى: مىكرو تىياتىر «ئەتىرگۈلدەك ھايات»، «نىكاھنىڭ تەمى»

ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: تۇرمۇشۇمدىكى ھەربىر تاتلىق ۋە ئاچچىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز دەيدۇ.

«جېنىم تۇنساخان ئاچا، بىر چېكىم بېرىڭ، بىر چېكىم بەرسىڭىزلا نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلىمەن» بۇ 1999-يىلى 2-ئايدا ئىشلەنگەن ۋە شۇ يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن «دوزاخقا سەپەر» فىلىمىدىكى تۇرسۇننىڭ سەھنە سۆزى بولۇپ، تۇرسۇن ئوبرازىنى تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكى لەززىگە كەلگۈدەك، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياشلانغۇدەك جانلىق ھەم تەسىرلىك قىلىپ ياراتقان يىگىت بولسا دەل شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش كىنو-تىياتىر ئاكتىيورى ئابدۇرېھىم راخماندۇر.

تالانتىلىق ياش ئاكتىيور ئابدۇرېھىم راخمان 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1994-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.

ئابدۇرېھىم راخمان مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان.

كەسپى ھاياتى[تەھرىرلەش]

1999-يىلى «دوزاخقا سەپەر» فېلىمدا تۇرسۇن ئوبرازىنى، شىياڭگاڭلىق داڭلىق رېژىسسور شۈ كېنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «七剑下天山» دە ئەترەت باشلىقى ئوبرازىنى، 2002-يىلى 1-ئاۋغۇست كىنو ئىستودىيەسىي ئىشلىگەن «مىللىي ئەترەت مارشى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئازاد ئوبرازىنى، «قاناس قەلئەسى سىرى» فېلىمىدا قوش كېزەك قاتارلىق ئوبرازلارنى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن يارىتىپ، ئاكتيورلۇق ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

2001-يىلى «ئارتىس تاللاش» ناملىق ئېتوتى بىلەن تۇنجى سەھنە ئەسىرىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن «فىلىم ئىشلەش»، ««MTVئىشلەش، «پۇلۇمنى بېرىۋەت»، «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس»، «يانفون»، «مېھمان 8»، «مېھمان 9»، «مېھمان 10»، «ھەمراھ»، «يىغلىماڭ قوزام»، «تۇيغۇ باتۇر»، «ھالال»، «قىزىل تۇخۇم»، «مەن سىزنى سۆيىمەن»، «غەيرىي كېسەل»، «قەغەز يولۋاس»، «شەيتان» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوپېرا تىياتىرلىرىدىن «ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى يوق»، «قالايمىقانچىلىق»، «غۇنچەم» ۋە مىكرو تىياتىر «ئەتىرگۈلدەك ھايات»، «نىكاھنىڭ تەمى» قاتارلىقلار باربولۇپ، ئابدۇرېھىم راخمان ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوبرازلارنى ئۆزىگە خاس ماھارىتى بىلەن يارىتىشتىن باشقا يەنە «يانفون»، «پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر» ناملىق ئىككى ئېتوتقا قەلەم تەۋرىتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.