ئابدۇرېھىم سابىت

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىم سابىت
مىللىتىئۇيغۇر


ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم سابىت 1943 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە تاماملىغان، 1957 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، 1983 - يىل 10 - ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەر ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇرېھىم سابىت 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەخسۇس ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇيغۇركلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى> ناملىق تۆت قىسىملىق كىتابنى، <مۇھەممەت سادىق قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە>، <شائىرە زىبۇننىسا>، <قۇتادغۇبىلىك> < ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى>، <ئابدۇقادىر دامۇللا ۋە ئۇنىڭ >نەسىھەتى ئاممە< ناملىق ئەسىرى ھەققىدە>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا ئائىت تارىخىي يازما ھۆججەتلەر> قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان؛ ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئورتاق دەرسلىك <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> نى ۋە دۆلەتنىڭ 7 -، 8 - بەش يىللىق ئىجتىمائىي تەتقىقات پىلانىدىكى <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى> نى يېزىشقا قاتناشقان. بۇلاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنىڭ تەزكىرىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، بەزى كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان.

ئابدۇرېھىم سابىت ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ<قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات تەتقىقاتچى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان تەتقىقاتچىسى.

مەنبە[تەھرىرلەش]