ئابدۇرېھىم ھېيت

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2019
ئۆلۈم سەبەبى ئۆلتۈرۈلگەن
قەبرىسى
باشقا ناملىرى
مەكتىبى
تونۇلۇش سەبەبى


دىن
رەڧىقىسى
بالىلىرى


ئاتا-ئانىسى
ئىمزاسى

ئابدۇرېھىم ھېيت ـ ئەل سۆيگەن مۇزىكانت، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «دۇتار شاھى» دەپ ئاتالغان سەنئەتكار.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

«دۇتار شاھى» ئابدۇرېھىم ھېيت 1964-يىلى قەشقەردە بىر دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەسلەپ بېيجىڭدىكى «مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» دە، كېيىن ئۈرۈمچىدىكى «ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» دە مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى ۋە ناخشىچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2011-يىلى مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى ئۇنىڭ «دۇتارىم» نامىدىكى توققۇز دىسكىلىق ئىجادىيەت توپلىمىنى نەشر قىلغان.

2011 ـ يىلدىن 2016 ـ يىلغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا داۋاملىق مۇڭ كۈيلىرىنى ياڭراتقان، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى بىپايان ۋادىلار بۇ ئوت يۈرەك ئۇستازنىڭ مۇڭلىرى بىلەن مۇڭلانغانىدى. جۈملىدىن 2015 ـ يىلى دېكابىردا تۈركىيىدە مەدەنىيەت ـ سەنئەت زىيارىتىدە بولغان ئىدى.

2016 ـ يىلى 9 ـ ئايدىن كېيىنكى كەسكىن سىياسىي ئاتموسفرا تۈپەيلى مەرھۇم ئۇستازمۇ

2017 ـ يىلى ئاپرىل ئېيىدا تۇتقۇن قىلىنىپ،

خىتتاي جازا لاگىرىغا ئەكىرىپ كېتىلگەن ۋە 2019 ـ يىلى 8 ـ فېۋرال مىللىتىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىپ تاشلىغان.