ئابدۇرەھمان مۇئاۋىيە

ئورنى Wikipedia


(731 - 788) كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىىنى قۇرغان ئادەم، ئىسپانىيىدىكى كوردوۋانىڭ ئەمىرى. ئومەييە سۇلالىسى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئابباسىيلارنىڭ ئۇمەييە خانلىق جەمەتىدىكىلەرنى قىرغىن قىلىشىدىن قېچىپ، پەلەستىن، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. بەش يىلدىن كېيىن، سېۋتا (ھازىرقى ماراكەشكە تەۋە) غا بېرىپ، نەفزە قەبىلىسىدە تۇرغان. كېيىن ئىسپانىيىگە بارغان. 756 - يىلى ئىسپانىيە ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىپ، كېيىنكى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. (بۇ سۇلالە دەسلەپ كوردوۋا ۋالىسى رايونى دەپ ئاتالدى. ئابدۇ رەھمان Ⅲ دەۋرىدە رەسمىي خەلىپە دۆلىتى دەپ ئاتالدى). ئابدۇرەھمان ۋاپا بولۇشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ھەرام مەسچىتىگە ئوخشاش كاتتا كوردوۋا جامەسىنى سالدۇرغان. 731 - يىلى

788 - يىلى