Jump to content

ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر

ئورنى Wikipedia

ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ياكى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل دىيارىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇم ئالىمنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھاياتىنىڭ قىران پەيتلىرى خىتاي زىندانلىرى، ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى تەقىب-چەكلىمىلەر ئاستىدا ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر ئۆمۈر ئەرك كۈيلەپ، ئۆز خەلقىنى ھۆرلۈككە چاقىرىپ قەلەم تەۋرىتىشنى ئەسلا توختاتمىغان. ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىقى قەيت قىلىنىدىغان «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق نادىر تارىخىي رومانلارنى، «تارىم بويلارى»، «يۈرەك مۇڭلىرى»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ئۆز خەلقىگە سۇنغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزتىراپ ۋە ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر تۈپەيلى ھالسىرىغان يۈرىكى 1995-يىلى 5-ئۆكتەبىر بەختكە قارشى سوقۇشتىن توختىغان.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمىھالى

كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985-يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر «قەشقەر كېچىسى»، «ئىز»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە «شېئىر ۋە شائىر»، «تۇرپان تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شېئىرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى 1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى» نىڭ 2-سانىدا «قەشقەر كېچىسى» ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدھىيەلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسىنىڭ 2-توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا، 1983-يىلى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.

مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوپى ئاللا يار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادلاپ بولغان.

1934-يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيە (تولۇقسىز ئوتتۇرا) دە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939-يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇن (تولۇق ئوتتۇرا) غا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1942-يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئىگە بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن، «دولقۇنلۇق ھايات»، «يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا»، «تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر»، «چىن مودەن» (لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە دىرامىلارنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.

1943-يىلى باھاردا، مىلىتارىست شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەر لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چىن تيەنچۇ، ماۋ زىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي 1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ1945-يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «يۈرەك مۇڭلىرى» تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خىلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن، جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. پەقەت پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمى يىغىندىن كېيىنلا  قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن.

ئۇ قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە «ياخشى» ، «كېرەك بولسا»، «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»، «بوغدا ئانام»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «گۈل ۋە ئازغان» قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش، ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.

مەنبەلەر

[تەھرىر]

ئىز تورى