ئابدۇرەھىم نىزارى

ئورنى Wikipedia
ئابدۇرەھىم نىزارى
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى شائىر


ئۆزىنىڭ باي ئىجادىي مىراسلىرى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرىنى ئاچقان شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇھىم ۋە ھۆرمەتلىك ئورۇن تۇتىدۇ.

ئابدۇرەھىم نىزارى 1843 - يىلى يازغان «دۇررىلنەجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى») ناملىق ئەسىرىدە بەرگەن:

«ئۆمۈر داغى ئالتىمشۇ يەتتى،

يەتمىشكە يېقىن ئۈمىد كەتتى.»

دېگەن مەلۇماتقا ۋە ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، شائىر 1776 - يىلى قەشقەر شەھىرنىڭ بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە كىچىك قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ كونا مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، قەشقەر «خانلىق مەدرىس» تە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

شائىر ياشىغان دەۋر (18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى) ئۇيغۇر خەلقى مانجۇر ھاكىمىيىتى ۋە ئۆز ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىپ، ئىنتايىن جاپا - مۇشەققەتلىك ئېغىر تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلدى. شائىر ئۆمرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەمبەغەللىك ئىچىدە ئۆتتى. ئۇ ئۇزاق زامان كىشىلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى يېزىپ بېرىش، تۈرلۈك كىتاب نۇسخىلىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزدى.

نىزارى نەۋائىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلق ئارىسىغا تارقىتىشتا ئەڭ كۆپ ئەمگەك قىلغان، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى نەۋائى دۇردانىلىرىنى كۆچۈرۈشكە سەرپ قىلغان. نىزارى كۆچۈرگەن نەۋائى كۇللىياتىنىڭ تولۇق بىر قول يازمىسى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئە. نەۋائى نامىدىكى دۆلەت ئەدەبىيات مۇزېيىنىڭ قول يازمىلار فوندىدا ساقلانماقتا.

نىزارى، زىيائى، غەرىبىلەر ئىجادىي ھەمكارلىقتا ئىشلىگەن بۇ توپلام ئون سەككىز داستان، قىسسە ۋە يىگىرمە تۆت ھېكايەتتىن تۈزۈلگەن. بۇ داستان، قىسسەلەرنىڭ توققۇزى زور ھەجىمدە بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇقەددىمە» قىسمى (توپلامدا «مۇقەددىمە» دېيىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇنداق دەپ ئاتاش مۇۋاپىق تېپىلدى) بىلەن «فەرھاد - شېرىن»، «لەيلى - مەجنۇن»، «مەھزۇن - گۈلنىسا» ۋە «رابىئە - سەئدىن» داستانلىرى، شۇنداقلا، توپلامدىكى ھېكايەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى نىزارى قەلىمىگە مەنسۇپتۇر.

مىزارى ئۆز خەلقىگە نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىكىدەك بىر يۈرۈش جەۋھەرلەرنى تەقدىم قىلشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توپلامغا كىرگەن يۇقىرىقى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتىگە تولۇق يەتتى.

نىزارى ئەلىشىر نەۋائى ئىزىدىن مېڭىپ «فەرھاد - شېرىن» داستانىنى يازغاندا، نەۋائىغا تەقلىدچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقماي، بەلكى يېڭى بىر ئىجادىي يول بىلەن ماڭغان. نەۋائى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەسۋىرلەرنى تەكرارلىمىغان. نەۋائى ئۆز داستانىنى ئارۇز ۋەزنىنىڭ «بەھرى ۋافز» دەپ ئاتالغان بەھرىدە يازغان بولسا، نىزارى مۇتەقارىب بەھرىدە ئۆزىگە خاس يېنىك ئۇسلۇب بىلەن يازغان.

«لەيلى _ مەجنۇن» ئەسلىدە كىشىلىك ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان ئەرەب رىۋايىتى ئىدى. بۇ رىۋايەت ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپلا شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا قىسسە شەكلىگە كىرىپ كەڭ تارقالغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى سيۇژىتقا ئايلىنىپ كەتكەن. «لەيلى - مەجنۇن» سيۇژىتىنى بىرىنچى بولۇپ يازما ئەدەبىياتقا نىزامى گەنجەۋى ئېلىپ كىرگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن پارس تىلىدا بىر قاتار «لەيلى - مەجنۇن» داستانلىرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا «لەيلى _ مەجنۇن» داستان سۈپىتىدە مەيدانغا چىقمىغانىدى. ئەلىشىر نەۋائى تۇنجى قېتىم ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى _ «چاغاتاي تىلى» دا «خەمسە» يارىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، «لەيلى _ مەجنۇن» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىنى مەيدانغا چىقاردى. نەۋائىدىن كېيىن، تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر ئەدەبىياتىدا نەچچە ئونلاپ «لەيلى - مەجنۇن» داستانى ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئەسلى ئەرەب رىۋايىتى بولغان بۇ سيۇژىت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدىمۇ كۆكلەپ مېۋە بېرىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق مېۋىلەرنىڭ بىرسى ئابدۇرەھىم نىزارىنىڭ «لەيلى _ مەجنۇن» داستانىدۇر.

ئومۇمەن، نىزارىنىڭ «لەيلى _ مەجنۇن» داستانى 19 -ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرسىدۇر.

نىزارى ئارقىدىنلا، «لەيلى _ مەجنۇن» غا ئوخشاپ كېتىدىغان پاجىئە _ ئۆز زامانىسىدە قەشقەرنىڭ كۆكچى يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئەمەلىي ۋەقەگە ئاساسەن، چوڭقۇر رېئالىزم روھىدىكى «رابىيە _ سەئىدىن» داستانىنى يازدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەنقىدىي رېئالىزمغا يول ئاچتى.

شائىر نىزارى ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسىنى سىيۇژىت قىلىش ئارقىلىق فېئوداللىق تۈزۈمگە، جۈملىدىن، فېئوداللىق ئائىلە - نىكاھ تۈزۈمىگە كەسكىن قارشى چىقىدۇ.

ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى ئاستىدا ئېپىك ۋەقەلەر بىلەن دولقۇنلۇق لىرىك ھېسسىيات ۋە پەلسەپىلىك پىكىر - مۇلاھىزىلەر بىر - بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. داستاندا ئاجايىپ باي تەسەۋۋۇر كۈچى، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش ۋە باشقا بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىلغان. شائىر ئۆز قەھرىمان رابىئەنى ئاي بىلەن قۇياشقا، خۇش پۇراق قىزىل گۈلگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىسە، سەلبىي ئوبراز جابىرنى شۇملۇقنىڭ سىمۋولى قاغىغا ئوخشىتىدۇ.

ئومۇمەن ئىلغار دېموكراتىك غايىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بۇ ئەسەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

نىزارى داستانچىلىقىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى _ قەھرىماننىڭ ئىچكىي كەچۈرمىشىگە تولىراق ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت. شائىر ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى غەزەل شەكلى بىلەن، چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە سۈرەتلەپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىدا قەھرىمانلارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھېسداشلىق ئويغىتىش مەقسىتىگە يېتەلىگەن. شائىرنىڭ داستانلىرىغا كىرگۈزگەن غەزەللىرى مەيلى مەزمۇن ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن بىر قەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ غەزەلچىلىكتىمۇ پىشقان لىرىك شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نىزارىنىڭ يەنە بالىلار توغۇرلۇقمۇ يازغان بىرمۇنچە شېئىرلىرى بار.

نىزارى 1839 - يىللىرى زوھۇرىدىن ھاكىم بەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەردە قولغا ئالغان «دۈررۈلنەجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى») ناملىق ئەسىرىنى تۇرپاندا قايتا ئىشلەپ تاماملىدى. بۇ ئەسەردە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۈزۈمچان بولۇشى، ئەمەلدارلارنىڭ ئادىل ۋە ئاقىل بولۇشى، خەلققە كۆيۈنۈشى كېرەكلىكى ئۆتكۈر سوئال - جاۋاب بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ. سوئال مۇدبىرخۇدبىن ناملىق سەلبىي ئوبرازنىڭ ئاغزىدىن بېرىلىپ، جاۋاب مۇقبىل رەۋشەندىل ناملىق ئىجابىي ئوبرازنىڭ ئاغزىدىن ئېلىنىدۇ، تۈزۈلۈشى نەسرىي - نەزىم شەكلىدە بولۇپ ئومۇمىي كىتاب 88 سوئالغا 92 جاۋاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

نىزارى ئۆز زامانىسىنىڭ ئىلغار پىكىرلىك كىشىسى بولغانلىقتىن، خەلقلەرنىڭ كۈيىنى كۈيلەپ، پۈتۈن ئەسەرلىرىنى خەلق ئاممىسىغا بېغىشلىدى. ھۆكۈمران تەبىقىلەرگە خۇشامەت قىلىپ، ئۇلارنى ماختاشتىن ئۆزىنى ساقلىدى. شائىر ئۆز ئەسەرلىرىدە كىشىلىك جەمئىيىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، مەردلىك، گۈزەللىككە ۋە دىيانەتكە چاقىردى. ئالدامچىلىق، مۇناپىقلىق، زالىملىقنى نەپرەت قامچىسى ئاستىغا ئالدى. ئۇ، يەنە ئۆز ئەسەرلىرىدە چەت تىللارنى مۇمكىن قەدەر ئاز ئىشلىتىپ، خەلققە چۈشىنەرلىك تىل، يېنىك ۋە ساددا ئۇسلۇب ئىشلەتتى. شائىرنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى ئېسىل بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

شائىرنىڭ تۇرپاندىن (ئاساسلىقى، لۈكچۈندىكى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئوردىسىدىن) قەشقەرگە، زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ ھۇزۇرىغا قاچان قايتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس (بۇ ھەقتىكى يىلنامىلەردە ئىلگىرى - كېيىنلىك مەۋجۇت). ئومۇمەن، شائىر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەر ئوپالنىڭ قۇمباغ (ئازىغ) كەنتىدىكى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ تەيىن قىلىپ بەرگەن ئارامگاھىدا داۋالىنىپ دەم ئالغان ۋە مۇشۇ مەزگىلدە «ھەزرىتى موللام» (مەھمۇد قەشقەرى) تەزكىرىسىدىن پايدىلىنىپ، «دىيارى ئىمام» ناملىق كىتابىنى يازغان. مۇتەپەككۇر، رېئالىزمچى شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى 1848 - يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىتى «ھەزرىتى موللام» قەبرىسى جايلاشقان دۆڭلۈكنىڭ غەربىي شىمال يانباغرىغا قويۇلدى. نىزارى قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ جايدا «ئابدۇرەھىم سىجلات مەقبەرىسى» نامى بىلەن مەشھۇر.

مەنبەلەر[تەھرىر]