ئابدۇرەھىم ھاپىز

ئورنى Wikipedia

تۆمۈرىيىلەر سۇلالىسى دەۋرىدە ئەلىشىر نەۋائىغىچە بولغان مەزگىلدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆزىنىڭ چاغاتاي تىلىدا ياراتقان ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئەينى دەۋر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى _ شائىر ئابدۇرەھىم ھاپىز (ھاپىز خارەزمى) دۇر.

شائىر ئابدۇرەھىم ھاپىزنىڭ «دىۋان ھاپىز تۈركىي» ناملىق زور ھەجىمدىكى لىرىك شېئىرلار توپلىمى ھىندىستاننىڭ ھەيدەر ئاباد شەھىرىدىكى «سەلار جەڭ مۇزېيى» دا 4298 - نومۇر بىلەن ساقلانغان. مۇزېي خادىملىرى بۇ ئەسەرنى مەشھۇر فارس شائىرى خوجا ھاپىز شىرازى (1320 - 1389) شېئىرلىرىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى دەپ تونۇپ كەلگەچكە، مەزكۇر ئەسەر يېقىنقى يىللارغىچە جامائەتچىلىككە مەلۇم بولمىغان. 1975 - يىلى 18 - مايدا ئۆزبېك ئالىملىرى _ فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پرافېسسور خەمىت سۇلايمانوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بايقىشى بىلەن مەزكۇر ئەسەر ئەدەبىياتشۇناسلىقىمىزغا مەلۇم بولدى.

«دىۋان ھاپىز تۈركىي» ناملىق مەزكۇر قول يازما ئەسەر 14 - 15 - ئەسىرلەردە كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ 1502 غەزەل، بىر مۇخەممەس، ئىككى مۇستەھزاد، تۆت تەركىبەند، ئۈچ تەرجىبەند، 31 قىتئە، 11 رۇبائىدىن تەشكىل تاپقان.

ئابدۇرەھىم ھاپىز دىۋانىدىكى شېئىرلار ئەمىر تۆمۈرنىڭ 1379 - يىلى خارەزىمى قولغا كىرگۈزۈشىدىن تاكى 1435 - يىلى سۇلتان ئىبراھىمنىڭ ۋاپاتىغىچە بولغان مەزگىلنى ئۆزىگە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، بۇ شائىر ئابدۇرەھىم ھاپىزنىڭ 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 15 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلدە ياشاپ ئىجاد قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«دىۋان ھاپىز تۈركىي» نىڭ مەزمۇنىدىن يەنە شائىرنىڭ خارەزمىلىك ئىكەنلىكىنى، ئاخىرقى ئۆمرى شىرازدا ئۆتكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بۇخارا، سەمەرقەند، خوجەند ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىنىڭ نامىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بۇ شەھەرلەردە تۇرغان - تۇرمىغانلىقى نامەلۇم.

ئۇ ئۆزى ھەققىدە توختالغان غەزەللىرىنىڭ بىرىدە:

«خاس ئۆز قولنىغە لۇتف ئېتىپ رەھىم قىلسە يار،

مۇجلىس قەدىمىي قۇل ئاڭا ئابدۇرەھىم ئېرۇر.»

دەپ يېزىپ، ئۆز ئىسمىنىڭ ئابدۇرەھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇرەھىم ھاپىزنىڭ «دىۋان ھاپىز تۈركىي» ناملىق ئەسىرى لىرىك شېئىرىيەت بويىچە شۇ دەۋردىن يېتىپ كەلگەن يىرىك يادىكارلىق بولۇپ، شائىر ئابدۇرەھىم ھاپىز ئۆزىنى خوجاھاپىز شىرازى ئىدىيىلىرى ۋە لىرىكا ماھارىتىنىڭ ۋارىسى ئورنىدا قويۇپ، خوجاھاپىز شىرازى شېئىرىيىتىنى تۇنجى قېتىم تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە تونۇشتۇرغان ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەر شېئىرىيىتىدە «ھاپىز تۈركىي» ئۇسلۇبىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئابدۇرەھىم ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبى خىلمۇ خىل ھەم رەڭدار بولۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن ئۇ خوجا ھاپىز شىرازى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ باھائىددىن نەقىشبەندىي تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن فانتېئىزملىق قاراشلارغا، يەنى، ئىشقى ھەقىقىي (ئىلاھىي ئىشق) قا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىشقىي مەجازى (ئىنسانىي ئىشق) باسقۇچىنى بېسىش توغرىسىدىكى پىكىر ئېقىمىغا يېقىندىن يانداشقان.

شائىر ئابدۇرەھىم ھاپىزنىڭ نادىر شېئىرىي مىسرالىرى 14 - 15 - ئەسىرلەر ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرىدۇر.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]