ئابدۇسەمەت خېلىل

ئورنى Wikipedia
ئابدۇسەمەت خېلىل
مىللىتىئۇيغۇر


پېشقەدەم شائىر ئابدۇسەمەت خېلىل 1937 - يىلى قاغىلىق ناھىيسىنىڭ شەيخباغ يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپ دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، 1952 - يىلى يەكەن دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1954 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەكەندە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇسەمەت خېلىل 1960 - يىل 11 - ئايدا <يەكەن گېزىتى> ئىدارىسىغا يۆتكلىپ، مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلىدىن تارتىپ يەكەن ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىش بېجىرگۈچى، ناھىيلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇئاۋىن رەئىس بولغان، 1993 - يىل 5 - ئايدا پېنسىيگە چىققان.

ئابدۇسەمەت خېلىل شېئىرىيەت ساھەسىگە 1952 - يىلى <يەكەن ئاممىۋى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <بىلىم بېغىدا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <ۋاپا ئەھلىگە مەن شەيدا>، <ۋەتەندەك غەمگۈزار بولماس>، <سۆيدۈم دېسەڭ>، <سىرلىق مۇھەببەت>، <يىلدا ئەمەس،ئۆزۈمدە ئەيىب>، <ئادىمىي شەيتان> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى؛ <يەكەن>، <زەرەپشان ئوغلى>، <مۇنبەر قىسىسى>، <قانلىق ئىز>، <لەيلىگۈل> قاتارلىق بىر قىسىم داستانلارنى يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇسەمەت خېلىلنىڭ بەزى شېئىرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپتلارغا ئېرىشكەن.

ئابدۇسەمەت خېلىلنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <زەرەپشان چېچەكلىرى> (ئابدۇرېھىم ئىسمايىل بىلەن بىللە، 1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <زەرەپشان> (8219 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ھايات سۆيگۈسى> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <رۇبائىيلار> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى بار.

ئابدۇسەمەت خېلىل ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]