ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن رۇبائىيلىرى

ئورنى Wikipedia

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن رۇبائىيلىرى


(1)

گۈل ئېچىلماس گۈلگە گۈل دەۋران باھارىڭ بولمىسا،

سايرىما بۇلبۇل كەبى گۈل ئىختىيارىڭ بولمىسا .

زىننەت ھەم تىلەش بىلەن شۆھرەت ساڭا بولماس رەپىق،

قايغۇ يا شادلىققا تۇتقان پەخرۇ، ئارىڭ بولمىسا .

(2)

قايسى بىر رەڭدار چېچەكنىڭ ھۆسنى دىدارىڭچە بار،

قايسى بىر ياقۇت قەدەھنىڭ كەيپى خۇمارىڭچە بار .

گۈلگە بۇلبۇل، جامغا مەيخور بەند – شەيدا بىگۇمان،

قايسى شەيدانىڭ پىراقى مەن گىرىپتارىڭچە بار ؟

(3)

مەيلى شاھ، مەيلى گاداي ئىلكىدە بىر خەزىنە ياتۇر،

ئول ئۆمۈر گويا راۋان دەريا كەبى تىنماي ئاقۇر.

شاھلار ئاۋارە بولغان خەزىنە – چىن خەزىنە ئەمەس،

شەخسى خىسلەت ئېتىبارىڭ ئۈستىدە باشىڭ قاتۇر.

(4)

گۈل تولۇپ تۇرغان بېغىڭغا كۆرگىلى رەنا كېلۇر،

يەر تاياپ ياتقان چېغىڭدا يانىڭا دەنا كېلۇر.

بەزىدە دەريا قۇرۇق، بەزەن باسار چۆلنى قىيان،

رەڭمۇ رەڭ ئوبرازغا باق، شەكلىدىن مەنا كېلۇر.

(5)

ئاينى تۇتماق، كۆككە ئوق ئاتماق ساڭا شۆھرەت ئەمەس،

تاجۇ – تەختىڭگە پۈكۈنمەك بىلدۈرەر ھۆرمەت ئەمەس.

ياخشىلىق ئەل شەنىنى، ئەل بەختىنى مىزان قىلار،

ئەل ئۈچۈن چەكسەڭ رىيازەت – ئۇ بەخت، ھەسرەت ئەمەس.

(6)

خار بولۇپ ئاپتاپتا ياتساڭ كىم سېنى خار ئەيلىمەس،

جۈرئىتىڭ بولمايدىكەن كىملەرمۇ دىشۋار ئەيلىمەس.

قۇت تېپىپ شاھ تاجىدا قىلساڭ جۇلا زۇمرەت بولۇپ،

ھەرقاچاندا، ھەر زاماندا كىم سېنى يار ئەيلىمەس؟

(7)

قوي جاھان مەغرۇرلۇقىڭ، ئىسراپ ساڭا شۆھرەت ئەمەس،

ھەم تېجەش، كەمتەر ياشاش بەختىڭ ئۈچۈن كۈلپەت ئەمەس.

بولدى رىم ئاخىر ھالاك كەيپى – ساپا، شۆھرەت بىلەن،

كىم پېتىنغاي ئېيتقىلى – بۇ كۈن يەنە قىسمەت ئەمەس.

(8)

تاماخورلۇق خۇنۇك ئىللەت، ئۇنىڭدىن سورما ۋىجداننى،

كۆزىنىڭ ئاچلىقى ھەتتا گۆرىگە تاشلىغاي جاننى.

تامادىن مۇددى’ئا پۈتمەس، تاماخور نەپسى بىر تويماس،

ئۇنىڭدىن قايسى ئىللەت زور يوقاتقان قەدرى ئىنساننى؟

(9)

تەسەۋۋۇر ئەتمىكىم شەرتتۇر توپادىن تۇتىيا ئىزلەپ،

تەپەككۇر قىلمىقىم ھاجەت ئاۋامدىن ئەۋلىيا ئىزلەپ.

بىھەد ھادىس جاھان ئىچرە كەرەمدىن ئۆزگە شۆھرەت يوق،

بېزە قەددىڭنى ئەي دانىش مۇشەققەتتىن زىيا ئىزلەپ.

(10)

پىراق ئوتۇڭ كاساپەتتۇر، سېغىنماق دەشتى ئاپەتتۇر،

چۈشەش گويا سا’ئادەتتۇر، ۋىسالىڭ مىسلى ئامەتتۇر.

دېمە لەۋزىمنى دەرۋىش ھالىدا ئېيتقان جۇنۇن ئەھدى،

قەلەندەر قەلبىدە ئىدراك – جاھان شاھى رىياسەتتۇر.

(11)

تەكەببۇرلۇق نىشان بولغاي – ئەقىل كور بولسا ئامەتتىن،

كېبىر كۈلگەن چېغى قالماس نىشانە ئىستىقامەتتىن.

تەكەببۇرلار ئۆمۈر دەرياسىدا بۇزھغۇننى دۆلەت دەر،

قومۇشتا بولمىغاي خىسلەت چىنارلىق قەددى قامەتتىن.

(12)

شېئىر شۆھرەت ئەمەس، ئەمگەك – ساپاسى ھىس ۋە ئىدراكتا،

سىياقىڭ قانچىلىك بولسا كۆرۈنگەي سۆزدە – ئەينەكتە.

تەپەككۇر كانىنى قازماي، تەسەۋۋۇر تىكلىمەك مۈشكۈل،

جاۋاھىر تاپقىلى بولغاي كۆڭۈل كەڭ بولسا كۆكرەكتە.

(13)

سابا يىغلايدۇ ئاھ ئېيتسام چىدالماي نالە – زارىمغا،

زېمىن تەۋرەيدۇ داد ئېيتسام مېنىڭ مۇڭلۇق قارارىمغا.

يۈرۈپ مەن بىپايان يوللار ئارا سەرگەشتە دەرۋىشتەك،

بىلەلمەسمەن نەسبى تەقدىرىم قايغا بارارىمغا.

(14)

پىداكارلىقتا مەن – مەن دە، ئۆزۈڭنى دالدىغا ئالماي،

قۇسۇر يۈز بەرسە مەن – مەن دە، گۇناھنى ئۆزگىگە ئارتماي.

ھالاۋەتتە دېمە مەن – مەن، ياراشماس مەردكە مەنمەنلىك،

نەزەر سال شۇنچە مەنمەنلەر ياتار تار قەبرىدىن ئارتماي.

(15)

گەر ۋەتەن دەپ كۈيلىسەم نەزمەم ئىچىدىن بال ئاقار،

سىنە – قەلبىمنى ھېسابسىز سۆيگۈ ئىلھامى قاقار.

بۇ ئانا تۇپراققا شان قوشماق ئوغۇللۇق ئىستىكىم،

قىلسا پەرۋاز مىسلى سۇمرۇغدەك ئاڭا ئالەم باقار.

(16)

سىزگە سۇندۇم نەزمە دىۋان – بىر قۇتا مارجانىنى،

ياكى سۇندۇم زەر قەپەزدە بۇلبۇلى خەندانىنى.

ئەتىۋارلاپ ئەتىردەك قىلماڭ ئۇنى شىشىگە بەند،

ھەر نەزىم بىر گۈل، كېزىپ تىزدىم ۋەتەن بوستانىنى.

(17)

كۆڭۈلنىڭ قۇلپىنى ئاچقاي سۆزۈڭدە بولسا گەر ھىكمەت،

جىدەلنىڭ ئۇرۇغىنى چاچقاي سۆزۈڭدە بولسا گەر ئىللەت.

كىشلىك قەدرى سۆز بىرلە، ساپايىڭغا سۆزۈڭ شاھىد،

گۈزەل سۆز قۇت ئاتا قىلسا، خۇنۇك سۆز يەتكۈزەر كۈلپەت.

(18)

جاھالەت بىر خۇنۇك تۈنكى، بۇ تۈن پەردىسى غەپلەتتە،

بۇ غەپلەت بىر چۈشەكەشكى، ئۇنىڭ ھەر ئەۋجى دەھشەتتە.

نادانلىقنىڭ تۈپەيلى پىتنە- بۆھتان، رەشىك- ھەسەت قاينار،

ئاڭا ئەل ئاشىغى قاخشار كۆرۈپ بۇ ھالنى ھەسرەتتە.

(19)

كىشىنىڭ خۇلقى – مەيلىدە تەپەككۈر سايىسى باردۇر،

ئۈمىد تۇغقان كىشى ھەر خىل، ئۇنىڭ ئۆز غايىسى باردۇر.

مەگەر تەن ۋەجىنى مىزانغا سالساڭ، پەرقى ئاز، ئەمما

قەلبلەر پەرقى يەر-ئاسمان، ئۇنىڭ نە چارىسى باردۇر.

(20)

قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ، ھەر بېتى راھەت ماڭا،

مەيلى قايغۇ، مەيلى شاتلىق، كەلگىنى ئامەت ماڭا.

بولسا گەر قەلبىمدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار،

بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت ئامىتىم ئاپەت ماڭا.

(21)

نېتەي، ئاپەت مۇھەببەتتىن يۈرەكتە بولدى ئوت پەيدا،

تۈتەكسىز ئۇشبۇ ئاتەشنى كۆرۈش تەس بولسا دىل ئەما.

چىراغ پەرۋانىسىن كۆرگەن چېغىمدا ئويلىمايمەن ھېچ،

مېنى قىلدى نەسىۋەم ئاقىۋەت پەرۋانىغا سىما.

(22)

ھەسەتخور بولسا باغۋەن نە ئېچىلغاي باغدا گۈل رەنا؟

ئۆزىنى پىتنىچى -بۇلبۇل دېسە خەندىدە نە مەنا؟

بىراۋلار زەمزەمىن ماختاپ، تۈكۈرسە ئۆز بۇلاقىغا،

بولۇر چۆللۈك مۇكاپاتى قىلىپ نەم قەترىگە تەشنا.

(23)

كۆرۈپ مەستانە بولدۇم مەن ۋاپادىن بىخەۋەر يارغا،

مۇھەببەت مەشئىلىن ئۇشلاپ ئېرىشتىم نارى گۈلزارغا.

كۆڭۈلدىن ئاچمىدى خىلۋەت، لېۋىدىن سۇنمىدى شەربەت،

پىراقى مەھلىيا قىلدى چېكىمسىز جاننى كوكنارغا.

(24)

كىشىنى ئوت ئارا تاشلاپ تۇتۇنما ئۆزگە بىر كارغا،

كەچۈرگىن بولسا گەر نۇقسان، ساخاۋەت قىل ئەيىپكارغا.

كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكى دۆلەت، زەھەر تۇتماق – زەھەر يۇتماق،

ھەسەتتىن دارغا ئاسقاننىڭ يېزىلمىش قىسمىتى دارغا …

(25)

قاقاقلاپ كۈلمىكى زىننەت گۈزەلنىڭ شادۇ – خەنداندا،

دۇتتارنى چالمىقى راھەت ئۇنىڭ رەڭدار پىشايۋاندا.

بۈگۈن مەن توز بىلەن گويا بۇ باغدا سەيلىدە بولدۇم،

يۇمۇلغايمۇ كۆزۈم ئەتە ئۇنى كۆرمەستىن ئارماندا؟

(26)

قونىدۇ سۇمرۇغ چىنارغا، بەزىدە قاقشالغىمۇ،

خىسلىتىڭ ھەم قىسمىتىڭ تەسىر قىلۇر ئىقبالغىمۇ.

گەرچە ھېكمەت قامۇسىغا مەنا ئېيتساڭمۇ، يەنە

بەزىدە ئوخشايدۇ ھادىس رەمچى سالغان پالغىمۇ.

(27)

تۇمان باسماس ھاۋا بولماس پايانسىز دەشتۇ – دەريادا،

گۇمان كىرمەس كۆڭۈل بولماس نە دانا ياكى تەرسادا.

گۇمان بىرلە پىكىر قىلما، ئەقىل زېھنىڭ قۇياش بولسۇن،

پىكىر تەختىڭگە شەيتان شاھ – گۇمان بىرلە تەمەننادا.

(28)

پىراق ئوتۇڭ كاساپەتتۇر، سېغىنماق دەشتى ئاپەتتۇر،

چۈشەش گويا سا’ئادەتتۇر، ۋىسالىڭ مىسلى ئامەتتۇر.

دېمە لەۋزىمنى دەرۋىش ھالىدا ئېيتقان جۇنۇن ئەھدى،

قەلەندەر قەلبىدە ئىدراك – جاھان شاھى رىياسەتتۇر.

(29)

سېنىڭ جادۇ كۆزۈڭنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ يوقالغانمەن،

ئۆزۈمنى ئاختۇرۇپ تاپسام چېچەك بوستانىغا تولغانمەن.

تەقەززا ئەيلىمەس بۇلبۇل كەبى قەلبىم قەپەزگاھنى،

قىزىلگۈل دەپ تىكەنلەر دەستىدىن قانغا بويالغانمەن.

(30)

لاۋازىملىق ئەمەس دوستلۇق، ئۇنىڭ يىلتىز – شېخى ھۆرمەت،

مەگەر دوستلۇققا دان تىكسەڭ، ئۇنىڭ ياپراق – بىخى ھۆرمەت.

ئۇنى بۇ، بۇ ئۇنى ئىشقا سېلىش دوستلۇق ئەمەس، لاپقۇت،

غەرەز شۇ بولسا دوستلۇقتىن ئۇنى سەن باشتىراق تەرك ئەت!

(31)

ئۇلۇق خاھىش بىلەن ئاقسۇن ئاياقىڭ ئاستىغا قانىم.

كى تۇپراق ئاستىدا كۆرسەممۇ بەختىڭنى قەدىردانىم.

شەپەق ئاسمانىدا ھۆردەك بەلەن ئاۋاز بىلەن ئۇچساڭ،

نىچۇن كۈلمەس قۇچۇپ شەبنەم لەھەت ئۈستىدە رەيھانىم؟

(32)

مەيلى سەن ھايات دەپ ئۈزۈڭنى بەزلە.

مەيلى سەن ئۈلۇم دەپ ئىبادەت ئىزلە.

ھەق – ناھەق چىرمىشىپ كەتكەن ئالەمدە.

ئىلىمنى قەدىرلەپ ھەق سۆزنى سۆزلە.

(33)

سېنىڭ ئوقيالىرىڭ قىلدى تىنىمنى توزۇتۇپ ۋەيران.

شىپا قىلما تىۋىپ بەس! ئول بولۇپ قالسۇن ساداق ئورمان.

سېنىڭ ئەپسۇنلىرىڭ گويا قىلىچتەك تىلدى سىنەمنى،

يارامنى تىكمە، قان دەرياسىدىن ئۈزسۇن كېمەڭ ھەر يان.

(34)

ئەرك ئۈچۈن جاندىن جۇدا بولماق شەرەپكە ئىپتىدا،

لەنىتى كۈندۈر ياشاش بولماي خالايىققا پىدا.

ئۆز ئۆيىنىڭ راھىتى ئالدارمۇ مەردنىڭ قەلبىنى؟

تېخى غۇربەت زەنجىرى تۇرسا غېرىبلار بوينىدا.

(35)

«قادىر ئاللا» ئوت ئەمەس، تۇپراقتا تەن قىلسا بىنا،

خۇددى ئوت كەتكەن بىنادەك مەن پىراققا مۇپتىلا.

گەرچە سۇ ئوتنى ئۈچۈرسە، كۆزدە ياشىم ياغ پەقەت …

كۆز يېشىم ئوت ئۈستىگە ئوتنى قوشۇپ بولدى بالا.

(36)

كۆڭۇل بىر قۇش، گۈزەل سۆز دان-ئوزۇقى،

بۇ دان-ئوزۇقتا ھەم بار قۇش توزىقى.

گۈزەل سۆز بولسا گەر دىلدىن بېشارەت،

ئۇنىڭ مەغرۇر لەپىلدەر غەلىبە تۇغى.

(37)

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم.

مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم.

ئۆز تىلىنى خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،

ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم.

(38)

كىشىلىك زىننىتى سۆزدۇر، يەنە ئالەمگە خاقان سۆز،

گۈزەل سۆز باغۇ-بوستان، تۇتى ھەم بۇلبۇلچە خەندان سۆز.

ئۆمۈر-مەكتەپ، تىلاۋەت ئەيلىسەڭ ئىرپان -ئىلىم كۆپتۇر،

بۇ ئىرپانلارنى مىڭ يۇلتۇز دىسەڭ، زەر پەرقى چولپان سۆز.

(39)

قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ، ھەر بىر بېتى راھەت ماڭا،

مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت ماڭا .

بولسا گەر قەلبىمدە ھېكمەت قىلغۇسى جۇتنى باھار،

بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت، ئامىتىم ئاپەت ماڭا .

(40)

ﮔﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺱ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺑﺎھﺎﺭﯨﯔﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،

ﺳﺎﻳﺮﯨﻤﺎ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﻛﻪﺑﻰ ﮔﯜﻝ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.

ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚھﺮﻩﺕ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱﺭﻩﭘﯩﻖ،

ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻳﺎ ﺷﺎﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺧﺮﯗ، ئاﺭﯨﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.

(41)

قايسى بىر ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﭼﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ھﯚﺳﻨﻰ ﺩﯨﺪﺍﺭﯨﯖﭽﻪﺑﺎﺭ،

قايسى بىر ﻳﺎﻗﯘﺕ ﻗﻪﺩﻩھﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﻰ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﯖﭽﻪﺑﺎﺭ.

ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ، ﺟﺎﻣﻐﺎ ﻣﻪﻳﺨﻮﺭ ﺑﻪﻧﺪ-ﺷﻪﻳﺪﺍﺑﯩﮕﯘﻣﺎﻥ،

ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﻪﻳﺪﺍﻧﯩﯔ ﭘﯩﺮﺍﻗﻰ ﻣﻪﻥ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭﯨﯖﭽﻪﺑﺎﺭ؟

(42)

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺷﺎھ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﮔﺎﺩﺍي ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺯىنە ﻳﺎﺗﯘﺭ،

ئوﻝ ئۆﻣﯜﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻛﻪﺑﻰ ﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ئاﻗﯘﺭ.

ﺷﺎھﻼﺭ ئاﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﺯىنە - ﭼﯩﻦ ﺧﻪﺯىنە ئەﻣﻪﺱ،

ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﯔ ئۈﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﯩﯔﻗﺎﺗﯘﺭ.

(43)

ﮔﯜﻝ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯧﻐﯩﯖﻐﺎ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺭﻩﻧﺎﻛﯧﻠﯘﺭ،

ﻳﻪﺭ ﺗﺎﻳﺎﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﺪﺍ ﻳﺎﻧﯩﯖﺎ ﺩﻩﻧﺎﻛﯧﻠﯘﺭ.

ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ، ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺑﺎﺳﺎﺭ ﭼﯚﻟﻨﻰﻗﯩﻴﺎﻥ،

ﺭﻩﯕﻤﯘ ﺭﻩﯓ ئوﺑﺮﺍﺯﻏﺎ ﺑﺎﻕ، ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﺎﻛﯧﻠﯘﺭ.

(44)

ئاﻳﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻕ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ئوﻕ ئاﺗﻤﺎﻕ ﺳﺎﯕﺎﺷﯚھﺮﻩﺕ ئەﻣﻪﺱ،

ﺗﺎﺟﯘ-ﺗﻪﺧﺘﯩﯖﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﻧﻤﻪﻙ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺭ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ئەﻣﻪﺱ.

ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ئەﻝ ﺷﻪﻧﯩﻨﻰ، ئەﻝ ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﻣﯩﺰﺍﻥﻗﯩﻼﺭ،

ئەﻝ ئۈﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﺴﻪﯓ ﺭﯨﻴﺎﺯﻩﺕ-ئۇ ﺑﻪﺧﺖ، ھﻪﺳﺮﻩﺕ ئەﻣﻪﺱ.

(45)

ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ئاﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻳﺎﺗﺴﺎﯓ ﻛﯩﻢ ﺳﯧﻨﻰ ﺧﺎﺭ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﺱ،

ﺟﯜﺭﺋﯩﺘﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻣﯘ ﺩﯨﺸﯟﺍﺭ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﺱ.

ﻗﯘﺕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺷﺎھ ﺗﺎﺟﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺟﯘﻻ ﺯﯗﻣﺮﻩﺕﺑﻮﻟﯘﭖ،

ھﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻧﺪﺍ، ھﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺳﯧﻨﻰ ﻳﺎﺭ ئەﻳﻠﯩﻤﻪﺱ؟

(46)

ﻗﻮﻱ ﺟﺎھﺎﻥ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯘﻗﯩﯔ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﺳﺎﯕﺎ ﺷﯚھﺮﻩﺕ ئەﻣﻪﺱ،

ھﻪﻡ ﺗﯧﺠﻪﺵ، ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺑﻪﺧﺘﯩﯔ ئۈﭼﯜﻥﻛﯜﻟﭙﻪﺕ ئەﻣﻪﺱ.

ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﯨﻢ ئاﺧﯩﺮ ھﺎﻻﻙ ﻛﻪﻳﭙﻰ-ﺳﺎﭘﺎ، ﺷﯚھﺮﻩﺕﺑﯩﻠﻪﻥ،

ﻛﯩﻢ ﭘﯧﺘﯩﻨﻐﺎﻱ ئېيتقىلى-ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ئەﻣﻪﺱ.

(47)

ﺗﺎﻣﺎﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺧﯘﻧﯘﻙ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﻣﺎﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ،

ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ئاﭼﻠﯩﻘﻰ ھﻪﺗﺘﺎ گۆرىگە ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻱﺟﺎﻧﻨﻰ.

ﺗﺎﻣﺎﺩﯨﻦ مۇددىئا ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ، ﺗﺎﻣﺎﺧﻮﺭ ﻧﻪﭘﺴﻰﺑﯩﺮ ﺗﻮﻳﻤﺎﺱ،

ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﺭﻯﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ؟

(48)

ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ئەﺗﻤﯩﻜﯩﻢ ﺷﻪﺭﺗﺘﯘﺭ ﺗﻮﭘﺎﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯩﻴﺎﺋﯩﺰﻟﻪﭖ،

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﯩﻢ ھﺎﺟﻪﺕ ئاﯞﺍﻣﺪﯨﻦ ئەﯞﻟﯩﻴﺎﺋﯩﺰﻟﻪﭖ.

بىھﻪﺩ ھﺎﺩﯨﺲ ﺟﺎھﺎﻥ ﺋﯩﭽﺮﻩ ﻛﻪﺭﻩﻣﺪﯨﻦ ئۆﺯﮔﻪﺷﯚھﺮﻩﺕ ﻳﻮﻕ،

ﺑﯧﺰﻩ ﻗﻪﺩﺩﯨﯖﻨﻰ ئەي ﺩﺍﻧﯩﺶ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﯩﻦﺯﯨﻴﺎ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ.

(49)

ﭘﯩﺮﺍﻕ ئوﺗﯘﯓ ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺗﺘﯘﺭ، ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻕ ﺩﻩﺷﺘﻰ ئاﭘﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﭼﯜﺷﻪﺵ ﮔﻮﻳﺎ ﺳﺎئاﺩﻩﺗﺘﯘﺭ، ﯞﯨﺴﺎﻟﯩﯔ ﻣﯩﺴﻠﻰ ئاﻣﻪﺗﺘﯘﺭ.

ﺩﯦﻤﻪ ﻟﻪﯞﺯﯨﻤﻨﻰ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ھﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥﺟﯘﻧﯘﻥ ئەھﺪﻯ،

ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ-ﺟﺎھﺎﻥ ﺷﺎھﻰ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﺘﯘﺭ.


(50)

ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻟﯘﻕ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ-ئەﻗﯩﻞ ﻛﻮﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ئاﻣﻪﺗﺘﯩﻦ،

ﻛﯧﺒﯩﺮ ﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﻰ ﻗﺎﻟﻤﺎﺱ ﻧﯩﺸﺎﻧﻪ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ.

ﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯘﺭﻻﺭ ئۆﻣﯜﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯘﮊﻏﯘﻧﻨﻰﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭ،

ﻗﻮﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺧﯩﺴﻠﻪﺕ ﭼﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺩﺩﻯﻗﺎﻣﻪﺗﺘﯩﻦ.

(51)

شېئىر ﺷﯚھﺮﻩﺕ ئەﻣﻪﺱ، ئەﻣﮕﻪﻙ-ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ھىس ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﺎ،

ﺳﯩﻴﺎﻗﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻱ ﺳﯚﺯﺩﻩ-ئەﻳﻨﻪﻛﺘﻪ.

ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﻣﺎﻱ، ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﺗﯩﻜﻠﯩﻤﻪﻙﻣﯜﺷﻜﯜﻝ،

ﺟﺎﯞﺍھﯩﺮ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎﻛﯚﻛﺮﻩﻛﺘﻪ.

(52)

ﺳﺎﺑﺎ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ئاھ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﭼﯩﺪﺍﻟﻤﺎﻱ ﻧﺎﻟﻪ-ﺯﺍﺭﯨﻤﻐﺎ،

ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﻪﯞﺭﻩﻳﺪﯗ ﺩﺍﺩ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻤﻐﺎ.

يۈرۈپ مەن ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭ ئاﺭﺍ ﺳﻪﺭﮔﻪﺷﺘﻪﺩﻩﺭﯞﯨﺸﺘﻪﻙ،

ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﺳﻤﻪﻥ ﻧﻪﺳﺒﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻢ ﻗﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍﺭﯨﻤﻐﺎ.

(53)

ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﻥ-ﻣﻪﻥ ﺩﻩ، ئۆﺯﯛﯕﻨﻰ ﺩﺍﻟﺪﯨﻐﺎ ئاﻟﻤﺎﻱ،

ﻗﯘﺳﯘﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻣﻪﻥ-ﻣﻪﻥ ﺩﻩ، ﮔﯘﻧﺎھﻨﻰ ئۆﺯﮔﯩﮕﻪ ئاﺭﺗﻤﺎﻱ.

ھﺎﻻﯞﻩﺗﺘﻪ ﺩﯦﻤﻪ ﻣﻪﻥ-ﻣﻪﻥ، ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﺎﺱ ﻣﻪﺭﺩﻛﻪﻣﻪﻧﻤﻪﻧﻠﯩﻚ،

ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻝ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﺗﺎﺭﻗﻪﺑﺮﯨﺪﯨﻦ ئاﺭﺗﻤﺎﻱ.

(54)

ﮔﻪﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﻳﻠﯩﺴﻪﻡ ﻧﻪﺯﻣﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦﺑﺎﻝ ئاﻗﺎﺭ،

ﺳﯩﻨﻪ-ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ئىلھﺎﻣﻰﻗﺎﻗﺎﺭ.

ﺑﯘ ئاﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺷﺎﻥ ﻗﻮﺷﻤﺎﻕ ئوﻏﯘﻟﻠﯘﻕﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻢ،

ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﺳﯘﻣﺮﯗﻏﺪﻩﻙ ئاﯕﺎ ئاﻟﻪﻡﺑﺎﻗﺎﺭ.

(55)

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ ﻧﻪﺯﻣﻪ ﺩﯨﯟﺍﻥ-ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﯩﻨﻰ،

ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ ﺯﻩﺭ ﻗﻪﭘﻪﺯﺩﻩ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺧﻪﻧﺪﺍﻧﯩﻨﻰ.

ئەﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ئەﺗﯩﺮﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ئۇﻧﻰ ﺷﯩﺸﯩﮕﻪﺑﻪﻧﺪ،

ھﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻝ، ﻛﯧﺰﯨﭗ ﺗﯩﺰﺩﯨﻢ ﯞﻩﺗﻪﻥﺑﻮﺳﺘﺎﻧﯩﻨﻰ.