ئابدۇشۈكۈر تۇردى

ئورنى Wikipedia
ئابدۇشۈكۈر تۇردى
مىللىتىئۇيغۇر


ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ژۇرنالىست ئابدۇشۈكۈر تۇردى 1936 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1945 - يىلدىن 1956 - يىلىغىچە <ئۈمىد مەكتىپى>، غۇلجا بىلىم يۇرتى ۋە غۇلجا ئەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ، 1956 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلىپ، تاشكەنىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1961 - يىل 8 - ئايدا مەملىكىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايوملۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، 1981 - يىلغىچە <تارىم> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، ئەدەبىيات تەتقىقات ئىشخانىسىدا تەتقىقاتچى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىدە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇشۈكۈر تۇردى 1981 - يىل 10 - ئايدا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

ئابدۇشۈكۈر تۇردى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1950 - يىللارنىڭ باشلىرىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا، مەخسۇس ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن <غۇپۇر غۇلامنىڭ 30 - يىللاردىكى ئىجادىيىتىدە شەرق تېمىسى>، <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان داستانچىلىقى ۋە >چولپان< داستانى ھەققىدە>، <خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى - ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى>، <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <زەلىلى ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ >سەپەرنامە< داستانى، >ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى< قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ يەنە >ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قىسقىچە ئوچېركى<، >ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى< غا ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك، مۇھىم ئەسەرلەرنى يېزىشقا قاتناشقان ياكى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئابدۇشۈكۈر تۇردى يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەر - >جۇڭگو ئىنسكلوپىدىيىسى<نىڭ >جۇڭگو ئەدەبىياتى< تومىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىنى يېزىشقا قاتناشقان ھەم مەزكۇر تومنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولغان.

ئابدۇشۈكۈر تۇردى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر قىممەتلىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاش جەھەتىمۇ ئاز بولمىغان ئەمگەكلەرنى قىلغان. ئۇ، موللابىلالنىڭ >غەزەليات<، >گۇمنام غەزەللىرى<، >ئوغۇزنامە<، >نەسردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى<، زەلىلىنىڭ >سەپەرنامە<، نىزارىنىڭ >لەيلى - مەجبۇن<، ئاياز شىكەستىنىڭ >جاھاننامە< داستانلىرىنى نەشرگە تەييارلىغان. ئابدۇرشۈكۈر تۇردى يەنە >قۇتادغۇبىلىك< نىڭ نەزمە نۇسخىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، ئەسەرنىڭ ترانسكرىپسىيلىك تولۇق مەتنىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان ھەم باشقىلار بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر ئەسەرنىڭ نەسرىي يەشمە نۇسخىسىنى ئىشلەپ نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب دۆلەتلىك كىتاب مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئابدۇشۈكۈر تۇردى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، رۇسچىدىن ۋە خەنزۇچىدىن بىر مۇنچە مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان.

ئابدۇشۈكۈر تۇردى ھازىر جۇڭگو فولكلور ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، >قۇتادغۇبىلىك< ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]