ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن-ئائىلە

ئورنى Wikipedia

ئائىلە ئەسسالام كىتاپخان!

سىز بىلەن كىشلىك، مىللەت، شەخسىي تۇرمۇش ۋە مەدىنىيەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان ئائىلە مەسلىسى توغۇرلۇق سوھبەتلەشكىنىم ئۇچۇن خۇشالمەن.


ھەممىگە مەلۇمكى، ئائىلە بىلەن كىشلىك، ئائىلە بىلەن مىللەت ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ مەدەنى ئۇقۇم . ئائىلە- ئىنسان ماددى تۇرمۇشى ۋە مەدىنى تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىندىۋدۇالى ئۇچۇن ئاساسلىق ئىجتىمائى بىرلىك قاتلىمى . ئائىلە- نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنى شەكلى بولۇپ قالماي، ئۇ يەنە، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇتگاھى ؛ مېھىر- شەپقەت، ئەقىل- ئىدراك، ئەخلەق ئادەت، بىلىم- مەدىنىيەتنى يېتىشتۈرىدىغان تۇنجى مەكتىپى؛ قوشنىلارغا، ئىلىم ئۇچاقلىرىغا، جەمىيەتكە، كىشلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بۇسۇغۇسى؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل مۇزېيى؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قويۇپ چىقىدىغان قېلىپ.


كىشلىك – ئىنسان ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇئەييەن تارىخى ۋە ئىجتىماھى مۇھىتتىكى مۇجەسسەم قىممىتىدىن ئىبارەت . كىشلىك نۇقۇل مەنىدىكى شەخىسنىڭ ئارزۇ ۋە غايىلىرى ياكى تەغدىر ۋە قىسمەتلىرى ئەمەس . ئۇ مۇئەييەن تارىخى دەۋىردىكى مەدىنىيەت جۇغلانمىسى، ئاڭ ۋە ئادەت چەمبىرى بىلەن مۇئەييەن ئىجتىمائى شارائىت يول قويغان رىئال ئىمكانىيەتلەر جەمئىيىتىدە ئىنسان ۋە ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قالدۇرغان قىممىتىنىڭ ئىپتىخار – ئارمان قۇتۇپلىرى ئارىسىدىكى كونكىرېت كۆرسەتكۈچى.


ئائىلە بىلەن كىشلىك، كىشلىك بىلەن ئائىلە قان بىلەن مۇسكۇلدەك يېقىن بولۇپ، ئائىلىسىز كىشلىكنى. كىشلىكسىز ئائىلىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس .


ۋاھالەنكى، ئائىلە بىلەن كىشلىك ئىلمىي تەپەككۇر شەكىلدە ناھايتى ئاز تەتقىق قىلىنغان . كىشلىك ئىچىدە ياشاپ كىشلىكتىن خەۋەرسىز خۇراپات، پالچىلىق، موللا تاپقاقلىققا ئەقىدە قىلىپ ئالەمدىن كېتىدىغان كىشلەر ساناقسىز بولغاندەك، ئائىلىدە ياشاپ ئائىلە ھەققىدە ئىلمىي تۇنۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ، ئۆزى بىلگەن ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان نادانلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ھايات يولىنى لاي سۇدەك ئاخىرلاشتۇردىغان ئادەملەرمۇ ھىساپسىز !


ئائىلە – قورامىغا يەتكەن يىگىت- قىزنىڭ ئۇچۇرما بولغان قۇش باچكىلىرىدەك قانات قېقىپ قونۇشقا تەمشىلىدىغان باراخىسان بېغى! ئەمما، نۇرغۇن يىگىت – قىزلار


، ۋە ئەر- ئايالار، ھەتتا بوۋاي- مومايلارمۇ ئائىلە دېگەن نىكاھتىن باشلغان تۇرمۇش دەپلا قارايدۇ . مىللىتىمىزدە سادىر بولۇۋاتقان، ئائىلە قۇرغانلاردا سادىر بولۇۋاتقان ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىغا سساغ سېلىۋاتقان بىر قاتار نۇقسانلار، ئىللەتلەر، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ۋە كىشلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنىڭ ئېچىلمىغانلىغى، بۇنىڭ ئىلمىي ئاڭ روھى تەييارلىقسىزلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغانلار زادى قانچىلىك ؟! بىزنىڭ قاۋۇل يىگىتلىرىمىز بىلەن نازۇك قىزلىرىمىز بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھەۋەسلىرىگە گىرىپتار بولسىمۇ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ھىچقانداق زۆرۈر تەربىيە كۆرمەيلا نىكاھلىق بولىدۇ، پەرزەنتلىك بولىدۇ . ئۇلار تۇرمۇش سەپىرىدە كۈتۈلمىگەن زىدىيەتلەرگە دۇچ كېلىپ ، شامالدا دومىلىغان قامقاقتەك تەمتىرەيدۇ، بۆھران ۋە پاجىئەلەرگە يولىقىدۇ . بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇلار ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە، ئۇلارنىڭ دوستلىرىغا، پۈتۈن جەمىيەتكە كۈچلۈك مەنىۋى لەرزە، ھاتتا روھى بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ . يىللار ئەسىرلەر جەريانىدا بۇ ئىللەت ۋە بۇلغىنىشلار مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى، جسمانى ساپاسىنى، مەدىنىيەت ئەنئەنىسى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئېغىر، ھەتتا ھالاك قىلغۇسى تەسىر كۆرسىتىدۇ .


قەدىرلىك كىتاپخان ! ئائىلە ۋە كىشلىك تۇرمۇش نەقەدەر مۇھىم ئىلمىي، ئەمەلىي، تارىخىي تېما –ھە! ئۇ بىر ئۈلپەت- سۆھبەتلىشىدۇ ؛ ئۇ بىر ئەينەك ئېچىپ كۆرسىتىدۇ ؛ ئۇ بىر چىراغ – نەزەرنى يىراققا يېتەكلەيدۇ ؛ ئۇ بىر دورا -كىشىگە شىپالىق بەخش ئېتىدۇ .

ئوقۇتقۇچى بىلەن ئانا، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ! مانا بۇ مىللەت ساپاسىنىڭ ھەقىقىي قېلىپى .

شۇنى بىلىش لازىمكى، كىشلىك جەمىيىتى ئوخشىمىغان مەدىنىيەت تۈركۈملىرىگە ئۇيۇشقان كىشلىك جەمىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملىرى تارىخى ئۆتمۈشى، مەدىنىيەت ئەنئەنىسى، مىللى تۇرمۇش ئادىتى، دىنىي – ئەخلاقىي دەرىجىلىرى جەھەتتە بىر – بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئاساسلىق بىر ئەجدادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركىزى ئاسىيا مەدىنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسلىق بىر ۋارىسلىرى سۈپىتىدە مەركىزى ئاسىياغا خاس مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئۇلار مىڭ يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر – ئىسلام مەدىنىيىتى خاسلىقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلمەكتە . بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئائىلە، مۇھەببەت، شەرمى- ھايا، ئىجتىماھى ئەخلاق قاراشلىردىكى خاسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . شۇ سەۋەپتىن، ئائىلە ۋە كىشلىك مەدىنىيىتى ھەققىدىكى ھەرقانداق كونا ياكى يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتاپ – بىراشورىلارنى شۇ پېتىلا ئۇيغۇر خەلقىگە تېڭىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن . مانا بۇ مەزكۇر كىتاپ مۇئەللىپىنىڭ ئۇشبۇ << ئائىلە>> ناملىق كىتاپقا قەلەم تەۋرىتىشىدىكى سەۋەپتىن ئىبارەت .

كىتابىمىز سىزگە ئەڭ كېرەكلىك مەسلىھەت دەستۇرى، ئەڭ سۈيۈملۈك قويۇن دەپتىرى بولسا ئەجەپ ئەمەس .