ئابدۇغېنى ھەسەن

ئورنى Wikipedia

ئابدۇغېنى ھەسەن، ئۆزبىك، 1918 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىدا دىنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1933 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. 1938 - يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، 1942 - يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ۋە يەكەندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1943 - يىلى 5 - ئايدا قەشقەردە ئىنقىلابىي يەر ئاستى خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ، خىزمەت جەريانىدا قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا قارشى تەشۋىقات گۇرۇپپىسى، كېيىن مەخسۇس گۇرۇپپىلار ئۇيۇشتۇرۇپ ئىلىغا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1945 - يىلى 2 - ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرىشىگە تەييارلىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ، ئۆزى باش بولۇپ، قوزغىلاڭچىلارنى مۇھىم ھەربىي - سىياسىي ئاخبارات بىلەن تەمىن ئەتكەن ۋە قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم ئىلغارلارنى قوراللىق كۈرەشكە تەشكىلللەپ يېتىشتۈرگەن.

1947 - يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتى تىنچلىق بېتىمىنى بۇزۇپ، ئەسەبىيلەرچە ئادەم تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ۋەھشىيانە ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، ئابدۇغېنى ھەسەن خېيىم - خەتەرگە قارىماي، گومىنداڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك داڭبۇ ئارخىپ بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانغا قەدەر يەر ئاستى تەشكىلاتىنى مۇھىم ئاخبارات بىلەن تەمىن ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئابدۇغېنى ھەسەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مەدەنى مائارىپ بۆلۈم مەسئۇلى ۋە ھاكىم قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1953 - يىل ئاخىرى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ئۆزبېك سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 1957 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ سانائەت - قاتناش مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.

مەرھۇم ئابدۇغېنى ھەسەن ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە ئىشلەپ تۆھپە ياراتقان. خىزمەتتە ئەستايىدىل، راستچىل، تۇرمۇشتا ئاددىي - ساددا، ئامما بىلەن چىقىشقاق، تەلەپچان زىيالى ئىدى. ئۇ، ھايات ۋاقتىدا مائارىپ ئىشلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۆزبېك تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت، ئۆرۈپ - ئادەتلىرى قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلغان.

1982 - يلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بەش كىتاب ئىشخانىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شىنجاڭ ئۆزبېك تارىخىنى يېزىپ، تاپشۇرغان ۋە <شىنجاڭ ئۆزبېك ئەدەبىياتى> ناملىق تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ، سىناق نۇسخىسى تارقاتقان ئىدى. بىراق، 3198 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز قازا قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى يورۇقلۇققا چىقىپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىدى.