ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن | |||||
---|---|---|---|---|---|
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||
كەسپى | ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى |
ئابدۇقادىر جالالىدىن (لاتىنچە: Abduqadir Jalalidin؛ خەنچە:阿布都卡德尔•加拉力丁؛ تو: 1964 - يىلى 3 - ئاي، قەشقەر —)، ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالى، يازغۇچى، شائىر، مۇھەررىر، پروفېسسور.
كەچمىش
[تەھرىرلەش]ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964 - يىلى مارتتا ھازىرقى قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق بەشكېرەم يېزىسىدىكى بىر ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بەشكېرەمنىڭ گۈزەل باغلىرى، ساپ، ئاسمىنى كەڭ تەبىئىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەردانە كىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا شېئىرنىڭ ئوتىنى ياندۇرغان. ئۇ تەبىئەتتىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇلار، بالىلىقتىكى ئويۇنلار، سېھىرلىك چۆچەكلەرگە ئوخشاش ئارزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ شېئىرى تۇيغۇ ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇندىن باشقا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ قىزىقىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتنى، تىلنىڭ گۈزەللىكى، كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھەر بىر شائىرنىڭ شىئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە ئەلۋەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بۇ نوقتىدا ھەم شۇنداق. شائىر شىئىرنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ھېرسىمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، قويۇق شېئىرى مۇھىت، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي كەيپىيات، سەنئەتخۇمارلىق شائىرنى شېئىرىيەت رىشىتىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى. شائىرنىڭ شىئىرىيەتكە قىزىقىشى ھەم كىرىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ بەشكىرەمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپدىل كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن سەبىي بالىلىق دەۋرى بولدى.
1982 - 9 - ئايدىن — 1986 - 7 - ئايغىچە سابىق قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئوقۇش ئوقۇغان.
1986 - 7 - ئايدىن — 1988 - 9 - ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.
1988 - 10 - ئايدىن — 1990 - 7 - ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
1990 - 8 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
1993 - يىلى 1 - ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1998 - يىلى 11 - ئايدا كاندىدات پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2004 - يىلى 11 - ئايدا پروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
2005 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان.
2009 - يىلى 11 - ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولغان.
ئېرىشكەن مۇكاپاتلار
[تەھرىرلەش]1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان.
2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان.
2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.
2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.
ئەسەرلىرى
[تەھرىرلەش]
2010-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛
2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»،
1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل ـ پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى،
1993-يىلى شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى،
2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
باشقىلار
[تەھرىرلەش]پەرزەنتى=بۇلبۇلناز جالالىدىن